روھىي ھالەتلەرنىڭ ساغلاملىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
مۇھەببەتلىشىش :
ئادەم مۇھەببەت قاينىمىغا كىرگەندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە نېرۋا ئۆستۈرىدىغان كۆپەيتكۈچنىڭ سەۋىيەسى ئۆسۈش ھالىتىدە تۇرىدۇ. ھورمونغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ ماددا يېڭى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى يېتىلدۈرىدىغان بولغاچقا، نېرۋا سېستىمىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇھەببەتلىشىش جەريانىدىكى ياخشى كۆرۈلۈش تۇيغۇسىمۇ شۇ ئادەمنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلاملاشتۇرىدۇ.
بېسىمغا ئۇچراش :
ئادەم كەينى-كەينىدىن بېسىمغا ئۇچرىسا ئادەمدە ئاستا خاراكتىرلىك بۇغۇلۇش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى تېرە ئىسپىرتىنىڭ چىقىش سەۋىيىسى ئۇزاققىچە ئۈستۈن ھالەتتە تۇرۇپ ، بەدەننىڭ ئىسپىرتقا بەرداشلىق بېرىش سېستىمىسىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويىدۇ ، ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئادەم ئۇزاق ۋاقىت ئاستا خارەكتىرلىك بۇغۇلۇش ھالىتىدە تۇرغاندا، قان تەركىبىدىكى گىلوكوزا ۋە ياغ كىسلاتاسى يۇقۇرىلاپ كېتىپ ، قەنت كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ.
كۈلۈش :
ئادەم كۈلىۋالسا ، مۇسكۇل بوشاپ، بېسىمدىن بولغان ھورمون ئاجرىلىش، قان بېسىمى تۆۋەن بولۇش ھادىسىلىرى ئازىيىپ، قاندىكى ئوكسىگېن كۆپىيىدۇ .
ئاچچىقلىنىش:
قورساق كۆپۈكىنى چىقىرىۋېلىش ياكى ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىشنىڭ ھەر ئىككىلىسى سالامەتلىككە زىيانلىق . ئايال كىشى تىركىشىش جەريانىدا ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتىۋەرسە، ئۇنىڭ يۈرەك، سەكتە ياكى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىككى ھەسسە يۇقۇرىلاپ كېتىدۇ . ئاچچىقلىنىش نەچچە مىنۇتلا داۋاملىشىدۇ ، لېكىن شۇ ئاچچىق سەۋەپلىك بۆرەك بېزىنىڭ ئىشلەش سەۋىيەسى، قان بېسىمى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ، تومۇرنىڭ سوقۇشى تۇيۇقسىز ئىتتىكلەپ كېتىدۇ. بۇ ياشتىن ھالقىغانلاردا تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى ياكى سەكتە كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى بەش ھەسسە ئۆرلىتىۋېتىدۇ.
يىغلاش :
يىغلىغاندا ئىچى بوشاپ قالغاندەك بولىدۇ . لېكىن دائىم يىغلاۋەرگەندە ، يىغلىغۇچى ئورۇنسىز جىددىيلىشىدۇ. ئىچى تىت- تىت بولۇشقا ئوخشاش سەلبى تەسىرگە تېخىمۇ ئاسان ئۇچىرايدۇ. يەنى ئىمونىتېت كۈچى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.
ھەسەتخورلۇق :
ھەسەتخورلۇقى كۈچلۈك كىشىنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ ، تومۇرنىڭ سوقۇشى ئىتتىكلەپ ، ئادرېنالىن ئاجرالمىسى كۆپىيىپ ، ئىمونىتېت كۈچى ئاجىزلاپ ، ئىچى تىتىلدايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئۇخلىيالماس بولۇپ قالىدىغانلارمۇ كۆرۈلىدۇ .
كۆڭۈل چۈشۈش، ھاياجانلىنىش ۋە مەمنۇن بولۇشقا ئوخشاش تۇيغۇلار ھىپوفېز ئاجرىلىشىنى تېزلىتىدۇ. بۇنداق ھورمون نېرۋا جىددىيلىكىنى پەسەيتىدۇ، بېسىم تۇيغۇسىنى يەڭگىللىتىدۇ. تەتقىقاتلادىن قارىغاندا ئادەم ھاياجانلانغاندا، مېڭىسى بىلەن يۈرىكىدە تەڭلا توك ئېقىمى پەيدا بولىدىكەندە، ئالاقىدار ئەزالارنىڭ ھەركىتىگە پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
ئادەمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغاندا، ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە مەيۈسلەنگەندە، بەدەندىكى بىرىكمە ئامياك ۋە دوپامىن ئازىيىدۇ. ئاندىن بۇ ئىككىسى ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ياخشى ھىسيات پەيدا قىلغۇچى نېرۋا سېزىمىنى تارقىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |