قىسقا يوپكا ماجىراسى
بىر ئەر ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر ئايالنىڭ قىسقا يوپكىسىنى يىرتىپ قويدى........
ئەنگليىدە:
تايمۇس دەرياسى بويىدىكى چېركاۋ مەيدانىدا ، بىر ئەنگىلىيىلىك ئەر ئىھتىياتسىزلىقتىن بىر ئەنگىلىيەلىك بويتاق ئايالنىڭقىسقا;يوپكىسىنى يىرتىپ قويىدىكەنئەنگىلىيەلىك ئەر ئېغىز ئاچقۇچە ، ھېلىقى ئەنگىلىيەلىك بويتاق ئايال قولىدىكى گېزىت بىلەن ئىتتىك يىرتىلغان يېرىنى يېپىۋېلىپقىزارغان ھالدا: " ئەپەندىم ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويالامسىز؟ ئۆيۈم مۇشۇ ئەتراپتا ..." دەيدىكەن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەنگىلىيەلىك ئەر دەرھال;چاپىنىنى سېلىپ ئايالغا يېپىپ قويۇپ ، تاكسى چاقىرىپ ئايالنى ئۆيىگە بىخەتەر ئاپىرىپ قويىدىكەن.
---------------------------------------------------------------------
نيۇ-يورۇكتا:
ئادەملەر توختىماي ئۆتىشىپ تۇرىدىغان دەۋر مەيدانىدا، بىر ئامرىكىلىق ئەر;ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر ئامرىكىلىق بويتاق ئايالنىڭ قىسقا يوپكىسىنى يىرتىپ قويىدىكەن.ئامرىكىلىق ئەر ئېغىز;ئاچقۇچە ، ھېلىقى ئامرىكىلىق بويتاق ئايال دەرھال يانچۇقىدىن بىر پارچە ئىسىم كارتۇچكىسىنى چىقىرىپ " بۇ ئادوۋكاتىمنىڭ تېلىفونى،ئۇ سىزنى تېپىپ بۈگۈنكى ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ،;ئىدىيەرىڭىزدە تەييارلىق قىلىپ قويارسىز،خوش سوتتا كۆرىشەيلى" دەپ، ئامرىكىلىق ئەرنىڭ ئىسمى ۋە تېلىفونىنى يېزىۋېلىپ كېتىپ قالىدىكەن.
---------------------------------------------------------------------
توكيودا:
ئادەملەر توختىماي ئۆتىشىپ تۇرىدىغان گىنزا مەيدانىدا بىر ياپونىيەلىك ئەر ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر ياپونىيەلىك بويتاق ئايالنىڭ قىسقا يوپكىسىنى يىرتىپ قويىدىكەن.ياپونىيەلىك ئەر ئېغىز ئاچقۇچە، ھېلىقى ياپونىيەلىك بويتاق ئايال گىرادوسلۇق;تازىمدىن بىرنى قىلىپ:"ناھايىتى ئەپسۇس سىزگە ئاۋارچىلىق تېپىپ بەردىم، ھەممىسى مۇشۇ سۈپەتسىز يوپكىنىڭ كاساپىتى....." دىگەچ يىرتىلىپ كەتكەن يوپكىسىنى ئىلغۇچتا ئىلىۋېلىپ كېتىپ قالىدىكەن.
---------------------------------------------------------------------
پارىژدا:
دۇنياغا مەشھۇر زەپەر دەرۋازىسى مەيدانىدا، بىر فىرانسىيەلىك ئەر ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر فىرانسىيەلىك بويتاق ئايالنىڭ قىسقا يوپكىسىنى يىرتىپ قويۇدىكەن.فىرانسىيەلىك ئەر ئېغىز ئاچقۇچە، ھېلىقى فىرانسىيەلىك بويتاق ئايال قاقاقلاپ كۈلگەچ ئىنچىكە قوللىرىنى ئەرنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ تۇرۇپ : "ئەگەر مالال كۆرمىسىڭىز ماڭا بىر تال ئەتتىرگۈل سوۋغا قىلىپ، مېنىڭدىن ئەپۇ سورىسىڭز قانداق؟" دەيدىكەنبۇ گەپنى ئاڭلىغان فىرانسىيەلىك ئەر دەرھال گۈل دۇككىنىدىن بىر تال;ئەتتىرگۈلنى ئېلىپ چىقىپ، ئايالنى قەھۋەخانىغا بېرىپ بىر قەدەھ ئىچىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلىدىكەن. ئاندىن داۋاملىق تۈردە قىسقا يوپكا توغرىسىدا پىكىرلىشىدىكەن.
---------------------------------------------------------------------
بېيجىڭدا:
ئادەم دېڭىزىدەك تىئەنمىن مەيدانىدا ، بىر ئەر ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر بويتاق ئايالنىڭ قىسقا يوپكىسىنى يىرتىپ قويىدىكەن.ئەر ئېغىز ئاچقۇچە، ھېلىقى بويتاق ئايال ئەرنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالىدىكەن - دە ، ئەرنىڭ ياقىسىغا چىڭ ئېسىلىپ تۇرۇپ : ھۇ لۈكچەك ماڭا نىيىتىڭنى بۇزغىدەك بولدىڭمۇ ، يۈرە غا بارىمىز " دەيدىكەن.
---------------------------------------------------------------------
ئۈرۈمچىدە:
ئادەملەر توپلانغان دۆڭكۆۋرۈكتە،بىر ئەر ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر قىزچاقنىڭ قىسقا يوپكىسىنى يۇرتىپ قويىدىكەن،ئەر ئېغىز ئاچقۇچە قىزچاق <ئوخخو بالاڭزا گەپ بار ئوخشىمامدۇ،ئاچاڭنىڭ كۆڭلىكى ئەمەس جۇما. شاڭچاڭدىن ئالغان يوپكا بۇ، قانداق دىيىشىمىز ۋا...گەپ قىلە &t; دەيدۇ،ئەر كەچۈرۈم سوراپ يوپكىنى يېڭىدىن بىرنى ئېپ بېرىپ، ئاندىن بىللە دىباغا بارىدۇ...
مەنبە : ئىنتېرنىت تورى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |