خوتەن قاشتېشىنىڭ سالامەتلىككە بولغان شىپالىق رولى
ئاپتور : ئوبۇلھەسەن داۋۇت
خوتەن قاشتېشىنى قەدىمىي دەۋرلەردىن باشلاپ پادىشاھ جەمەتى ۋە باي - ئاقسۆڭەكلەر يۇقۇرى مەرتىۋىسنى ئىپادىلەيدىغان قىمممەتلىك ئېسىل بۇيۇم سۈپىتىدە تاقاپ كەلگەن . ئۇنىڭدىن باشقا خوتەن قاشتېشى ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە كۆپلىگەن شىپالىق ، خاسىيەتلىك روللارغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە .
. قەدىمقى ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمىدە « قاشتېشى يۈرەكنى سەگىتىدۇ ، يۈرەكتىكى قىزىقلىقنى ۋە دەرتنى ئالىدۇ » دەپ كۆرسىتىلگەن .
. قاشتېشى مارجاننى ئۇزۇنراق تىزىپ بوينىغا سېلىۋالسا ئادەمنىڭ مىجەزىنى تەڭشەيدۇ ، قارا بېسىش ، چۈشىدىن قورقۇش ، چۆچۈش ، تەشۋىشلىنىشنى تۈگىتىدۇ ، ئۇيقۇسىنى شېرىن ، يېتەرلىك ، راھەت قىلىدۇ .
. قاشتېشى بىر خىل سۈزۈك ، چاقماق ئېسىل تاش بولۇپ ، ھەر خىل رەڭدە بولىدۇ . ئۇنىڭ ئاق رەڭلىكى ئادەمنى گۈلدۈرمامىدىن ، چاقماق چېقىنلىرىدىن قورقۇشتىن ، ئۇسسۇزلۇقتىن ساقلايدۇ . شۇڭا قاشتېشىنى ۋە قاشتېشى ئۈزۈك ، قاشتېشى مارجانلارنى ھەمراھ قىلىش كېرەك . ئۈزۈككە كۆز قىلىپ ياسىتىلىپ قولغا سېلىنسىمۇ بولىدۇ .
. قاشتېشى دۆلەت گۆھىرى ، تەۋەررۈك بۇيۇم بولۇپ ، ئەجدادلىرىمىز ئۇنى قىممەتلىك زىبۇ - زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدىلا ئىشلىتىپ قالماي ، قىممەتلىق ، ئەتىۋارلىق دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلگەن . ئۇيغۇر تىبابىتىدە يەنە ئاق قاشتېشىنى ئېزىپ ئۇنىڭ تالقىنى بىلەن شاپتۇلنىڭ قۇرۇتۇلغان چېچىكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ياسىغان ئۇپىنى تېرىگە سۈركەش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىدا پەيدا بولغان ئاق كېسەل ( بەرەس ) ۋە ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ ساقايتقان .
. خوتەندە ئۆتكەن مەرھۇم ئاتاقلىق ئۇستاز تېۋىپ ئەمەت ھاجىم ئاياللار كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا قاشتېشىنى سۇغا سۈرۈپ ئىچىشنى ياكى قاشتېشى چىلانغان سۇنى ئىچۈرۈش ئارقىلىق ئاياللار كېسەللىكىنى داۋالاپ ساقايتقان ۋە روھىي كېسەللىكنىمۇ داۋالاپ ساقايتقان .
. يۈرەك كېسەللىكى بارلارغا بوينىغا قاشتېشى مارجان ، قاشتېشى بۇلاپكا ئېسىشنى ، قولىغا قاشتېشى بىلەيزۈك سېلىشنى تەشەببۇس قىلغان . نەتىجىدە بۇ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن .
. ھازىر ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىدە مۇرەككەپ رېتسېپلىق دورىلارغا قاشتېشى تالقىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ .
. ئۆيدە ، ئىشخانىدا ياكى يېنىدا قاشتېشى ھەمراھ قىلىپ ، كەيپىياتى ياخشى بولمىغان چاغدا ، پىسخىكا جەھەتتىن توسالغۇغا ئۇچراپ بىئاراملىق ھېس قىلغاندا ياكى ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتقاندا ، قايغۇ ياكى دەرت - ئەلەمگە ئۇچرىغان چاغدا قاشتېشىنى قولىغا ئېلىپ ۋە ئۇنى كۆرۈپ ياكى قولىدا سىلاپ بەش - ئون مىنۇت ئويناپ بەرسە ، دەرھال كەيپىياتى ياخشىلىنىپ ئۆزىنى ئەركىن - ئازادە ۋە خوشال ھېس قىلىدۇ .
. كۆزىگە ئاق چۈشكەن ، كۆز نۇرىنى يىغالمايدىغان كىشىلەر ئاق قاشتېشىنى كۆز ۋە كۆز ئەتراپىغا سۈرۈپ بەرسە شىپالىق ئۈنۈمنى كۆرىدۇ . قولى تىترەيدىغان ، يۈزىنىڭ قان - تومۇرلىرى پالەچلەنگەن ، ئاستىنقى قاپىقى لىپىلداپ تۇرىدىغان ، كۆزى ياكى ئېغىزى مايماق بولۇپ قالغان كىشىلەرمۇ قاشتېشىنى شۇ يەرگە سۈرۈپ بەرسە ۋە قاشتېشىنى ئېقىن سۇغا چىلاپ قويۇپ سۇيىنى ئىچىپ بەرسە كېسىلى شىپا تاپىدۇ .
. مىللىتىمىزدە خېلى بۇرۇندىن باشلاپ سۇ چىڭقايدىغان ئىدىش ، كوزا ، تۇڭ ، چېلەك ، چەينەك ، سۇ قاپاقلىرىغا قاشتېشى سېلىپ ، قاشتېشىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ بەدەننى قوۋۋەتلەندۈرۈش بىر قەدەم ئومۇملاشقان .
. قاشتېشى سۇدىكى تاش ئېرىتمىلىرىنى سۈزىدۇ ، سۈيدۈك يوللىرىغا تاش چۈشۈش ، بۆرەك قاناللىرىغا تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
خوتەندىكى يۇرۇڭقاش ۋە قاراقاش دەرياسى ئېقىن سۈيىنىڭ يۇقۇرى قان بېسىمنى چۈشۈرۈش ، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىغا چۈشكەن تاشلارنى ئېرىتىپ چۈشۈرۈش ، يۈرەكنى ساغلاملاشتۇرۇش ، تېرىنى رەڭدار ، پارقىراق قىلىش ، چىرايلىق قىلىشتەك شىپالىق روللارغا ۋە خاسىيەتلىك دورىلىق قىممەتكە ئىگە بولۇشى بۇ دەريالاردا قاشتېشى مەنبەسىنىڭ كۆپ بولغانلىقىدا بولىشى مۈمكىن .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |