قانداق كىشىلەر توخۇ شورپىسى ئىچسە بولمايدۇ؟
قاندىكى ياغ تەركىبى يۇقىرىلار :
بۇنداق كىشىلەر توخۇ شورپىسى كۆپ ئىچسە ، قاندىكى ياغ تەركىبى تېخىمۇ ئېشىپ ، قان تومۇر پەردىسىدە نوكچا ھاسىل قىلىپ ، قان قېتىشىشنى پەيدا قىلىدۇ .
قان بېسىمى يۇقىرىلار :
توخۇ شورپىسىنى داۋاملىق كۆپ ئىچكەندە ئارتېرىيە قېتىشىشتىن باشقا ، يەنە قان بېسىمىنى داۋاملىق ئۆرلىتىۋېتىدۇ .
بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلار :
توخۇ شورپىسى يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىك ، ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ، يۇقىرى ئازوتلۇق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ .
ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەنلەر :
توخۇ شورپىسى ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئاشقازان يارىسى ، ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەنلەر ياكى پات – پات ئاشقازىنى قاناش تارىخى بارلار توخۇ شورپىسىنى كۆپ ئىچمەسلىكى كېرەك .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |