ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئۆي ئىچىگە يېشىل قاتىل ئەكىرىشتىن پەخەس بولۇڭ


ئۆي ئىچىگە يېشىل قاتىل ئەكىرىشتىن پەخەس بولۇڭ


 

   ئەنگلىيىدىكى ئۇيقۇ تەتقىق قىلغۇچى تېببىي ئالىملار نەچچە يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يېقىندا مۇنداق قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى:
 ئۆيگە گۈل  -  گىياھ قويۇش ئۇيقۇغا زىيانلىق ، چۈنكى ئۇلار ئۆيدە ئادەملەر بىلەن چەكلىك ئوكسىگېننى تالىشىدۇ. گۈل - گىياھ ماددا ئالمىشىش جەريانىدا فوتوسنتېزلاش ۋە سۈمۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. فوتوسىنتېزلاش دېگىنىمىز كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرغان شارائىتتا ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى بىلەن سۇ ، يوپۇرمىقى ئارقىلىق كاربون (V) ئوكسىدى سۈمۈرۈپ ، كاربون  -  سۇ بىرىكمىسى ھاسىل قىلىدىغان ھەم ئوكسىگېن چىقىرىدىغان فىزىئولوگىيىلىك جەرياننى كۆرسىتىدۇ . ئۆسۈملۈك كۈندۈزى فوتوسىنتېزلاش رولىنى ئويناپ ئوكسىگېن چىقىرىدۇ.
   لېكىن يەنە شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى ، فوتوسىنتېزلاش رولى كۈن نۇرىنىڭ يورۇتۇشى كۈچىيىپ مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەندە ئورۇنلىنىدۇ . كۈن نۇرىنىڭ بۇنداق كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئومۇمەن ~ ۋاتلىق ئاق چىراغنىڭ بىر مېتىر دائىرىنى يورۇتۇش دەرىجىسىگە تەڭ بولىدۇ . يورۇتۇش شۇ دەرىجىگە يەتمىگەندە ، ئۆسۈملۈك ئاساسەن ئوكسىگېن سۈمۈرۈپ ، كاربون (V) ئوكسىدى چىقىرىدۇ . ياتاق ئۆيدە يېشىل ئۆسۈملۈكلەر زىيادە كۆپ بولسا ، يەنە كېلىپ كېچىدە چىراغ ئۆچۈك بولسا ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوكسىگېن سۈمۈرۈشى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەر كېچىدە ئىشىك - دېرىزىلەرنى تاقاپ ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەچكە ، ئۆي ئىچىدە ھاۋا ياخشى ئۆتۈشمەي ، كاربون (V) ئوكسىدىنىڭ زىچلىقى زىيادە ئۆرلەپ ، كىشىنىڭ نورمال ئۇيقۇسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
  ‹‹سالامەتلىك گېزىتى›› نىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، خاربىن شەھىرىدە بىر ئائىلە گۈل - گىياھلىرىنىڭ كېچىدە توڭلاپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ، بالكوندىكى گۈل تەشتەكلىرىنى  ئۆي ئىچىگە ئەكىرىۋالغان ، ئەتىسى ئەتىگەندە بۇ ئۆيدىكى ئۈچەيلەن كاللىسى قاپاق ، پۈتۈن ئەزايى ماغدۇرسىز قوپقان . دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئۆيگە قويۇلغان گۈللەرنىڭ كېچىدە چىقارغان كاربون (V) ئوكسىدىنىڭ تەسىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن .
   مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارايدۇ:
 ئۆيگە ئۆسۈملۈكلەرنى ، بولۇپمۇ زەھەرلىكلىرىنى قويۇشقا بولمايدۇ ، ياتاق ئۆيگە چوقۇم گۈل - گىياھ قويۇشقا توغرا كەلگەندە ، سۇ ئۆسۈملۈكلىرى ، نەپىس ئەتلىك گۈل - گىياھلارنى قويۇش كېرەك . كىچىككىنە ئۆيگە گۈل - گىياھلارنى سانجاق قويۇۋېلىشقا بولمايدۇ، ياۋا كولوكازىيە، رودىيە، ئىت ياڭىقى ، شەۋكىران ، گۈزەل سۈتلۈك ئوت ، سۆگەت گۈل ، قىزىل ئەپيۇن گۈل ، قاغا تىرنىقىغا ئوخشاش زەھەر چىقىرىدىغان گۈل - گىياھلارنى ئۆي ئىچىگە ھەرگىز يولاتماسلىق كېرەك . خىنە ، چىغىرتماق ، قىزىل مارجان ، قىزىل ئوسمانتۇس گۈلىگە ئوخشاش گۈل - گىياھلارنى ئۆي ئىچىگە قويۇشتىن تېخىمۇ ھەزەر ئەيلەش كېرەك ، چۈنكى ئۇلار راك ھۈجەيرىسى پەيدا قىلىدۇ .

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776