قان ئازلىق كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغان ئاياللار
. ئۇزاق مۇددەت قېنىق چاي ۋە قەھۋە ئىچكەنلەر : قەھۋە بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسىنى سۈمۈرۈۋالىدۇ . قېنىق چاي تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتاسى بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسى بىلەن بىرلىشىپ پارچىلىنىش قىيىن بولغان ماددىنى ھاسىل قىلىدۇ - دە ، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلار توسۇلۇپ قېلىپ چىقىپ كېتەلمەيدۇ .
. مېۋە - چېۋە يېيەلمەيدىغانلار : مېۋە - چېۋە تەركىبىدىكى ۋىتامىن C تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
. بوۋاسىر كېسىلى بارلار : ئۇزاق مەزگىل بوۋاسىر كېسىلى بولغانلارنىڭ ھەزىم قىلىش يوللىرىغا ئاستا خاراكتېرلىك قاناش يۈز بېرىدۇ .
. دائىم بۇرنى قانايدىغانلار : بەزى كىشىلەرنىڭ بۇرنى ئەگرى ياكى ياللۇغلىنىپ قالغان بولۇپ ، ھەركۈنى قۇرغاق ھاۋا بىلەن ئۇچراشسا قانايدۇ .
. ھەيز كۆپ كېلىدىغانلار : ھەر قېتىملىق ھەيز مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى - مىللىگرام تۆمۈر ماددىسى خورايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسى يېتىشمەي ناھايىتى ئاسانلا قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ .
. ھامىلدارلار : ھامىلدارلاردىكى فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش ھەر ۋاقىت قان تۇلۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قان سۇيۇلۇپ كېتىدۇ . ھەر قېتىملىق ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەدەندىكى مىللىگرام تۆمۈر ماددىسى خوراپ كېتىدۇ . تاماقنى ئاز يېيىشمۇ قان ئازلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |