ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىكلەر


مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىكلەر


 

تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر :
تۇخۇم تەركىبىدە ئاتسېتىلخولىن بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.


 

ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرى ۋە بۆرىكى :
چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.


 

بېلىق:
 بېلىق چوڭ مېڭىنى مول ئاقسىل، تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى ۋە كالىتسىي، فوسفور، ۋىتامىنلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇلار مېڭە ھۈجەيرىسىنى ھاسىل قىلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردىغان مۇھىم ماددىلاردۇر. بۇنىڭ ئىچىدە بېلىق مېڭىسى ئەڭ ئېسىل يېمەكلىك ھېساپلىنىدۇ. 


 

پۇرچاق ۋە پۇرچاقتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر:
بۇلار مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان كۆڭۈلدىكىدەك يېمەكلىكلەر ھېساپلىنىدۇ.


 

تېرىق :
تېرىقنىڭ « مېڭىنى قۇۋۋەتلەش شاھى » دېگەن نامى بار بولۇپ ، نېرۋا ئاجىزلىقنى داۋالاشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك يېمەكلىك .


 

قۇرۇق مېۋە-چىۋە تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر:
يەنى ياڭاق ، كۈنجۈت ، قارىغاي ئۇرۇقىنىڭ مېغىزى قاتارلىقلار مېڭىگە ئىنتايىن ياخشى ئوزۇق بولالايدۇ. 


 

كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋە :
سەۋزە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ . يىسىۋېلەك كەيپىياتتىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىدۇ . زەنجىۋىل تەپەككۈر يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ،  باش پىياز قاننى سۇيۇلدۇرۇپ ، چوڭ مېڭىنى ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلەش  ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ . ئاناناسنىڭ تەركىبىدە ھەر خىل ۋىتامىنلار ، مېكرو ئېلمېنتلار كۆپ بولۇپ ، ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى ئۆستۈرۈشتە ياردىمى بار . لىمون ئادەمنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ . بانان زېھنى قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، دىققەت ئېتىبارىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ ھەمدە ئىجاتكارلىقىنى ئاشۇرىدۇ .
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203