بىر ياشنىڭ سوئالىغا بېرىلگەن جاۋاپ
چەتئەلدە ئۇزۇن يىل ئوقۇغان بىر ياش. يۇرتىغا قايتقاندىن كىيىن ئاتا-ئانىسىدىن ئۆزىنىڭ ئۈچ سوئالىغا جاۋاب بېرەلىگۈدەك بىر دىنى ئالىم تېپىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپتۇ. بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىر مۇسۇلمان ئالىمنى تېپىپتۇ.
ياش بالا: سىز كىم بولىسىز؟ سوئالىمغا جاۋاب بېرەلەمسىز؟
ئالىم: مەن ئاللاھ (سۇبھانە ۋە تائالە) نىڭ بەندىسى، ئىنشائاللاھ، سوئالىڭغا جاۋاب بېرەلەيمەن.
- جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟ نۇرغۇن پروففېسسور ۋە مۇتەخەسىسلەر سوئالىمغا جاۋاپ بېرەلمىگەن.
- ئاللاھ (سۇبھانە ۋە تائالە) نىڭ ياردىمىدە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىمەن.
-مېنىڭ سوئالىم بار:
) ئاللاھ راستىنلا مەۋجۈتمۇ؟ ئەگەر مەۋجۈت بولسا، ماڭا شەكلىنى كۆرسىتىڭ؛
) تەقدىر دېگەن نېمە؟
) ئەگەر شەيتان ئوتتىن يارالغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرىدا يەنە شۇ ئوتتىن يارالغان دوزاخقا تاشلىنىدۇ؟ ئىككىلىسى ئوت تۇرسا، شەيتان ئەلۋەتتە ھېچنېمە بولمايدۇ. ئاللاھ بۇنى ئويلىمىغانمىدۇ؟
ئالىم تۇيۇقسىز ياش بالىنىڭ يۈزىگە قاتتىق بىر شاپىلاق ئۇردى.
-نېمىشقا ماڭا خاپا بولىسىز؟
-مەن خاپا بولمىدىم. مېنىڭ بۇ بىر شاپىلىقىم سېنىڭ شۇ سوئالىڭغا جاۋاب.
-مەن ھېچنېمىنى چۈشەنمىدىم.
-سېنى بىر شاپىلاق ئۇرسام نېمىنى ھېس قىلدىڭ؟
-ئەلۋەتتە ئاغرىقنى ھېس قىلدىم.
-ئۇنداق بولسا، شۇ ئاغرىقنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەمسەن؟
-ئىشىنىمەن.
-ئۇنداق بولسا، ماڭا شۇ ئاغرىقنىڭ شەكلىنى كۆرسىتىپ بەرگىن.
-كۆرسىتەلمەيمەن.
-مانا بۇ مېنىڭ بىرىنچى جاۋابىم. ھەممىمىز ئاللاھنىڭ شەكلىنى كۆرمەي تۇرۇپمۇ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلىمىز. تۆنۈگۈن مەندىن تاياق يەيدىغانلىقىڭنى چۈشىدىڭمۇ؟
-ياق.
-سەن مەندىن بۈگۈنكى بۇ بىر شاپىلاقنى يەيدىغانلىقىڭنى ئەزەلدىن ئويلاپ باققانمۇ؟
-ياق.
-مانا بۇ تەقدىر. بۇ مېنىڭ ئىككىنچى جاۋابىم. ئەمدى ماڭا جاۋاب بەرگىن، سېنى شۇ بىر شاپىلاق سالغان بۇ قولۇم نېمىدىن يارالغان؟
-گۆشتىن.
-ئۇنداق بولسا سېنىڭ شاپىلاق يېگەن يۈزۈڭچۇ؟
-گۆشتىن.
-ئۇنداق بولسا سېنى بىر شاپىلاق ئۇرغاندىن كېيىن نېمىنى ھېس قىلدىڭ؟
-ئاغرىقنى.
-مانا بۇ مېنىڭ ئۈچىنچى جاۋابىم. گەرچە شەيتان ئوتتىن يارالغان بولسىمۇ، ئاللاھ خالىسىلا، ئىنشائاللاھ، دوزاخ شەيتانغا ئازاپ بولىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ دەيدۇلەركى، «ئەگەر سەن مەندىن نومۇس قىلساڭ، مەن ھەم سەندىن نومۇس قىلىمەن.»
-چۈشەندىم. مەن ئاللاھنى سۆيىمەن. ئاللاھ مېنىڭ ھاياتلىقمنىڭ ۋە قۇتۇلۇشۇمنىڭ مەنبەسى. ئاللاھ ماڭا ھاياتلىق ئاتا قىلدى. ئاللاھسىز مەن مەۋجۈت بولمايمەن. پەقەت ئاللاھ بىلەنلا، مەن ھەممە ئىشلارنى قىلالايمەن. ئاللاھ مېنىڭ ھاياتى كۈچۈم.
مەنبە : بىلىك مۇنبىرى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |