ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
مەڭگۈلۈك كۈتۈش

 


مەڭگۈلۈك كۈتۈش



قىز يىگىتكە ئۇچۇر يوللىدى : "ئەگەر ئائىلىڭىز نامرات بولۇپ، ئىككىمىز پەقەت بىر قاچا شوۋىگۈرۈچ ئېچىشكە توغرا كەلسە، تاماقتىكى گۈرۈچىنىڭ ھەممىسىنى ماڭا بىرىشنى خالامسىز؟"
يىگىت جاۋابەن ئۇچۇر قايتۇردى : "بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟ ئەگەر مەن ھېلىقى قىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئوغۇل بولغان بولسام، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان قىزنى ھەرگىز ئۇنداق تۇرمۇشتا ياشاتمىغان بولاتتىم."
قىز يەنە ئۇچۇر يوللىدى : "بۇنىڭغا بىرىلگەن جاۋاپ، شوۋىگۈرۈچنى سۈيى بىلەن قوشۇپ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا بىرەتتىم."
بۇ سۆزلەرنىڭ بارلىق قىزلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان ياكى تەسىرلەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما، بۇ ئادەمنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالىدۇ.
يىگىتمۇ ئۇچۇر قايتۇردى : " ئەگەر بىر قاچا شوۋىگۈرۈچمۇ بولمىغان بولسا، ھېلىقى ئوغۇل قانداق قىلىشى كېرەك؟ ياكى ئاشۇ بىر قاچا شوۋىگۈرۈچنىمۇ قىز ئېچىپ قورسىقى تويمىسىچۇ؟"
قىز يىگىتنىڭ ھېلىقى بالىغا ئوخشاش جاۋاپ بەرسىكەن دەپ ئويلايتتى (شوۋىگۈرۈچنى سۈيى بىلەن قوشۇپ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا بىرەتتىم). قىزنىڭ نەزىرىدە مۇشۇ جاۋاپلا ھەم ئۆلچەملىك ھەم تولۇق جاۋاپ بولۇپ ھېسابلىناتتى. يىگىت قىزنىڭ كۆڭلىدىكىدەك جاۋاپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، قىز يىگىتتىن يامانلاپ قالدى. يىگىت بىر قانچە قېتىم قىزنىڭ كۆڭلىنى ياسىغان بولسىمۇ، قىزنىڭ يەنىلا كارى بولمىدى ...
كېيىن قىز بىلەن يىگىت بىرلىكتە كېتىۋاتقاندا، مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھېلىقى پەقەت بىر قاچا شوۋىگۈرۈچ ئىچكەن كۈندىكىگە ئوخشاش ئىشقا يولۇقتى. ئۇ كۈنى يىگىت قىزغا تۇيدۇرماي خەت قالدۇرۇپ قويدى: "قەدىرلىكىم، مەن تاماق يەپ بولدۇم. ئۈستەلدە سىزگە ئېلىپ قويغان شوۋىگۈرۈچ بار، ئۇنى ئېچىۋىتىڭ. قىز شوۋىگۈرۈچنى ئېچىپ بولۇپ، ئارام ئېلىۋاتقان ۋاقىتتا، يىگىت قايتىپ كەلدى-دە، قىز ياقتۇرىدىغان كاۋاپ، سۈتلۈك چاي، مىۋە-چىۋە ... قاتارلىقلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى. يىگىت قىزغا ئۆزىنىڭ ۋاقىتلىق خىزمەت تاپقانلىقىنى،خوجايىننىڭ ئىش ھەققىنىڭ بىر قىسمىنى ئالدىنئالا بەرگەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە يانچۇقىدىن پۇلنى چىقىرىپ قىزنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتتى. "ئالدىرىماي يەڭ مەن بايىلا سىرتتا يەپ بولدۇم دەپلا، قىزنىڭ ئالدىدا شوخلۇق قىلدى. ئەڭ ئېغىر، جاپالىق كۈنلەردىمۇ قىز ئاۋالقىدەكلا خۇشال ھەم بەختلىك ئىدى. ئەكسىچە، يىگىت چارچاش سەۋەبىدىن بەزىدە ئاغىرىپ قالاتتى. يىگىت مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، قىز بىلەن دائىم كەلگۈسى بەختلىك تۇرمۇشى توغرۇلۇق ئاجايىپ تەسسەۋۇرلارنى قىلىشتى ...
قىز تېلېۋۇزۇر كۆرۈشكە ئامراق ئىدى. بىر قېتىم تېلېۋوزۇردىن بىر قانچە يىل ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق چوڭ يەر تەۋرەشتە، بىر ئانا-بالىنىڭ خارابىلىق ئارىسىغا قاپسىلىپ قالغانلىقىنى، ئانىنىڭ سۈتى قالمىغان ۋاقىتتا، ئانا قولىنىڭ قان تومۇرىنى چىشلەپ ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ساپ قېنىنى بالىغا ئىچكۈزگەنلىكىنى، بىر قانچە كۈندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ھېلىقى خارابىلىقنى ئاچقاندا، ئانىنىڭ ئاللىقاچان قېنىنىڭ ئېقىپ تۈگەپ، بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقانلىقىنى، بالىنىڭ ئېغىزىنىڭ ئەتراپىغا ئانىنىڭ قېنى يېپىشىقلىق ھالەتتە كۈلۈمسىرەپ تۇرغانلىقىنى، ئىككى مەڭزىنىڭ قىزىللىقتىن چاقناپ كەتكەنلىكىنى كۆردى ...
قىز يىگىتتىن: ئەگەر بىز خارابىلىق ئارىسىغا قاپسىلىپ قالساق، سىز ھېلىقى ئانىغا ئوخشاش ئۆز قېنىڭىز بىلەن مېنى قۇتقۇزۇپ قالالامسىز؟ دەپ سورىدى. يىگىت قىزنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بىر ئاز جىددىيلىشىپ قالدى. ئۇ قىزغا: بۇنداق قاملاشمىغان ئوي-خېياللاردا بولماڭ، بولامدۇ؟ سىز مېنىڭ بارلىقىم، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن سىزنى بەختلىك قىلىشقا تېرىشىمەن. ھەرقاچان بولمىسۇن، ھاياتىڭىز خەۋپكە ئۇچرىغان ۋاقتىدا، ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماستىن، سىزنى قوغدايمەن. بۇنداق ئارتۇقچە خېياللارنى چۆرۈپ تاشلاڭ، دىدى.
ھەپتە ئاخىرى. قۇياش نۇرى سىخىيلىق بىلەن يەر-جاھاننى ئېللىتىپ تۇراتتى. يىگىت قىزنىڭ قولىنى تۇتۇۋالغان بولۇپ، ناھايىتى خۇشال كۆرۈنەتتى. ئۇلار قىز ياقتۇرىدىغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ۋە كېيىن-كىچەكلەرنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىۋاتاتتى. نېمە دىگەن بەختلىك بىر جۇپلار-ھە ئۇلار ئايلانما يولدىن ئۆتۈپ، ئۆزلىرى بىرلىكتە ياسىغان "مۇھەببەت قەسىرى" _ پەقەت ئۆزلىرىگە مەنسۇپ بولغان جەننىتىگە يېتىپ كەلدى. يىگىت بىر قولىدا قىزنىڭ قولىنى تۇتۇۋالغان بولۇپ، يەنە بىر قولىدا سېتىۋالغان نەرسىلەرنى كۆتۈرۋالغان ئىدى. يىگىت ئالدىدا، قىز كەينىدە بولۇپ، يول سىزىقىدىن كېسىپ ئۆتسىلا، چوڭ يولدىن ئۆتۈپ كىتەتتى. تۇيۇقسىز ئوڭغا بۇرۇلغان ماشىنا ئۇدۇللا، يىگىتتىن پەقەت بىر قەدەملا كەينىدە مىڭىۋاتقان قىزغا ئۇچقاندەك يېقىنلاپ كەلدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ماشىنا قىزنى سوقۇۋەتتى. گۈپ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ماشىنا جىددى تورمۇزلاندى. بولۇنغان ئىشلار ناھايىتى تۇيۇقسىز يۈز بەردى. سوقۇلغان كىشى ئىككى مىتىر ئارلىققا قاڭقىپ كەتتى. يول قىپ-قىزىل قان بىلەن بويالدى. ياق ياق ... ئەمدىلا ھۇشىغا كەلگەن قىز قورقۇپ كەتكەن بولۇپ، ئەسەبىيلىك بىلەن توۋلىغان ئېچىنىشلىق ئاۋازى ئەتراپتا تۇرغانلارنىڭ باغرىنى ئىزىۋەتتى ...
