كانادالىق ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئالغان تەسىراتى
سالام تورداشلار:
بۇ يازما كانادادىن بىر ئۇيغۇر قىزى ۋەتەنەگە يىل كىيىن تۇققان يوقلاش ئۈچۈن كىلىپ ئالغان تەسراتلىرنى بۇنداق يىزىپتۇ.
.ھىچكىم يانفۇننى« چوڭ بىلىپ كەتمەيدىكەن »مەن ماڭغاندا تېخى بىزنىڭ باشلىقنىڭ ب پ ئاپپاراتىمۇ يوقتى.
.تۇرمۇش ياخشىلىنىپتۇ، لېكىن بايلار باي بوپتۇ، كەمبەغەللەر تالادا قاپتۇ.
.مۇھىت خېلىلا بۇلغىنىپتۇ لىكىن ھىچكىمنىڭ كارى يوقكەن ،ھەممىسى «ئامال يوق» دىيشىدىكەن.
.يېڭى سكزلەر بارلىققا كەپتۇ ،مەسلەن«رەڭلىك ئولتۇرۇش»«ئا ئا چە پۇل تۆلەش»دىگەندەك.
.خەنزۇچە سەۋىيە كۆتۈرلۈپتۇ ھەممە ئادەم سىزگە تېلفۇن نۇمۇرىنى«ياۋ سەن سەن ەې جيۇ»دەپ ئېيتىپ بىردىكەن.
.ئۇيۇن تاماشا دۆڭلىشىپتۇ ،ئەرلەرنىڭ سورۇندىن يانغاندىن قىلدىغان بىرىنجى ئىشى تېلفۇن ئۇرۇپ«چىقىڭە»دىيش ئىكەن،سورۇننىڭ يېرىمىغا كەلگەندە «دوستىلىرىڭىزنى ئېلىپ كىلڭە بىز XXXرىستۇراندا »دەيدىكەن.
.چەتئەللىكىلەر كۆپىيىپتۇ ،ھىچكىم پاكىستانلىقلارنى كۆزگە ئىلمايدىكەن ،ئەزەربەيجانلىقلارغا قىزلار ئامىراق ئىكەن «قاش كۆزى جايىدا»مىش،غەرىپتىن كەلگەنلەرگە يەنىلە ھۆرمەت يۇقىرى كەن .
.«قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان »«پىچىغى كەسمەيدىغان »باشلىقلارنى بۇنداق دىيىش ئازىيىپتۇ ھازىر«بىڭسى باركەن»دىيشىدىكەن.
.بۇرۇن «گۇيرۇ لەغمەن» تى ھازىر «ئۆي لەغمىنى» دەپ ئاشخانلاردا بۇيرۇتىدىكەن.
.ياشلارنىڭ ئىچىدە «قەنىت سىيىش كىسلى »«جىگىرىنى ماي قاپلاپ كىتىش كىسلى»كۆپىيىپتۇ.
.ھەممە ئادەم تاماكا چىكىدىغان ھاراق ئىچىدىغان بۇلۇپ كىتىپتۇ .
.ناماز ئۇقۇيدىغان ئادەملەر كۆپىيىپتۇ ،ياغلىق چىگىدىغان ئاياللارمۇ كۆپىيىپتۇ،
.«ماشىنا ئالاي دىگەنتىم »بۇ سورۇنلاردا دىيلدىغان مۇھىم گەپكەن.
.«دا بازا» دىگەن جاي پايدا بوپتۇ.
.جەنۇپتىن چىققان ئۇيغۇرلار كۆپىيىپتۇ ،ئۈرۈمچىلىكلەر ئۇچىرغان ئادەمنى «ئالتە شەھەرلىكلەر»دىيشىدىكەن.
.ئۆپكە ھىسىپنى ئۆيدە قۇيدىغان ئىشلار ئاساسەن تۈگەپتۇ ،بازارغا بىرىپ يەيدىكەنمىز.
.توي-تۆكۈنلەر رىستۇراندا بۇلىدىكەن.
.ھەممە نەرسە«ia»دىيشىدىكەن،ئالدى بىلەن «“ inimu” “ iasimu”»دەپ سورايدىكەنمىز.
. ھەممە ئادەم بالامىنى چەتئەلدە ئۇقۇتىمەن دىيىشىدىكەن.
.بۇرۇن سورۇندا يىگىتلەر «شاڭخو ئوينايتى»ھازىر سورۇنلاردا «لەتىپە »ئېيتىشىدىكەن.
. بىرسىنىڭ ئېرىنى بىرسى تارتىۋالسا بۇرۇن نۇمۇس قىلاتتى ،ھازىر «بىڭسىم بارمىكەن »دىيشىدىكەن.
.كورىيە دۇنيادىكى «ئەڭ مودادۆلەت» مىش،«كارامەت تەرەققىي قىلغان» مىش،ئادەملىرى بەك «ئەدەپلىك»مىش.
.«خوڭفاڭ»ۋە«خىيفاڭ»(Bla Label, Red Label Soth) چەتئەل ھاراقلىرنىڭ سىموۋىلى ئىكەن.
.قارا ئاداش ئاۋۇ كۈنى «دىبا»دا دەپ گەپ باشلايدىكەنمىز،«iba-niht lub».
.ئۆزبەكچە ئاھاڭدىكى ناخشىلار مۇڭلۇق ناخشىلاركەن.
.Huo o( hot pot)غا ئۇيغۇرلار دۈم چۈشۈپتۇ ،خەنزۇلار ئىچكىردىن مىھمانلىرى كەلسە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانلىرغا ئاپارماي قويمايدىكەن.
.قاچا لەغمەن دۆڭكۆۋرۈكتىن چىكىنىپتۇ ،تاپماق تەسكەن .
.ھەممىسى «بېسىم ئېغىرلاپ كەتتى»دىيشىدىكەن.
.ھەممە ئادەم دەم بىر ئاي توڭلاتقۇغا قويمىسىمۇ بۇزۇلمايدىغان سۈت ئىچىدىكەن.
. بىر سورۇندا ئولتۇرغان ئادەمنىڭ نىڭ بالىلىرى خەنزۇچە مەكتەپتە ئۇقۇيدىكەن
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |