سۇ ۋە سالامەتلىك
يېتەرلىك مىقداردا سۇ تولۇقلاش، بەدەننىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنىڭ نورمال بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئۇنداقتا، كۈندە قانچىلىك سۇ ئىچىش كېرەك؟
ئادەتتە، ئادەم كۈندە ئىچىدىغان سۇنىڭ مىقدارى، بەدەندىكى سەرپ بولغان سۇنىڭ مىقدارى بىلەن تەڭ بولۇشى كېرەك. كۈندە چىقىرىلىدىغان سۈيدۈكنىڭ مىقدارى تەخمىنەن مىللىلىتىر بولىدۇ. بۇنىڭغا يەنە چوڭ تەرەت، نەپەس جەريانىدا چىقىرىلىدىغان سۇ ۋە تېرىدىن پارغا ئايلىنىپ كېتىدىغان سۇلار قوشۇلۇپ، ئومۇمىي سەرپ بولىدىغان سۇ تەخمىنەن مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. لېكىن ئادەم بەدىنى كۈندە يېمەكلىكتىن ۋە بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىدا تولۇقلايدىغان سۇنىڭ مىقدارى ئاران مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا نورمال ئادەم كۈنىگە ئاز دېگەندىمۇ مىللىلىتىر، يەنى سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچىشى كېرەك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، تاماق يېيىشنىڭ ئالدى – كەينىدە ۋە تاماق يەۋاتقاندا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىشكە بولمايدۇ، ئۇنداق بولغاندا سۇ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. سۇنى، ئادەتتە، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ۋە كۈندۈزى ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا ئىچسە مۇۋاپىق بولىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، كۈندە ئەتىگەندە بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بېرىش، ھەم بۇنى ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇپ بېرىشنىڭ ساغلاملىق ۋە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىسى بار.
. سۇ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئەتىگەندە سۇ ئىچىپ بەرگەندە، ئادەتلىنىش خاراكتېرلىك قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئاشقازان – ئۈچەي ۋاقتىدا تازىلانغانلىقتىن، چوڭ تەرەتمۇ يىغىلىپ قالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇ ئىچىپ بەرگەندە، ئاشقازان -ئۈچەي يېنىك دەرىجىدە غىدىقلىنىپ، ئاشقازان -ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بۇ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.
. سۇنىڭ زەھەر ھەيدەش رولى بولىدۇ. بەزىلەر كەچلىك تاماقنى كۆپ يېيىشكە ئادەتلەنگەن. شۇ سەۋەبتىن، كەچتە ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلىدىغان ھايۋانات ئاقسىلى ۋە تۇز كۆپرەك بولىدۇ. ھايۋانات ئاقسىلى بەدەندە پارچىلىنىپ، بىر قىسىم زەھەرلىك ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغان ۋاقىتتا سۇ ئىچىپ بەرگەندە، سۈيدۈك ھەيدەش ئارقىلىق، زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ.
. سۇ ئىچىپ بەرگەندە، قان بېسىم ۋە ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن دەرھال بىر ئىستاكان ئىلمان قايناق سۇ ئىچىۋەتكەندە، ئالدىنقى كۈنى كەچلىك تاماقتا بەدەن قوبۇل قىلغان تۇزنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. ئادەتتە چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىم ۋە ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.
. يۈرەك سانجىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئادەم بىر كېچە ئۇخلىغاندىن كېيىن، بەدىنىدىكى سۇلار سۈيدۈك، تەر ۋە نەپەس ئارقىلىق ئازىيىپ، قاننىڭ قۇيۇقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ قان تومۇرى دىۋارى ۋە قاننىڭ سىغىمچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال دائىم دېگۈدەك يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان تاجىسىمان ئارتېرىيىدە قان يېتىشمەسلىكنى، ھەتتا ئارتېرىيىنىڭ توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا يۈرەك سانجىقى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كۆپ ھاللاردا، سەھەردە ياكى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز ئەتراپىدا كۆرۈلىدۇ. ياشانغانلار سەھەردە بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسە، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكىلى ۋە قان تومۇرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى، بۇ ئارقىلىق يۈرەك سانجىقى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەتىگەندە سۇ ئىچكەندە قايناق سۇ ئىچىش كېرەك. ئىچكەن سۇنىڭ مىقدارى ئادەتتە ~ مىللىلىتىرغىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. سۇنىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئاشقازانغا پايدىسىز بولۇپ، ئەتىگەنلىك تاماقنى يېيىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
سۇ ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
. قاينىتىلمىغان سۇنى ئىچمەسلىك كېرەك. قاينىتىلمىغان سۇنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ھەر خىل مىكروبلار بولىدۇ. تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، بىر تېمىم سۇ تەركىبىدە تەخمىنەن مىڭ دانە باكتېرىيە بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە پارازىت قۇرت تۇخۇملىرىمۇ بولۇپ، كېزىك، تولغاق تاياقچە باكتېرىيىلىرى سۇدا بىر ئايغىچە ھايات كەچۈرەلەيدىكەن، بۇ باكتېرىيىلەر قورساققا كىرگەندىن كېيىن، ئادەمدە ئاسانلا ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان – ئۈچەي يەللىكى، كېزىك ياكى تولغاق قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
. ئۇسساپ كەتكەندە، بىر قېتىمدىلا جىق سۇ ئىچمەسلىك كېرەك. بىر قېتىمدىلا سۇنى كۆپ ئىچكەندە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئاشقازان – ئۈچەينىڭ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىدا چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ مىقداردىكى سۇ ئاشقازان – ئۈچەيگە يىغىلىپ قېلىپ، ئادەمدە قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ سالامەتلىككە زىيانلىق.
. كۆپ تەرلىگەندە تۇزلۇق سۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك. كۆپ تەرلىگەندە، بەدەن كۆپ مىقداردا سۇنى خورىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاپ، سۇسىزلىنىشتىن ساقلىنىش لازىم. لېكىن بەك تەرلەپ كەتكەندە، تەرنىڭ چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، بەدەندىكى تۇزمۇ ئازلاپ كېتىدۇ. شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا تەركىبىدە تۇز بولغان قايناق سۇنى ئىچىپ بېرىش لازىم. ئادەتتە مىللىلىتىر سۇغا بىر گرام تۇز قوشۇلسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |