سوقرات بىلەن يىگىتنىڭ سۆھبىتى
سوقرات سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر يىگىت بىلەن پاراڭلىشىپ قاپتۇ.
سوقرات:
_ يىگىت، نېمە بۇنچە قايغۇرىسەن؟
يىگىت:
_ مەن سۆيگىنىمدىن ئايرىلىپ قالدىم.
سوقرات:
_ ھە، بۇ ناھايىتى نورمال ئىشقۇ، ئەگەر سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ قېلىپ قايغۇرمايدىغان ئىش بولسا،بەلكىم مۇھەببەتنىڭ ھېچقانداق لەززىتى بولماس__ ئىدى. لېكىن، سەن سۆيگىنىڭدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭغا ھەددىدىن زىيادە قايغۇرۇپ كېتىۋاتقاندەك قىلامسەن _ قانداق؟
يىگىت:
_ باراڭدىن ئۈزۈپ بولغان ئۈزۈم قولدىن چۈشۈپ كەتتى، بۇنداق ئازاپنى مەندەك ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ئادەم چۈشىنىپ بولالمايدۇ.
سوقرات:
_ ئۈزۈپ بولغان ئۈزۈم قولۇڭدىن چۈشۈپ كەتسە چۈشۈپ كېتىۋەرمەمدۇ، نېمە دەپ ئالدىڭغا قاراپ داۋاملىق ماڭمايسەن، تاتلىق ئۈزۈم دېگەن جىق گەپقۇ؟
يىگىت:
_ ياق، مەن تاكى دېڭىزلار قۇرۇپ، تاشلار چىرىپ، ئۇ تاكى نىيىتىدىن يېنىپ يېنىمغا كەلگىچە ساقلايمەن.
سوقرات:
_ بەلكىم بۇنداق كۈن مەڭگۈ كەلمەسلىكى مۇمكىن.
يىگىت:
_ ئۇنداق بولسا، سىزنىڭچە مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مەن. ئۇنى ھەقىقەتەن چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرەتتىم.
سوقرات:
_ ئۇنى ھەقىقەتەن چىن دىلىڭدىن سۆيسەڭ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بەختلىك بولىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانسەن؟
يىگىت:
_ ئەلۋەتتە شۇنداق.
سوقرات:
_ ئەگەر ئۇ سەندىن ئايرىلىشنى بىر خىل بەخت دەپ قارىسىچۇ؟
يىگىت:
_ ئۇنداق بولمايدۇ، ئۇ ماڭا پەقەت مەن بىلەن بىللە بولغان چېغىدىلا ئۆزىنى بەختلىك ھىساپلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
سوقرات:
_ ئۇ دىگەن بۇرۇنقى گەپ، ئۇ ھازىر ئۇنداق دەپ قارىمايدۇ.
يىگىت:
_ گېپىڭىزچە بولغاندا، ئۇ مېنى ئىزچىل ئالداپ كەپتۇ _ دە؟
سوقرات:
_ ياق، ئۇ ساڭا ئىزچىل سادىق بولۇپ كەلگەن. ئۇ سېنى ياخشى كۆرگەن چاغدا سەن بىلەن بىللە بولدى، ئەمدى سېنى ياخشى كۆرمىگەندە بولسا سەندىن ئايرىلىپ كېتىپ قالدى، دۇنيادا بۇنىڭدىن ئارتۇق سادىقلىق بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ سېنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قېلىپ، يالغاندىن سېنى داۋاملىق ياخشى كۆرىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان، ھەتتا سەن بىلەن توي قىلغان، پەرزەنت يۈزى كۆرگەن بولسا، ئاندىن سېنى ھەقىقى ئالدىغان بولىدۇ.
يىگىت:
_ توغرا، ھازىر ئۇ مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ، لېكىن مەن ئۇنى جېنىمدىن ئارتۇق ياخشى كۆرىمەن، بۇ نېمىدېگەن ئادالەتسىزلىك _ ھە؟
سوقرات:
_ بۇ ھەقىقەتەن ئادالەتسىزلىك، مېنىڭ دەۋاتقىنىم، بۇ، سەن ياخشى كۆرگەن ئادەم ئۈچۈن ئادالەتسىزلىكتۇر. ئۇنى ياخشى كۆرۈش سېنىڭ ھوقۇقۇڭ، سېنى ياخشى كۆرۈش- كۆرمەسلىك
ئۇنىڭ ھوقۇقى. لېكىن، سەن ئۆزۈڭنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن چاغدا، باشقىلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئەركىنلىكىنى تارتىۋالساڭ، بۇ ئادالەتسىزلىك بولمامدۇ؟
يىگىت:
_ بۇ گېپىڭىزچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ سەۋەنلىكىم بولۇپ قاپتۇ _ دە؟
سوقرات:
_ شۇنداق، سەن باشتىلا خاتالاشقان، ئەگەر سەن ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلالىغان بولساڭ، ئۇ سەندىن ئايرىلىپ كەتمىگەن بولاتتى، بىلىشىڭ كېرەككى، ھېچقانداق ئادەم بەختتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ.
يىگىت:
_ لېكىن ئۇ ماڭا پۇرسەتمۇ بەرمىگەن تۇرسا، بۇ ۋاپاسىزلىق ئەمەسمۇ؟
سوقرات:
_ ئەلۋەتتە شۇنداق. لېكىن، ياخشى يېرى، سەن ھازىر بۇ ۋاپاسىز قىزدىن قۇتۇلدۇڭ، بۇنىڭ ئۈچۈن خوش بولۇشۇڭ كېرەك، ئوغلۇم.
يىگىت:
_ مەن قانداقمۇ خۇشال بولالايمەن؟ مەيلى نېمىلا دەيلى، ئىشقىلىپ ئۇ مېنى تاشلىۋەتتى.
سوقرات:
_ ۋاقىت قەلبىڭدىكى جاراھەتنى ساقايتىدۇ.
يىگىت:
_ مەنمۇ شۇنداق بولىشىنى ئارزۇ قىلىمەن، لېكىن ھازىر تۇنجى قەدىمىمنى نەدىن ئېلىشىم كېرەك؟
سوقرات:
_ بېرىپ سېنى تاشلىۋەتكەن قىزغا تەشەككۈر ئېيت، ئۇنىڭغا بەخت تىلە.
يىگىت:
_ نىمە ئۈچۈن؟
سوقرات:
_ چۈنكى، ئۇ ساڭا سادىقلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ساڭا بەخت ئىزدەشنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى ئاتا قىلدى.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |