چىشنى تېز ئاقارتىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇللىرى
چىش ساغلاملىقى ۋە ئاقلىقى بەكمۇ مۇھىم ، چۈنكى ساغلام چىش بولغاندا ، ئىسىل تائاملاردىن ياخشى بەھىرلىنەلەيمىز ، چىشىمىز ئاق رەتلىك بولسا ،ئىناۋاتىمىز بولدۇ . ئاق پاكىز چىش مەدىنيەتنىڭ بەلگىسى ، پاكىز بولمىغان چىشلاردىن بەد بۇي پۇراق چىقىپ يېنىڭىزدىكى ئادەمنى بەكمۇ بىزار قىلىدۇ ، چىشىڭىزنى ئاسىرمىغاندا ، پاكىز تۇتمىغاندا بەزى رەت قىلىشلارغا ئۇچۇرشىڭىزمۇ مۈمكىن ، بۇنداق مىساللار ناھايتى كۆپ.
تۆۋەندە ئەڭ ئاددى ئائىلىلەردە ئىشلەتسىمۇ بولدىغان چىش ئاقارتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلنىڭ ...
. ئۆيدە ئىشلىتىلىدىغان ئاچچىقسۇ ( كونا ئاچچىقسۇ ، ئاق ئاچچىقسۇ بولسىمۇ بۇلىۋېرىدۇ ، ئەمما كۈچلۈك ئاچچىقسۇ بولمايدۇ) نى ئېغىزغا مىنۇتتىن مىنۇتقىچە ئېلىپ تۈكۈرۈۋېتىپ ، ئاندىن چوتكىلىسا ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ ، ئەمما چىش بەك ئاچچىق بولۇپ ، ئۇيۇشۇپ قالغاندەك سېزىم ( بۇ خىل سېزىم مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ) بولىدۇ ، بۇ خىل ئۇسۇلنى ئۇدا بىر قانچە قېتىم قىلىشقا ، دائىم قىلىشقا بولمايدۇ ، تەخمىنەن ئىككى ئايدا بىر قېتىم قىلسىلا كۇپايە . ئۇنداق بولمايدىكەن چىشقا پايدىسىز بولىدۇ ، جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە ، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇل قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ (مەسىلەن : ئۇچرىشىشقا بېرىشتىن ئىلگىرى چىشنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا) ھەم ئېغىز پۇراشنى تۈگىتىدۇ.
. ئاپېلسىن پوستىنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ ئۈن قىلىپ ، چىش پاستىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چىشنى چوتكىلىسا ، چىشنى بەك تېز ئاقارتقىلى بولىدۇ.
. چىش چوتكىلايدىغان ۋاقىتتا ، چىش چوتكىسىغا ئازراق ئېچىتقۇ سۈركىسە چىشنىڭ ئاقىرىشىغا ياردىمى بولىدۇ (بۇ مۇدىللار كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۇسۇل).
. چىشنى چوتكىلاپ بولغاندىن كېيىن ، ھەر بىر تال چىشقا لىمون شەربىتى سۈركەپ ئېيتىۋەتسە چىش ئاقىرىدۇ.
. خام يەر ياڭىقىنى چايناپ ئېزىپ يۈتۈۋەتمەي يەر ياڭىقى كېپىكىنى چىش پاستىسى ئورنىدا چىشنى چوتكىلىغاندا ، چىشنى ئاقارتقىلى بولىدۇ .
. سىياھ بېلىقىنىڭ سۈڭىكىنى ئىزىپ چىش چوتكىسىغا سۈركەپ ، چىش پاستىسى ئورنىدا ئىشلەتكەندە دەرھال ئۈنۈم بېرىدۇ ( سىياھ بېلىقى سىياھبېلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئۇنىڭ بەدىنىدە ئاق رەڭلىك بىر پارچە چوڭ سۈڭەك بولۇپ ، تىرناقتا غىردىغاندا ئىنتايىن كۆپ ئاق رەڭلىك پاراشۇك ئايرىۋالغىلى بولىدۇ ، بۇ پاراشۇكنى چىش پاستىسى ئورنىدا ئىشلەتكەندە چىشنى ئاقارتقىلى بولىدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776