ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
شەھەرلىك بىلەن سەھرالىقنىڭ دىئالوگى

 


 

شەھەرلىك بىلەن سەھرالىقنىڭ دىئالوگى


 

شەھەرلىك: مەن دوختۇرخانىدا تۇغۇلدۇم.
سەھرالىق: مەن كاڭدا تۇغۇلدۇم.
شەھەرلىك: شۇندىن باشلاپ مەن جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر بەختلىك كىچىك پۇقراسى بولۇپ قالدىم.
سەھرالىق: شۇندىن باشلاپ مەن جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر شەرەپلىك باج تاپشۇرغۇچىسى بولۇپ قالدىم.
شەھەرلىك: مەن دۆلەتنىڭ ۋە ئاتا- ئانامنىڭ ئىدارىسىدىن بەرگەن تۈرلۈك پاراۋانلىقتىن بەھرىمان بولىمەن.
سەھرالىق: مەن دۆلەت ۋە يېزىنىڭ كىشى بېشىغا چاچقان تۈرلۈك خىراجەتلىرىنى تاپشۇرىمەن.
شەھەرلىك: مەن نىمە دىگەن بەختلىك ھە
سەھرالىق: مەن نىمە دىگەن "شەرەپلىك" ھە
شەھەرلىك: ئاتا- ئانامنىڭ پۇلىنى خەجلىگەندىن باشقا يەنە بانكىغىمۇ قويىمىز.
سەھرالىق: ئاتا- ئانام تېرىغان ئاشلىقنى دۆلەتكە تاپشۇرغاندىن كىيىن قالغىنىنى يىل ئاخىرىغىچە ئاران يەتكۈزىمىز.
شەھەرلىك: مەن كىچىگىمدە نۇرغۇن ئويۇنچۇقلارنى ئوينىغان.
سەھرالىق: مەن كىچىگىمدە نۇرغۇن لايلارنى ئوينىغان.
شەھەرلىك: مەن يەسلىگە كىردىم.
سەھرالىق: مەن ئاتا- ئانامنىڭ كەينىدىن باشاق تىرىيالايدىغان بولدۇم.
شەھەرلىك: مەن دائىم ئۇششاق- چۈششەك نەرسە يەيمەن.
سەھرالىق: مەن دائىم پىشاي دەپ قالغان بۇغداينى چوغقا كۈمۈپ يەيمەن.
شەھەرلىك: مەن باشلانغۇچقا كىردىم.
سەھرالىق: مەنمۇ كىردىم.
شەھەرلىك: بىزنىڭ مەكتەپ نىمە دىگەن چىرايلىق ھە يېڭى جوڭگۇ سېلىپ بەرگەن يېڭى بىنالار نىمانداق ئىگىز
سەھرالىق: بىزنىڭ مەكتەپ نىمە دىگەن ئەنئەنىۋى ھە كونا جوڭگۇدىكى پومچىكلاردىن قىلىپ قالغان ئۆيلەر تولىمۇ مەزمۇت
شەھەرلىك: پارتام بەكمۇ چىرايلىق، مەن بەكمۇ خوشال
سەھرالىق: بىزنىڭ پارتىلار تولىمۇ چىڭ، ھەمدە توپىنىڭ ھىدى كىلىپ تۇرىدۇ، ئەمما ئورۇندۇقنى ئۆزىمىز ئەكىلىمىز، ئەجەپمۇ......
شەھەرلىك: ئانام ماڭا بەك ئامراق، دائىم خەجلىگىلى پۇل بىرىدۇ.
سەھرالىق: مەن دائىم كەمپۈت يەيمەن دەپ غەلۋە قىلغاچقا، ئانام دائىم ساغرامغا ئۇرىدۇ.
شەھەرلىك: يەكشەنبە كەلدى، باغچىغا بارىدىغان بولدۇم، ئۆسمۈرلەر سارىيىغا بارىدىغان بولدۇم.
سەھرالىق: يەكشەنبە كەلدى، قوي باقىمەن، ئوت ئورۇيمەن.
شەھەرلىك: ئاغرىپ قالدىم، دادام مىنى دوختۇرغا كۆرسەتتى، پۇلىنى ئاتچوت قىلارمىكىن تاڭ
سەھرالىق: ئاغرىپ قالدىم، دادام قوينى سېتىپ، مىنى دوختۇرغا كۆرسەتتى.


 

شەھەرلىك: مەن چوڭ بولدۇم.
سەھرالىق: مەنمۇ چوڭ بولدۇم.
شەھەرلىك: مەن تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىۋاتىمەن.
سەھرالىق: مەن ياخشى ئۆگىنىشكە تىرىشىۋاتىمەن.
شەھەرلىك: بىز موتسېكلىت سېتىۋالدۇق، يەنە بىر قانە يىلدىن كىيىن ماشىنىمۇ سېتىۋالماقچى.
سەھرالىق: بىز بىر موزاي سېتىۋالدۇق، كېلەر يىللىرى موزايلاپ قېلىشى مۇمكىن.
شەھەرلىك: تولۇق ئوتتۇرىغا چىقتىم.
سەھرالىق: مەنمۇ چىقتىم.
شەھەرلىك: ئانامنىڭ بىر ئايلىق مائاشى مىنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش خىراجىتىمگە يىتىدۇ.
سەھرالىق: ئاتا- ئانام بىر يىل يەر تېرىپ تاپقان پۇلى مىنىڭمۇ بىر يىللىق ئوقۇش خىراجىتىمگە يىتىدۇ.
شەھەرلىك: ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرمەكچىمەن، ياخشى ئۆگىنىپ، بىرەر داڭلىق ئالىي مەكتەپكە كىرىۋالسام بولاتتى.
سەھرالىق: مەنمۇ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرمەكچىمەن، ياخشى ئۆگىنىپ، بىرەر ئالىي مەكتەپكە كىرىۋالسام بولاتتى.
شەھەرلىك: ئىمتىھاندا نومۇر ئېلىپ، شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىغا قۇبۇل قىلىندىم. - ئارزۇيۇممۇ شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىدى.
سەھرالىق: ئىمتىھاندا نومۇر ئېلىپ، ۋىلايىتىمىزدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىندىم، مىنىڭ - ئارزۇيۇممۇ شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىدى.
شەھەرلىك: دادام بانكىغا قويغان بىر يىللىق پۇل بىلەن ئوقۇش خىراجىتىمنى تۆلىدى.
سەھرالىق: ئاتا- ئانام پۈتكۈل يېزىدىكىلەردىن قەرز ئالغان بولسىمۇ يەنە يۈەن كاملىدى، كالىنىمۇ ساتقان ئىدۇق ئاران يەتتى.
شەھەرلىك: ئالىي مەكتەپتە چىرايلىق قىزلار نىمە دىگەن جىق ھە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي.
سەھرالىق: ئالىي مەكتەپتە ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىغى قىلغىلى بولىدىكەن، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، لاتا خېيىمنى ئالماشتۇرۇۋالاي.
شەھەرلىك: زاۋۇتنىڭ كىرىمى ياخشى بولمىغاچقا، دادام ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قالدى.
سەھرالىق: يىلدا زىيان تارتىۋاتقاچقا دادام يەرنى تېرىماي قويدى.
شەھەرلىك: دادام ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئىدارىدىن ھەر ئايدا يۈەن تۇرمۇش كاپالىتى بىرىۋاتىدۇ.
سەھرالىق: ئاتا- ئانام گەرچە يەر تېرىمىغان بولسىمۇ ئەمما ئوخشاشلا دۆلەت ۋە يېزا ئۈچۈن يۈەن باج تۆلەۋاتىدۇ.
شەھەرلىك: دادام بىر ئىش قىلاي دەپ، بىر دۇكان ئاچتى.
سەھرالىق: دادام بىزنى بېقىش ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپ، مەدىكار بولدى.
شەھەرلىك: دۆلەت دادام ئۈچۈن تۈرلۈك ئېتىبار بىرىش سىياسەتلىرى بىلەن تەمىنلىدى، ئالىدىغان باجنىمۇ كېمەيتتى.
سەھرالىق: دادام شەھەردە مەدىكارلىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يېزىغا بىرىدىغان باجنى داۋاملىق تاپشۇرىۋاتىمىز، تېخى شەھەردە تۈرلۈك كىنىشكىلەرنى بىجىرىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل كەتتى.
شەھەرلىك: دادامنىڭ ئوقىتى يامان ئەمەس، كۈندە ئەتىگەن بېرىپ كەچ قايتىدۇ، بەزىدە ئۆيدىكىلەر بىللە ساياھەتكىمۇ چىقىپ قويىمىز تېخى.


 


شەھەرلىك: دادام كۈندە بانكىغا پۇل قويماقتا، بانكا خادىمى ئۇنى كۈلۈمسىرەپ قارشى ئالىدۇ.
سەھرالىق: دادام يىل ئاخىرىدىلا پۇل ئالغىلى بارىدۇ، ئىش بېشى ئۇنى تىللاپ "قارشى ئالىدۇ".
شەھەرلىك: ھۆكۈمىتىمىز دادامنى ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، شەھەر ئىقدىسادىنى گۈللەندۈردى دەپ تەقدىرلىدى.
سەھرالىق: ھۆكۈمىتىمىز دادامنى يېزىدىن شەھەرگە كىرىپ پۇل تاپىمەن دەپ ئىش تېرىدى، تېخى پۇلۇمنى ئالالمىدىم دەپ مەقسەتلىك جودا چىقاردى دەپ ئەيبلىدى.
شەھەرلىك: بىزنىڭ ئۆيىمىز تولىمۇ چىرايلىق بىنادا، مەن نىمە دىگەن بەختلىك
سەھرالىق: شەھەردىكى چىرايلىق بىنالارنى داداملار جاپا تارتىپ سالغان، مەن بۇنىڭدىن "پەخىرلىنىمەن"
شەھەرلىك: ئوقۇش پۈتتۈردۈم، دۆلەت بىزنى بۆلمەيدىكەن.
سەھرالىق: مەنمۇ ئوقۇش پۈتتۈردۈم، دۆلەت بىزنىمۇ بۆلمەيدىكەن.
شەھەرلىك: دادامنىڭ يول مېڭىشى بىلەن مەن ئورگانغا خىزمەتكە چۈشۈپ، خەلقنىڭ چاكىرىغا ئايلاندىم.
سەھرالىق: مىنىڭ پۇلۇم ۋە يولۇم بولمىغاچقا، مەكتەپتىن چىقىپلا "دۆلەتنىڭ خوجايىنى" غا ___خەلققە ئايلاندىم.
شەھەرلىك: مەن چاكار، خوجايىنىم ئالدىراش بولغاچقا، ماڭا ئۈچ نەرسىسىنى ئامانەتكە قويدى، ئۇلار: پۇل، ھوقوق، مەنپەئەت.
سەھرالىق: مەن خوجايىن، خوجايىن دىگەن چاكارنى ئىشلەتمەي نىمە قىلىدۇ، شۇڭا مەن ئۈچ مۇھىم نەرسەمنى چاكىرىمنىڭ ساقلىشىغا بىرىۋەتتىم، نىمە دىگەن بىكارچىلىق ھە
شەھەرلىك: مەن ئاكتىپلىق بىلەن ئىستىمال قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى تىزلەتمەكتىمەن.
سەھرالىق: مەن تىرىشىپ ئىشلەپچىقىرىپ، جان بېقىش ئۈچۈن پۇل تاپماقتىمەن.
شەھەرلىك: دۆلەت خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان چاغدا دائىم ئاۋۋال مىنى ئويلايدۇ، مەن كۆپ تەسىرلەندىم.
سەھرالىق: دۆلەت خەلقتىن ئالىدىغان چاغدا دائىم ئاۋۋال مىنى ئويلايدۇ، مەنمۇ كۆپ تەسىرلەندىم.
شەھەرلىك: دۆلەت ئىچكى ئېھتىياجنى تىزلىتىدىغان چاغدا دائىم ئاۋۋال مىنى ئويلايدۇ، ماڭا خەجلىگىلى پۇل بىرىدۇ.
سەھرالىق: دۆلەت قوغداشقا مۇھتاج بولىدىغان چاغدا دائىم ئاۋۋال مىنى ئويلايدۇ، مىنى ئالدىنقى سەپكە چىقىرىپ قويىدۇ.
شەھەرلىك: مەن دۆلەتنىڭ پۇقراسى، دۆلىتىمىز چوقۇم مىنى ئويلىشىشى كېرەك، بىزنىڭ مەنپەئىتىمىزنى چىقىش قىلىشى كېرەك.
سەھرالىق: مەن دۆلەتنىڭ پۇقراسى، مەن چوقۇم دۆلىتىمنى ئويلىشىشى كېرەك، دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئىتىمىزنى چىقىش قىلىشىمىز كېرەك.
شەھەرلىك: مەن دۆلىتىمدە ئەركىن- ئازادە مېڭىپ يۈرەلەيمەن.
سەھرالىق: مەن يېزامدا ئەركىن- ئازادە مېڭىپ يۈرەلەيمەن.
شەھەرلىك: مىنىڭ ئەتەم پارلاق.
سەھرالىق: مىنىڭ ئەتەم قانداق؟


 

مەنبە : باس باس تورى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203