ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ھۆسۈن تۈزەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان بەش خىل مەخپىيەت


ھۆسۈن تۈزەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان بەش خىل مەخپىيەت


 

 . گىرىمنى تازىلىۋەتمەي ئۇخلاش .
 گىرىم قالدۇقلىرى تەر تۆشۈكچىلىرىنى ئېتىۋېلىپ ، دانىخورەك پەيدا قىلىدۇ . قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ، ئەڭ ياخشىسى گىرىمنى تازىلىۋېتىش ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈزىنى ئىلمان سۇدا يۇيۇۋېتىپ ، ئاندىن يېتىش كېرەك.


 

 . بەدەنگە ئىشلىتىدىغان سوپۇن بىلەن يۇيۇش.
 يۈزنىڭ تېرىسى ناھايىتى سەزگۈر بولغاچقا ، بەدەنگە ئىشلىتىلىدىغان سوپۇن بىلەن يۈزنى يۇيسا ، يۈزدىكى تەبىئىي ماينى چىقىرىۋېتىشى مۈمكىن . شۇڭا يۈزنى نېيتراللىق سوپۇن بىلەن يۇيۇپ ، يېنىك ئۇرۇپ قۇرۇتۇش كېرەك.


 

 . پاسكىنا قول بىلەن گىرىم قىلىش ، گىرىمنى سۈرتىۋېتىش ۋە يۈز يۇيۇش .
 پاسكىنا قول باكتىرىيە تارقىتىدۇ ھەمدە پەرداز بويۇملىرىنى بۇلغاپ ، ئۇنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ . شۇڭا گىرىم قىلىشتىن ئاۋۋال بۇلۇت ، پاختا قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن قولنى پاكىز يۇيۇش لازىم . سىقماقلارغا قاچىلانغان گىرىم بويۇملىرى نىسبەتەن ياخشىراق . چۈنكى ئۇنىڭدا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . گىرىم بويۇملىرىنى ، بولۇپمۇ كىرپىك مەلھىمىنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك.


 

 . دانىخورەك ۋە ياشلىق چېچىكىنى قول بىلەن سىقىش.
 بۇ خىل ئادەت ناھايىتى ئاسان يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە تاتۇق ئىزلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنداقلا ياشلىق چېچىكىنىڭ يۈزدە تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ ، ھەتتا يۈزنى قاتتىقراق سۈرتسىمۇ دانىخورەك چىقىدىغان قىلىپ قويىدۇ . شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يۈزنى ماي سۈمۈرىدىغان قەغەز بىلەن ئېرتىش لازىم . كۆزەينەكنىڭ يۈزگە تېگىپ تۇرىدىغان يېرىنى ئىسپىرت بىلەن پاكىز سۈرتۈپ تۇرۇش ، دانىخورەك ۋە ياشلىق چېچىكىنى دورا ئارقىلىق داۋالاش لازىم .


 

 . سۈپىتى ئۆزگۈرۈپ كەتكەن گىرىم بويۇملىرىنى تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيماسلىق.
گىرىم بويۇملىرىنىڭمۇ يېمەكلىكلەرگە ئوخشاشلا ئىشلىتىش ۋاقىت چەكلىمىسى بولىدۇ . ناۋادا بۇلغىنىپ قالسا ، ئاسانلا سۈپىتى ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ . شۇڭا گىرىم بويۇملىرىنى ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم تازىلاپ تۇرۇش كېرەك . بولۇپمۇ كىرپىك مەلھىمى بىلەن كۆزگە ئىشلىتىدىغان سۇيۇق گىرىملەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك . ئۇپا ھەم سۇيۇق ھالەتتىكى بويۇملارنىمۇ يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك . لەۋ گىرىمىنى بىرەر يىل ئىشلەتكەندىن كىيىن رەڭگى ئاسانلا ئۆزگىرىپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ . ئۇپا ۋە تاش ئۇپىنى نىسبەتەن ئۇزۇنراق ساقلىغىلى بولىدۇ . ئەمما پۇرىقى ۋە رەڭگى ئۆزگىرىپ قالسا ، دەرھال تاشلىۋېتىش ، قايتا ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
 
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203