ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
مەخپىي خاتىرىلەر

 


 

مەخپىي خاتىرىلەر


 


ئابابەكرى ئابدۇقادىر تەنھا


 

بۈگۈن تۇرۇپلا ياش ناخشىچى ئىسكەندەر سەمەت نەچچە يىللار ئىلگىرى ئۇرۇندىغان ( تۇنجى مۇھەببەت ) ناملىق ناخشىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا تىگى يوق خىياللار ئىچىگە شۇڭغۇپ كىتىپتىمەن...
دىمىسىمۇ بۇ سۆزنى ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ شۇ ھامان چەكسىز خىيال دەرياسىغا غەرق بولۇشى، تاتلىق ئەسلىمىلەر ئىچىگە باشچىلاپ كىرىپ كىتىشى ئىنىق...
چۈنكى تۇنجى مۇھەببەتنىڭ كىشىگە بەخش ئەتكەن لەززىتى بەكمۇ شىرىن، رومانتىك ۋە مەڭگۈ ئۇنتۇلماس بولىدۇ، شۇڭا ناخشىچىلارمۇ تۇنجى مۇھەببەت توغرىسىدا ناھايىتى كۆپ ناخشىلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن...
ئەمما مەن ئۇنداق ئەمەس، تۇنجى مۇھەببەت ماڭا باشقىلارغا بەرگەن ئاشۇ ئۇنتۇلماس بەختلەرنى ۋە ئۇنتۇلماس دەقىقىلەرنى بىرەلمىگەن...
بۇ بەختنى ماڭا تۇنجى مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى، ئاشۇ قىز - ياشلىقىمنىڭ ھېچنىمىگە تەڭ قىلمايدىغان، ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك بولغان ئەڭ گۈزەل چېغى ياش ۋاقتىمدا پۈتكۈل ھىس - تۇيغۇلىرىمنى تۇرمۇزلاپ، ئەس - خىيالىمنى رېئاللىقتىن بەكمۇ يىراق بولغان رومانتىك دۇنياغا مەجبۇرىي سۆرەپ ئېلىپ كەتكەن قارا قومچاق چىراي ھېلىقى قىز بىرەلمىگەن، توغرىسى بىرىشنى خالىمىغان...
توۋا، يىلدىن بۇيان ھېچقاچان ئويلاپ باقمىغان، ئويلاشنىمۇ خالىمايدىغان شۇ كۈنلەرنى مانا بۈگۈن بىر ناخشىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەسلەپ قالغىنىم قىزىق ئىش...
- يىلى، ياز ئايلىرى كىرىپ قالاي دىگەندە كەلگەن قۇربان ھېيت كۈنلىرى ئىدى، خاسىيەتلىك ھېيتنىڭ شاراپىتى بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن بىرى گەپلەشمەيدىغان كىشىلەر مانا بۇ قۇتلۇق ئايەم كۈنىدە بىر - بىرسىگە ناماقۇللۇق چېيى قۇيۇپ يارىشىپ قالىدۇ، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان كۆرۈشمىگەن ئۇرۇق - تۇققان، دوست - بۇرادەرلەر ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر - بىرسىنى ئۆيىگە چاقىرىشىپ بىر ۋاق تاماقنى بىللە ئولتۇرۇپ يىيىشىپ ئۆز - ئارا پەتىلىشىدۇ...
ئىسىمدە قېلىشىچە، شۇ يىلى ھېيتنىڭ - كۈنىغۇ دەيمەن، گۈلە - قاق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىچىك ئاكام تىجارەتتىكى شىرىكى بولغان بىر ئادەمنى چوڭ ئۆيگە ھېيتقا چاقىرغان ئىدى. كۈن چۈشتىن قايرىلغاندا ئۇ ئادەم كۆك رەڭلىك بىر موتسىكلىتقا مىنىپ، كەينىگە - ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزنى مىنگەشتۈرۈپ بىزنىڭ چوڭ ئۆيگە كەلدى. كىچىك ئاكام ۋە ئاتا - ئانام ئۇ كىشىنى ناھايىتى ئىززەتلەپ ئۆيگە باشلىدى...
ئەنە شۇ كۈندىن ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان قانداقتۇر بىر خىل سىزىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالدى، ئۇ قىزنى كۆرگەنسىرى كۆرگۈم كىلەتتى، ئۇنىڭ چىرايىنى خىيالەن تەسەۋۋۇر قىلاتتىم، ئۇنىڭ جامالىنى قانغۇچە كۆرۈشنى ئىزدەيتتىم...
لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆيىنى بىلمەيتتىم، پۈتۈن ھىس - تۇيغۇلىرىمنى تۇرمۇزلاپ، مىنى تۇنجى مۇھەببەتنىڭ يالقۇنلۇق ئوتىغا گىرىپتار قىلغان ئۇ قىزنى كىچە - كۈندۈز ئويلايتتىم، ئەسلەيتتىم، بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتىم...
بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇپ، چوڭ بولۇپ مىنى تۇنجى قېتىم كۆيۈك ئوتىغا گىرىپتار قىلغان شۇ قىزنىڭ ئىشق ئوتىدا خۇددى تونۇرغا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ يۈرۈۋاتقان ئەنە شۇ كۈنلەردە چوڭ دادام تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالدى، مەن يېزىلىق دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان چوڭ دادامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتاتتىم، مەن دوختۇرخانىغا كىرىپ ئىككى كۈندىن كىيىنكى بىر كۈنى چۈشتە تاماق ئەكىرىش ئۈچۈن سىرتقا مېڭىشىمغا ئۇ قىز تۇيۇقسىز كارىدوردا ئۇچراپ قالدى، ئۇ قىزنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدىم، ئۇ قىزمۇ مىنى تونۇدى بولغاي، ئۇدۇلۇمغا كەلگەندە ئىللىققىنا تەبەسسۇم ئارىلاش سالام قىلدى، مەن ئۇنىڭ سالامىغا جاۋاب قايتۇرۇپ بولغۇچە ئۇ ئۆتۈپ كەتتى، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا ياماشقان ئوت تەسىرىدە ئەس - ھوشۇمنى يۇقاتتىممۇ نىمە، ئىشقىلىپ ئارىدىن ئىككى سائەتتەك ۋاقىت ئۆتكەندە تاماقنى ئېلىپ چوڭ دادام قېشىغا كىردىم...
كىيىن بىلسەم، ئۇ قىز ئاشۇ ھاجىمنىڭ - قىزى ئىكەن، شۇ جەرياندا ئۇ قىز بىلەن تونۇشتۇم، پاراڭلاشتىم، سىرداشتىم، مۇڭداشتىم...
ئەنە شۇنداق قىلىپ ئۇ قىز بىلەن تۇنجى مۇھەببەتنىڭ كىشىنى مەستخۇش قىلغۇچى تالايلىغان دەملىرىنى بىللە ئۆتكۈزدۈم، ئۇ قىز بىلەن بىللە بولغاندىكى رومانتىك ھىس - تۇيغۇلار پۈتكۈل ھۈجەيرىلىرىمنى سىھىرلەيتتى، ئاجايىپ تاتلىق ئارزۇلار قەلبىمىزگە ھۆكۈمران ئىدى...
بىز تونۇشۇپ ئارىدىن يىل ئۆتكەندە مەن تىجارەت سەۋەبى بىلەن مەلۇم بىر شەھەردە ئىككى ئايدىن ئارتۇق تۇرۇپ قالدىم، سېغىنىش مىنى ئاجايىپ قىينىدى، ئۇ قىزنى كىچە - كۈندۈز سېغىناتتىم، ئەسلەيتتىم، ھەمىشە ( قانىتىم بولسا بىر ئۇچقانچە ئۇ قىزنىڭ ۋەسلىگە قانسام... ) دىگەننىلا ئويلايتتىم...
ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى راۋان بولمىغاچقا بىرەر ئادەم بىلەن خالىغان چاغدا كۆرۈشكىلى بولمايتتى. ( تېلىفۇن سىمى تارتىپتۇ، تېلىفۇن ئورناتقۇدەك... ) دىگەن گەپلەر ئۇچۇپ يۈرگىلى خېلى بولغان بولسىمۇ تېخىچە تېلىفۇن كەلمىگەنىدى.
ئاشۇنداق زارىقىپ سېغىنىش بىلەن ئىككى ئاينى ئۆتكۈزۈپ، يۇرتقا قايتىپ كەلدىم، كىلىپلا ئۇ قىزنىڭ بىر دوستىدىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردۈم. ئەمما ئۇقىز ماڭا دەھشەتلىك بىر خەۋەرنى ئېيتتى. مەن ئىككى ئايغىچە كەلمىگەچكە ۋە مىنىڭ ھېچقانداق خەت - ئۇچۇرۇم بولمىغاچقا ئۇ قىز باشقا بىر يىگىت بىلەن يۈرگەنمىش...
بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇنداق ئازابلاندىمكى، شۇ چاغدىكى روھىي - ھالىتىمنى پەقەت تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن...
مەن نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي بىردەم تۇرغاندىن كىيىن ئۇنىڭ دوستىغا ئۇ قىزنى چاقىرىپ بىرىشنى ئۆتۈندۈم. ئۇ ماڭا ئۇ قىزنىڭ تېلىفۇن نومۇرىنى دەپ بەردى. مەن باشقا شەھەردە تۇرغان شۇ چاغلاردا يېزىمىزغا تېلىفۇن سىمى تارتىلىپ، بىر قىسىم ئائىلىلەرگە تېلىفۇن ئورنىتىلغان ئىكەن، مەن ئاكامنىڭ ئۆيىگە چىقىپ ئۇقىزغا تېلىفۇن قىلدىم، تېلىفۇننى ئۇ قىز ئالدى، ئۇ مىنىڭ سالامىمغا تەستە جاۋاب قايتۇرغاندىن مىنىڭ باشقا سۇئاللىرىمغا جاۋاب بىرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى ۋە بىردەمدىن كىيىن تېلىفۇننى قويۇۋەتتى...
قانداقتۇر بىر جۇدالىق ھىدى بۇرنۇمغا پۇراپ تۇراتتى. ئەمما مەن ئۇ ئازابلىق مىنۇتلارنى ئېتىراپ قىلىشنى ھەم ئۇ قىزدىن ئايرىلىپ قېلىشنى پەقەت خالىمايتتىم، شۇڭا ئىككى ھەپتىدەك ئۇ قىزنى ماراپ يۈردۈم، ئاخىرى بىر كۈنى ئۇ قىزنى ئۆيىدىن ئۈچ يۈز مىتىرچە يىراقتىكى ئېتىزلىقىدىن ئوت ئېلىۋاتقان يىرىدىن تۇتۇۋالدىم. ئۇ مىنى كۆرۈپلا قېچېشقا تەمشەلدى. مەن ئۇنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭدىن نىمىشقا ئىككى ئايلىق ئايرىلىشقا بەرداشلىق بىرەلمەي، مىنى تاشلاپ باشقا بىرسىنىڭ تەلىپىگە ماقۇللۇق بەرگىنىنى سۈرۈشتۈردۈم. ئۇ خېلى ئۇزاق تۇرۇۋالغاندىن كىيىن مىنىڭ ئىككى ئايغىچە ئۆزىنى ئىزدىمىگەنلىكىمگە قاراپ مىنىڭ ئەقىدەمدىن گۇمانلانغانلىقىنى، شۇڭا ئاخىرى ئۇ يىگىتنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى... دىدى، شۇ تاپتا مىنى ئۆزىنىڭ تاغدەك ۋەدە - قەسەملىرى بىلەن ئىشەندۈرگەن ئاشۇ قىزنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، ئاچچىقىمنى چىقىرىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئاخىرىدا ئاچچىقىمنى ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم يەڭدى. مەن ئۇنىڭغا ھېچقانداق گەپ قىلماي ئارقامغا ياندىم ۋە يېزا بازىرىغا كىلىپ بارلىق دەردىمنى ھاراقتىن ئالدىم. بۇمۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم ھاراق ئىچىشىم ئىدى...
ئاي ئۆتتى، يىل ئۆتتى...
مەن ئۇنىڭ بىلەن پەقەت كۆرۈشمىدىم، كىيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ باشقا بىر باينىڭ بالىسى بىلەن توي قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يىگىتنىڭ شۇ ۋىجدانسىز قىزنىڭ يىقىن دوستى مەلىكىنىڭ يۈرگەن يىگىتى ئابدۇللا بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى بىلدىم - دە، پەقەت ئاچچىق بىر ئۇھ تارتىپ قويدۇم، ئەمما بارلىق دەردىمنى ئ.ۆزۈم بىلەتتىم...
ئاقىۋەت ئۇ قىزمۇ توي قىلدى. مەن شۇ كۈنى ئۇنىڭ تويىنى يېزا بازىرىدىكى قاۋاقخانىدا يىگانە ھالدا ھاراق ئىچىپ تەبرىكلىدىم...
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتتى...
- يىلى يېزا بازىرىدا كىتىۋاتسام ناتونۇش بىر قىز ئالدىمنى توستى، ئۇ ماڭا بىر پارچە خەتنى بەردى. خەتنى ئېچىپ قارىسام تۇنۇش پوچۇركا، بۇ خەتنى ھېلىقى ۋاپاسىز سۆيگۈنۈم ئەۋەتكەن ئىدى...
خەتنى ئېچىپ ئوقۇدۇم، ئۇ خېتىدە ماڭا ئۆزىنىڭ ھازىرقى يولدىشىنى پەقەت ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى، بۇ توينى ئاتا - ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئامالسىز قىلغانلىقىنى، كىچىكلىكتىن مىنىڭ مۇھەببىتىمنى خارلىغانلىقىنى، شۇڭا مىنى ئۆزىنى كەچۈرۈشۈمنى... دەپ بىر مۇنچە سۆزلەپتۇ...
خەتنى ئوقۇپ بولۇپ شۇ ھامان يىرتىۋەتتىم ۋە ئىستىھزا ئارىلاش كۈلۈپ قويدۇم، چۈنكى مەن ئەمدىلا ساقىيىشقا باشلىغان يۈرەك يارامدىن يەنە قان ئېقىتىشنى خالىمايتتىم. شۇڭا ئۇ قىزغا بىر پارچە قەغەزگە كونىلارنىڭ ( سۇغا سالساڭ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بىرىپ ئالغىلى بولماس مىسقال تۆمۈرنى... ) دىگەن ھېكمەتلىك تەمسىلىنى يېزىپ ئەۋەتتىم ھەم غايىبانە ھالدا پەقەت ( مىنى كەچۈر قىزچاق... ) دىدىم...
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203