قىز چۈشەندى. ئەسلىدە ماشىنا ئۇنى سوقاتتى. ئادەتتىكى كىشىلەر ئىنكاس قايتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدىغان مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە، يىگىت ھەيران قالارلىق ھالدا، قىزنى ئىتتىرۋىتىپ، ئۆزى لەختە-لەختە قان ئىچىدە قالدى.
|قىز يىغلىغىنىچە ئۆزىنى يىگىتنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ، توختىماستىن ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىردى. ئەتراپتىكىلەرنىڭ يىگىتنىڭ ئاللىقاچان تېنىقتىن قالغانلىقى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلىرىمۇ قىزنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى. يۈز بەرگەن ئىشلارغا قىزنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. ئۇ يەنىلا يىگىتنى چاقىرىشتىن توختاپ قالمىدى. ئويلىمىغان يەردىن مۆجىزە يۈز بىرىپ، يىگىت كۆزىنى ئاچتى. قىزنى كۆردى-دە، خاتىرجەم كۈلۈمسىرىگىنىچە، مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمدى ... قىز شۇنى ئېنىق چۈشەندى، يىگىت ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە ئۇنى جان تىكىپ قوغدىدى. ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ، ئامراق ئادىمىنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، خاتىرجەملىك بىلەن بۇ دۇنيادىن ئايرىلدى. بۇ ئىشقا تەڭرىمۇ كۆز يېشى قىلغاندەك، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يامغۇر ياغدى. يامغۇرنىڭ ھىدى پۈتۈن يەر جاھاننى بىر ئالدى ...
ئىككىيلەن بىرلىكتە ياسىغان "مۇھەببەت قەسىرى" دە، ھازىر قىزلا يالغۇز قالدى. قىز يىگىت بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى ئەسلىدى ...
قىز ئۆزىنىڭ ئىددىيىسى بويىچە جاۋاپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، يىگىتتىن ئاغرىنغىنىغا، ئۇنى رەت قىلغىنىغا پۇشايمان قىلدى. ئۇ يىگىتنىڭ ئۆزىنى باغرىغا بېسىشىغا بەكلا مۇھتاج بولدى. ئەمما، بۇ مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس ھەم مەڭگۈ قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولمايدىغان ئىش ...
قىز يولدا، بىرسىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ مىڭىشىغا ئادەتلىنىپ قالغان ئىدى. بۇنداق بولغاندا، يولدا توختاۋسىز مىڭىۋاتقان ماشىنىلاردىن غەم قىلمايتتى. يىگىت ھەمىشە قىزنىڭ سول تەرىپىدە مىڭىپ، قىزنى ماشىنىدىن يىراق يەردە مىڭىشقا بۇيرۇيتتى. قىز ئاشۇ خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تولىمۇ سېغىندى. لېكىن، بۇنى ھەر قانداق قىلىپمۇ ئورنىغا ئەكەلگىلى بولمايتتى.
قىز ئۇخلاشتىن ئىلگىرى، بىرسىنىڭ ناخشا ئېيتىپ، ھىكايە سۆزلەپ بىرىشىگە كۆنۈپ قالغان ئىدى. ھازىر ئۇنى مۇشۇنداق قىلىپ ئۇخلىتىدىغان ئادەم يوق. ئۇ تولىمۇ تەستە ئۇخلايدىغان بولدى.
قىز ئۇخلاپ قالغاندا، يوتقاننى تىپىپ ئىچىۋىتەتتى. بۇنداق چاغدا، يىگىت ھەر قېتىم دەل ۋاقتىدا ئويغىنىپ، قىزغا يوتقاننى يىپىپ قوياتتى. ئەمدى شۇ ئادەم ئۇنىڭغا يوتقاننى بىر قېتىممۇ يېپىپ قويالمايدۇ ...
