يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار
. تېز ئورۇقلاشتىن ساقلىنىشى كېرەك . بەدەن ئېغىرلىقى تېز يېنىكلىگەندە ، كۆپ مىقداردىكى ئاقسىل ۋە مۇسكۇل توقۇلمىلىرى ئازىيىپ ، يۈرەك مۇسكۇل توقۇلمىسىنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ يۈرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ .
. تويۇنۇپ غىزالىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەك . ئۈچ ۋاق تاماقنى تويۇنۇپ يېگەندە ، ئاشقازان دىۋارى كېڭىيىپ ، ئۆپكىنىڭ ئىچكى بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ . يۈرەكنىڭ ماددا مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا بولىدۇ .
. كېچىسى كىچىك تەرەتكە كۆپ قوپۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك . يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كېچىسى كىچىك تەرەتكە كۆپ چىقىشى خەتەرلىك .
. ياغ ئىستېمال قىلماسلىقتىن ساقلىنىشى كېرەك . تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە ، يۈرەك كېسىلىگە گىرپتار بولغانلار ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم بېلىق ، گۆش ۋە ياغ ئىستېمال قىلسا ، خەتەرگە يولۇقۇش نىسبىتى ياغ ئىستېمال قىلمايدىغانلار ۋە تالا ماددىسى نىسبەتەن يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدىغانلارغا قارىغاندا % تۆۋەن بولىدىكەن . يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتا بېلىق ۋە قۇش گۆشلىرىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، يۈرەككە پايدىسى بار ئىكەن .
. قىچا يېغى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك . قىچا يېغى تەركىبىدە % مىرونىك كىسلاتاسى بار بولۇپ ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بۇ ياغنى ئىستېمال قىلسا ، قان تومۇر دىۋارى قېلىنلىشىپ ، يۈرەككە ياغ يىغىلىۋالىدۇ – دە ، كېسەللىك ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ .
. سەھەردە يۈگۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك . سەھەردە يۈگۈرۈش يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ . شۇڭا پىيادە مېڭىش ، ئاستا ، يېنىك ھەرىكەتلەرنى قىلىش لازىم .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |