ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
پوپ ۋە مۇسۇلمان

پوپ ۋە مۇسۇلمان


 

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر بالا ئامېرىكىدا ئوقۇيدىكەن، ئامېرىكىدا بىر تەرەپتىن ئوقۇشىنى ئوقۇغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدىكەن. بۇ بالا بىر كۈنى بىر خرىستىئان بالا بىلەن تونۇشۇپ قېپتۇ، كۈن ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ خېلى قويۇقلىشىپ قېپتۇ. مۇسۇلمان بالا ئولتۇرسا- قوپسا خرىستىئان تونۇشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىكەن.


 

بىر كۈنى بۇ ئككى بالا مەھەللە ئايلىنىۋېتىپ بىر چېركاۋنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قېپتۇ. بۇ ئەسنادا خرىستىئان بالا مۇسۇلمان ئاغىنىسىدىن ئۆزى بىلەن بىللە چېركاۋغا كىرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ، مۇسۇلمان بالا باشتا ئۇنىماپتۇ، لېكىن ئاخىرى خرىستىئان ئاغىنىسىنىڭ قاتتىق تەلىۋىگە ماقۇل بوپتۇ.


 

نەتىجىدە بۇ ئىككى بالا بىرلىكتە چېركاۋغا كىرىپ ئۈستەللەرنىڭ بىرىدە ئولتۇرۇپتۇ، بىرئاز جىمجىتلىقتىن كېيىن پوپ كىرىپ چېركاۋدىكىلەرگە بىر قاراپ چىقىپ «ئارىمىزدا بىر مۇسۇلمان كۆرۈنىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ چىقىپ كېتىشى لازىم» دەپتۇ. ھېلىقى مۇسۇلمان بالا مىدىرلىماي ئولتۇرۇۋىرىپتۇ. پوپ سۆزىنى بىرقانچە قېتىم تەكرارلاپتۇ، مۇسۇلمان بالا ئاۋۋالقىدەكلا ئولتۇرۇۋىرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پوپ «ئۇنىڭ چىقىپ كېتىشى لازىم، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئېلىنىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچكىم چېقىلمىسۇن» دەپتۇ.


 

مۇسۇلمان بالا بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كېتىشكە مېڭىپتۇ، لېكىن ئىشىك ئالدىغا بېرىپ توختاپ تۇرۇپ پوپتىن: «مېنى قانداق تونۇدۇڭ؟» دەپ سوراپتۇ. پوپ: «مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزلىرىدە نىشانى بار» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇسۇلمان بالا ئىشىك تەرەپكە بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇپتۇ. بۇ ئارىدا پوپ بۇ مۇسۇلمان بالىدىن بىر قانچە سوئال سوراپ يىڭىۋېتەي دېگەن مەقسەتتە ئۇنىڭغا «توختا مەن سەندىن سوئال سورايمەن» دەپتۇ. مۇسۇلمان بالا بۇنىڭغا ماقۇل بوپتۇ.


 

پوپ «ئۇنداق بولسا مېنىڭ سەندىن سورايدىغان يىگىرمە نەچچە سوئالىم بار، سېنىڭ ھەممە سوئالىمغا جاۋاب بېرىشىڭ لازىم» دەپتۇ. بىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «خالىغىنىڭىزنى سوراڭ» دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ پوپ بىلەن مۇسۇلمان بالىنىڭ ئارىسىدا تۆۋەندىكى دىئالوگ بولۇپ ئۆتۈپتۇ:
- ئىككىنچىسى يوق بىر؟
- اللە
- ئۈچىنچىسى يوق ئىككى؟
- كېچە بىلەن كۈندۈز.
- تۆتىنچىسى يوق ئۈچ؟
- مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزىر ئەلەيھىسسالامغا ئېيتقان ئۆزرىلىرى.
- بەشىنچىسى يوق تۆت؟
- تەۋرات، ئىنجىل، زەبۇر ۋە قۇرئان كەرىم.
- ئالتىنچىسى يوق بەش؟
- بەش بەش ۋاخ ناماز.
- يەتتىنچىسى يوق ئالتە؟
- اللە كائىناتنى ياراتقان ئالتە كۈن.
- سەككىزىنچىسى يوق يەتتە؟
- يەتتە قات ئاسمان.
- توققىزىنچىسى يوق سەككىز؟
- ئەرشىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان سەككىز پەرىشتە.
- ئونىنچىسى يوق توققۇز؟
- مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ توققۇز مۆجىزىسى.
- كۆپەيتىشنى قوبۇل قىلىدىغان ئون؟
- ياخشى ئەمەلدۇر. اللە تەئالا ئۇنى كۆپەيتىدۇ.
- ئون ئىككىنچىسى يوق ئونبىر؟
- يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر تۇغقانلىرى.
- ئون ئۈچىنچىسى يوق ئون ئىككى؟
- مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىسى بىلەن تاشقا ئۇرغاندا تاشتىن ئېتىلىپ چىققان ئون ئىككى بۇلاق.
- ئون تۆتىنچىسى يوق ئون ئۈچ؟
- يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر تۇغقىنى ۋە ئاتا- ئانىسى.
- نەپەس ئالىدۇ جېنى يوق؟
- تاڭنىڭ يورۇشى.
- ئىگىسى بىلەن ماڭغان قەبىر؟
- يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنى يۇتۇپ كەتكەن بېلىق.
- يالغان ئېيتقان ۋە جەننەتكە كىرگەن كىشىلەر؟
- يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر تۇغقانلىرىدۇر. بۇلار دادىسى يەقۇب ئەلەيھىسسالامغا يالغان ئېيتقان، كېيىن يەقۇب ئەلەيھىسسالام بۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلغان.
- اللە ئۆزى ياراتقان ۋە ئۆزى ياخشى كۆرمىگەن نەرسە؟
- ئېشەكنىڭ ئاۋازى.
- اللە ئاتا- ئانىسىز ياراتقان شەيئىلەر؟
- ئادەم ئەلەيھىسسالام، پەرىشتىلەر ۋە سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسى.
- ئوتتىن يارىىتلغان كىشى؟
- ئىبلىس.
- ئوت بىلەن ھالاك قىلىنغان كىشى؟
- ئەبۇ جەھىل ۋە ئۇنىڭ تەرەپتارلىرى.
- ئوتتىن ساقلانغان كىشى؟
- ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام.
- تاشتىن يارىتىلغان نەرسە؟
- سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسى.
- تاش بىلەن ھالاك بولغانلار؟
- ئەسھابۇلفىيل.
- تاش بىلەن ساقلانغانلار؟
- ئەسھابۇلكەھىف.
- اللە ئۆزى يارىتىپ ئۆزى چوڭ سانىغان نەرسە؟
- ئاياللارنىڭ ھىيلىسى.


 

- بىر دەرەخ بار، ئۇ دەرەخنىڭ پۇتىقى بار، ھەر پۇتاقتا دىن شاخ بار، ھەر شاختا دىن مېۋە بار، مېۋىنىڭ ئۈچى سايىدا، ئىككىسى ئاپتاپتا. بۇ نېمە؟
- دەرەخ بىر يىلدۇر، ئون ئىككى پۇتىقى ئون ئىككى ئايدۇر، ھەر پۇتاقتا دىن شاخ دېمەك ھەر ئايدا ئوتتۇز كۈن بار دېمەكتۇر، ھەر شاختا بەشتىن مېۋە بار، ئۈچى سايىدا ئىككىسى ئاپتاپتا دېگەن گەپ بىر كۈندە بەش ۋاخ ناماز بار، ئۈچى قاراڭغۇلۇقتا ئوقۇلىدۇ، ئىككىسى يورۇقلۇقتا ئوقۇلىدۇ، دېگەن بولدۇ.


 

مۇسۇلمان بالا سوئاللارغا ھېچ دۇدۇقلاپ قالماستىن جاۋاب بەرگەندىن كېيىن پوپ ۋە چېركاۋدىكى پۈتۈن خرىستىئانلار بۇ بالىنىڭ ھۇشيارلىقىغا ھەيران قېپتۇ. بۇ بالا چىقىپ كېتەي دەپ تەمشىلىۋېتىپ پوپتىن بىر سوئال سوراشنى تەلەپ قىپتۇ، پوپ ماقۇل بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ياش مۇسۇلمان پوپتىن «جەننەتنىڭ ئاچقۇچى نېمە» دەپ سوراپتۇ. پوپ بۇ سوئالنى ئاڭلاپ گاڭگىراپ قېپتۇ، تىل چاينىغىلى باشلاپتۇ، رەڭگى ئۆزگىرىپتۇ، ۋە قورقۇنچىسىنى يوشۇرالماپتۇ.


 

چېركاۋدىكىلەر پوپتىن بالىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ ۋە: «سەن بۇنىڭدىن يىگىرمە نەچچە سوئال سورۇدۇڭ، بۇ ھەممە سوئالىڭغا جاۋاب بەردى، ئەمدى بۇ سەندىن بىر سوئال سورىسا جاۋاب بېرەلمەمسەن؟» دەپتۇ. پوپ «جاۋاب بېرەلەيمەن، لېكىن سىلەردىن قورقىمەن» دەپتۇ. ئۇلار: «سېنى ھېچنېمە قىلمايمىز، بۇ سوئالىنىڭ جاۋابى نېمە بولسا قورقماي دېگىن» دەپتۇ. پوپ ئۇلاردىن ئامانلىق ۋەدىسى ئالغاندىن كېيىن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىپتۇ: جەننەتنىڭ ئاچقۇچى «ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ، ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھدۇر» دەپتۇ ۋە مۇسۇلمان بوپتۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ چېركاۋدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بوپتۇ.
نېمىدېگەن ياخشى دىئالوگ – ھە


 

مەنبە: ئۇيغۇر ئىسلام تورى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203