ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە


ھامىلدارلىق مەزگىلىدە


 

 ھامىلدارلىق مەزگىلىدە «B» چاۋدا تەكشۈرتۈش ئىنتايىن مۇھىم . «B» چاۋ ھامىلىنىڭ ئانا تېنىدە ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى بىۋاستە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
 ھازىر كېلىنكىدا ئىشلىتىلىۋاتقان«B» چاۋدىن رەڭسىز ۋە رەڭلىك ئىككى خىلى بار . ئالدىنقىسى ئەڭ ئۇمۇملاشقان بولۇپ ، ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋاللىرىنى ئېنىقلاشلارغا ئىشلىتىلىدۇ؛ كېيىنكىسىدە توقۇلما ۋە ئەزالاردىكى قان تومۇرلار ئېقىمنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ھېسابلاشقا ئىشلىتىلىش ئارقىلىق ، ھامىلىگە ئوكسىگېن يېتىشكەن ، يېتىشمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ . كىلىنكىدا «B» چاۋ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللىنىپ ، يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار تەكشۈرۈلىدۇ .
 ئادەتتە  ھامىلدارلىقنىڭ ~ ئايلىرى ئىچىدە دەسلەپكى باسقۇچلۇق «B» چاۋد تەكشۈرۈپ ھامىلدار بولغان - بولمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ ھەمدە ھامىلدارلىقنىڭ كۈن سانىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق ، ئالدىن مۆلچەرلىنىدىغان تۇغۇت ئايلىرىدىن كېيىن ئوتتۇرا باسقۇچلۇق «B» چاۋدا تەكشۈرۈپ ، ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنىڭ ھامىلدارلىق ۋاقتى بىلەن بىردەك ياكى بىردەك ئەمەسلىكىنى ياكى بىرقەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ھامىلە ئەزالىرىنىڭ شەكلى، تۈزۈلىشىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ، ھامىلىدە غەيرىيلىك بارمۇ-يوق ، مەسلەن : تۇغما خاراكتىرلىك يۈرەك كېسىلى ، مېڭىسىز ھامىلە ، مېڭىگە سۇ يىغىلىش ، ئۇمۇرتقا يېرىقى، قورساق دىۋارىدىكى كەمتۈكلۈك ، پۇت-قولى قىسقا بولۇش ، كۆپ خالتىلىق بۆرەك ، ھەزىم قىلىش يولى توسۇلۇش قاتارلىق غەيرىيلىكلەرنى ئۆز ۋاقتىدا بايقىغىلى بولىدۇ . ھامىلدارلىقنىڭ -ئېيىدىن كېيىن قەرەللىك تۈردە (ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم)  ئاخىرقى باسقۇچلۇق «B» چاۋد تەكشۈرۈلىدۇ ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ھامىلىنىڭ يېتىلىشى نورمال ئەمەسلىكى ھەمدە ئۇنىڭ بالىياتقۇدىكى بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ، نورمال تۇغۇتنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش .
  مەلۇم كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنى «B» چاۋد تەكشۈرتكەندە ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئەھۋالىنى بىلىشتىن سىرت يەنە كېسەللىكلەرنىڭ ھامىلىگە بولغان تەسىرىنى چۈشىنىپ ، ئۆز ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىشقا پايدىلىق . شۇڭا «B» چاۋد تەكشۈرۈشنىڭ قېتىم سانى ھەم ۋاقتىدىمۇ نورمال ئەھۋال بىلەن ئوخشاشمايدۇ ، بۇ ۋاقىتتا دوختۇرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئاساس قىلىش كېرەك .
 

 

تاقاش