قىز ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرەتتى. يىگىت ھەر قېتىم سىرتتىن قايتىپ كەلگەن چاغدا، ئۇنىڭغا ئازىراق بىر نەرسە ئالغاچ كىلىپ، ئۇنىڭ ئاچقان قورسىقىغا تەسەللىي بىرەتتى. ھازىر ئۇنى بەزلەيدىغان ھېچكىم يوق.
قىز گازىر، كاشتان، ئاپلىسىنلارغا ئامراق بولۇپ، ئۇلارنى بەھوزۇر يەپ بولغاندىن كېيىن، شۆپۈكلىرىنى دائىم يىگىتنىڭ ئالدىغا دۆۋىلەپ قوياتتى. لېكىن، شۇ ئىشتىن كېيىن قىز بۇنداق نەرسىلەرنى يەپمۇ باقمىدى.
قىز نۇرغۇن ئىشلارغا ئادەتلىنەلمىدى. بۇ ئىشلار گەرچە ئۇنىڭغا ئېغىر كەلسىمۇ، ئاستا-ئاستا كۆنۈشكە باشلىدى.
قىز يىگىتنىڭ نەرسىلىرىنى يېغىشتۇرۋاتقىنىدا، يىگىتنىڭ ئىسمى يېزىلغان قان تەقدىم قىلىش كېنىشكىسىنى بايقاپ قالدى. ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، قىز بۇنى تا ھازىرغىچە بىلمەي كەلگەن ئىدى. يىگىت بىر ئايدا قېتىم قان تەقدىم قىلغان بولۇپ، ۋاقتىمۇ يېزىلغان ئىدى. قىزغا ھەممە ئىش ئايدىڭ بولدى. ئاشۇ جاپالىق كۈنلەردە يىگىتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى، «ئالدىن بىرىلگەن ئىش ھەققى» نىڭ مەنىسىنى، يىگىتنىڭ يۇشۇرۇنچە قان تەقدىم قىلىپ تاپقان پۇلىغا، قىزغا ئۇ ئەڭ ئامراق نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرگەنلىكىنى چۈشەندى. قىزغا يەنە بىر پارچە گېزىت ئۇچرىدى. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، ۋاپات بولغان ئانا دەل يىگىتنىڭ ئانىسى ئىدى. ھايات قالغان بالا دەل يىگىت بولۇپ، يىگىتمۇ ھاياتىنى قىزغا قالدۇردى. قىز كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالمىدى ...
قەدىرلىكىم، سەن نېمىشقا يېنىمدا يوق؟ تەنھالىقتا خازان بولغىنىمغا چىدالامسەن؟ سەن ئىلگىرى ماڭا پۈتۈن دۇنيانى ئايلاندۇرىدىغانلىقىڭنى، مېنى بىر ئۆمۈر سۆيۈپ ئۆتىدىغانلىقىڭنى ئېيتقان ئىدىڭ. بىراق، سەن بۇ قەسىمىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدىڭ. سەن يەنە مېنىڭ ئازار يەپ قىلىشىمنى مەڭگۈ خالىمايدىغانلىقىڭنى، دىڭىزلار قۇرۇپ، تاشلار چىرىپ كەتسىمۇ، پەقەت مەن بىلەنلا بىللە ئۆتىدىغانلىقىڭنى دىگەن ئىدىڭ...
سەن نېمىشقا يېنىمدا يوق؟ سەن ماڭا ئامراقلىقىڭنى، كۆيىدىغانلىقىڭنى، سۆيىدىغانلىقىڭنى، ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭنىڭ چەكسىزلىكىنى ئېيتقان ئىدىڭ. ئەجىبا، بۇ بىر قېتىملىق دەبدەبىلىك ئېيتىلغان يالغان سۆزمىدۇ؟ ...
سەن نېمىشقا يېنىمدا يوق؟ مەن سېنى كۈتتۈم، كۈتتۈم ... ئۇخلاشنىڭ نېمىلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالاي دىدىم. كۆز ياشلىرىممۇ تامام ئېقىپ تۈگەي دىدى.
سەن نېمىشقا يېنىمدا يوق؟ مەن ئاپئاق توي كۆڭلىكى كېيىپ، سېنىڭ قولۇمنى تۇتۇشۇڭنى ساقلاۋاتىمەن ...


 


 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203