ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
تۇخۇمدىكى ھەقىقەت

              تۇخۇمدىكى ھەقىقەت           


 

باغ سەيلىسى قىزىغان مەزگىلدە بىرنەچچىمىز يىراق سەھرادىكى يىراق تۇققىنىمىزنىڭ ئۈيىدە مىھمان بولدۇق،تاماق تەييار بولغىچە مىھماندۇست تۇققىنىمىز بىر تەخسە پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئېلىپ چىقىپ دەستۇرخانغا قويدى.
بىز تۇخۇمغا ئېغىز تىگىپ تۇرۇپلا بىر دۇستىمىزنىڭ جىمجىت ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتقانلىقىنى كۈرۈپ ھەيران قالدۇق،شۇنچە زورلىساقمۇ تۇخۇمغا قاراپ بارغانسىرى مۇڭلانماقتا ئىدى. . .
تاماق يېيىلىپ قايتىش يۇلىدا بايامقى ئىش سەۋەبى مىنى ئۇنۇڭدىن سۇراشقا مەجبۇر قىلدى، ئۇ ئېغىر ئۇھ تارتىۋىتىپ تۇۋەندىكى ئىشلارنى سۈزلەپ بەردى:
يالغۇز ئوغۇل بۇلغاچقىمىكىن سەل شۇخ چۇڭ بۇلۇپ جاھاننىڭ رەپدارىنى چۈشەنگەن چېغىمدا قىز چۇكانلارنى كولدۇرلىتىپ ئويناشنى ئاجايىپ خۇشاللىق ئىش دەپ بىلەتتىم ، شۇ سەۋەپ ئارلاشقان قىزلارمۇ كۆپ ئىدى،يىگىتلىكتىن توي قىلىش يېشىغا قەدەم قويغاندا ئۆيدىكىلەرنىڭ زورى بىلەن مەلىمىزدىكى ئەڭ چىرايلىق قىزغا ئۆيلىنىپ ھاياتنىڭ تاتلىق مىنىۇتلىرىنى ئۆتكۈزىشكە باشلىدىم ، ئەپسۇس كۈنۈپ كەتكەن ئەسكى خۇيۇمنى يەنىلا تاشلىيالمىدىم،باشقا قىز چوكانلارنى كۆرسەم شامدەك ئىرىپ كىتەتتىم ، بۇ ئىشلىرىم مەلىمىزگە تېزلا يېيىلىپ كەتتى ، بۇ ئىشلار رەھمەتلىك قېينى ئاپامنىڭ قۇلىقىغىمۇ يەتكەن چېغى بىر كۈنى ھەممىمىزنى مىھمانغا چاقىردى،دەستۇرخانغا ئولتۇرغان ۋاقىتتا رەڭگا -رەڭ بۇيالغان بىر تەخسە تۇخۇمنى ئەلدىمغا قويدى.
تۇخۇملار شۇنداق چىرايلىق رەڭلەردە بۇيالغان بۇلۇپ ھەرقانداق ئادەمنىڭ نەپسىنى تاقىلدىتاتتى،قېينى ئاپام ماڭا بىر تەرەپتىن چاي تۇتسا بىر تەرەپتىن تۇخۇمغا زورلايىتتى ، بىرنەچچە تۇخۇم يىيلىپ بولغاندا تۇيۇقسىز ئاغزىم ئىتتىكلىك قىلىپ سۇراپ ساپتىمەن ، بۇ سۇئالنىڭ مىنىڭ ھاياتىمنى ئۈزگەرتىۋىتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن:
-ئاپا نىمىشقا بۇ تۇخۇملارنى ھەر خىل رەڭدە بۇياپ قويدىلا؟ ئاۋارە بولمىسىلىمۇ بۇلاتتىغۇ؟
-بالام سىلى يىگەن تۇخۇملارنىڭ رەڭگى ھەر خىل بولغان بىلەن ھەممىسىنىڭ ئىچىدىكى ھەممە قىسىملىرى ھەتتا تەمىمۇ ئوپمۇ -ئوخشاش ، قىز -ئاياللار خۇددى سىلى يىگەن تۇخۇمغا ئوخشايدۇ،مەيلى قانچىلىك كۆزنى چاقناتسۇن ھەممىسىنىڭ تەبىئىتى ئوخشاش ،سىلىگە ۋاپادار ئايال بۇلۇپ ئۆز بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلسىلا شۇ كۇپايە. . .


 

چوڭ ئۆيدىن قانداق چىققانلىقىم ئىسىمدە يوق، ئەمما قېينى ئاپامنىڭ دىگەن سۈزى يىلدىن بېرى ھەر ۋاقىت ئىسىمدە ، رەھمىتى بىرنەچچە يىلدىن كىيىن ئو دۇنياغا كىتىپ قالدى، ماڭا ئەڭ ئاددى لىكىن ۋەزنى ئالەمچە ئېغىر بىر ھەقىقەتنى يەنى بايام سۈزلىگەن تۇخۇمدىكى ھەقىقەتنى قالدۇرۇپ كەتتى ، شۇندىن بېرى مىنىڭ ئادەمدەك ياشىغان كۈنۈم قايتىدىن باشلاندى،ئەزەلدىن سىرىتقا قاراپ باقمىدىم،قۇرساق تۇق،كۆڭىل خوش ، ئالتۇندەك ئوغۇللىرىم بار ، قايسى كۈنى ئەيدىز ھەققىدە خەۋەر تارقىلىپتى مىنىڭ خىيالىمغا كەلمىدى ، چۈنكى مەن تۇخۇمدىكى ھەقىقەتنى ئوبدان بىلىمەن،بۇ ھەقىقەتنى باشقىلارمۇ بىلسىدى، مەندەك يۇرەكلىك ياشىغان بۇلاتتى، بولسا باشقىلارمۇ بىلسۇن ، ئەمما مەندەك تۇخۇم يىيەلمەس بۇلۇپ قالمىسۇن، تۇخۇم پايدىلىق نەرسە ،ئۇزۇقلۇق تەركىۋى يۇقۇرى لىكىن قانداق ئىشكى مەن تۇخۇمنى ھازىرغىچە يىيىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن، ئوغۇللۇرۇم كە يەتكەندە تۇخۇمدىكى ھەقىقەتنى ئولارغا سۆزلەپ بىرىمەن ، ھەقىقەت نۇرلۇق بۇلۇدۇ دەيدىكەن ، بۇ نۇرنىڭ ئولارنىڭ دىلىنى يۇرۇتىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.


 

 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203