ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئاياللار 30 ياشتن ھالقىغاندا

 


ئاياللار ياشتن ھالقىغاندا



‹‹بۇشۇك تەۋرەتكەن قول، دۇنيانى تەۋرىتەلەيدۇ››
بۇ بىر جۈملە سۆز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىردە ئەلۋەتتە كونە گەپ بولۇپ قالدى. بىراق بۇگۈنكى دەۋىر ئۇچۇرلاشقان، بىلىم ئىگلىگى دەۋرى.مانا مۇشۇنداق دەۋىردە ياشاۋاتقان بىز كەڭ ئاياللارمۇ داۋاملىق ئىزدەنمىسەك ، تىرىشمىساق بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.شۇڭا مەن شەھلا تور بىتى ئارقىلىق كەڭ كۆرۇرمەنلەر ۋە تورداشلار بىلەن ئاياللار ياشتىن ھالقىغاندىن كىيىن نىمىلەرنى قىلىش كىرەكلىگى توغۇرسىدا ئورتاقلاشماقچىمەن.
. ئاياللار ياشتىن ھالقىغاندا ئومۇمەن مۇستەقىل بىر ئائىلىنىڭ ئىگىسى بولغان بولىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئەڭ ئاۋال ئائىلىنىڭ مۇھىملىغىنى تونۇپ يىتىشى كىرەك، چۇنكى ئاياللار سىرىتتا قانچىلىك كۆڭۇلسىزلىككە ئۇچۇرسۇن ، يەنىلا ئۆزىنى سىغدۇرغىدەك ئىلىق ماكانى بولىشى كىرەك .
. ئاياللار ياشتىن ھالقىغاندا ئاساسەن پەرزەنتلىك بولغان بولىدۇ. ئاياللار دەل مۇشۇ مەزگىلدە ئۆزىنى بىقىپ چوڭ قىلغان ئانىسىنىڭ قەدرىگە ھەقىقى يىتىدۇ. شۇڭا ئاياللار مۇشۇ مەزگىلدىن باشلاپ ئاتا-ئانىسىغا كۆپرەك كۆيىنىشى، كۆپرەك يۇخلاپ ھال سۇراپ پەرزەنتلىك بۇرچىنى جەزمەن ئادا قىلىشى كىرەك.
. ئاياللار ياشتىن ھالقىغاندا مەلۇم دەرىجىدە پەرزەنت تەربىيلەش ساۋادىغا ئىگە بولىش كىرەك.چۇنكى بىز ئاياللار پەقەت بالا تۇغالىساقلا ھەقىقى ئانا بولغان بولمايمىز، بەلكى شۇ بالىمىزنى ساغلام، ئەقىللىق، قائىدە-يۇسۇنلۇق ، ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقالىساق ئاندىن ھەقىقى ئانا بولغان بولىمىز.
. ئاياللار ياشتىن ھالقىغاندا ئاستا-ئاستا ياشتىن ياشقىچە بولغان مەزگىلدىكى جەزىبىدارلىقنى يوقۇتۇشقا باشلايدۇ. شۇڭا ئاياللار ئۆزىنى ياساشقا ماھىر بولۇپ ئۆزىگە مەس كىلىدىغان كىيىم-كىچەك، گىرىم قىلىش سەنئىتى، چاش پاسۇنى ئۇستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ يىشىغا ماس ھالدا كىشىنى جەلىپ قىلغىدەك ياسىنىپ يۇرىشى كىرەك. بۇ مەزگىلدە ئىمكان بار رەڭگى تۇتۇق، كۈلرەڭ ياكى قارا رەڭلىق كىيىملەرنى ئاز كىيىشى كىرەك.
. تىرە ئاسراشقا ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك. يىللار ئادەمگە باقمايدۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى يۈزىمىزگە كۆزگە كۇرۇنمىگىدەك قۇرۇقلار چۇشۇشكە باشلايدۇ، شۇڭا مۇشۇ مەزگىلدىن باشلاپ ياشلىق باھارىنى ساقلاش ئۈچۈن تىرە قىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ تىرە مۇھاپىزەت قىلىشنى باشلاش كىرەك.
. بڭز ۇيغۇر ئاياللىرىدا ياشتىن ھالقىغاندىن كىيىنلا سەمىرىپ كىتىش ئادەتتىكى ھادىسە بولۇپ قالدى. سىمىزلىك بىزنىڭ بەدەن گۇزەللىگىمىزگە بىۋاستە تەسىر قىلىپلا قالماي، ئۇ يەنە كىسەللىكنىڭ مەنبەسى. شۇڭا ئاياللار مۇشۇ مەزگىلدىن باشلاپلا ئىلمى ئوزۇقلىنىشقا ۋە بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ زىلۋا بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قىلىشى كىرەك.
. ئاياللار ياشتىن ھالقىغاندا ئۆزىگە خاس بولغان خارەكتىرن يىتىلدۇرىشى كىرەك. چۈنكى دۇرامچۇقلۇق قىلىش بۇ ياشتىن ھالقىغان كىشىلەرگە ئانچە ماس كەلمەيدۇ.
. ئاياللار ياشتىن ھالقىغاندا ئاشپەزلىك ماھارىتىنى ئىگەنلىگەن بولىشى كىرەك. چۈنكى سىز دائىم مەزىلىك بىر ۋاق تامىغىڭىز ئارقىلىق جۇرىڭىزنىڭ مىنەتتارلىغىغا ئىرىشىش بىلەن بىرگە پەرزەنتىللىرىڭىزگە،جۇرىڭىزغا ئائىلىنىڭ ئىلىقلىغىنى ھىس قىلدۇرالايسىز .
. خەنزۇ تىلىدىن سىرىت بىر خىل چەتئەل تىلى ئۈگىنىشكە تىرشىپ بىقىڭ، چۈنكى ئادەمنىڭ ياش مەزگىلى ئەقلى ئىقتىدارى تازا ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىل ، شۇڭا بۇ مەزگىلدە تىل ئۈگۈنىش ئانچە قىيىنمۇ ئەمەس ھەم تىل ئۈگۈنىش تۇرمۇش ۋە كەسىپكە پايدىلىق .
. ئاياللار ياشتىن ھالقىغاندا ئىنىق بىر نىشان بەلگىلەپ شۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشرۇش ئۈچۈن ئۆزلىكسىز تىرشىشى كىرەك .
. ئاياللار ياشتىن ھالقىغاندا بىلىم ئاشرۇشقا ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك. كۆپۇنچە ئاياللار تۇرمۇشقا چىقىپ، پەرزەنتلىك بولغاندىن كىيىن پۇتۇن دىقىتىنى ئائىلە ئىشلىرىغا سەرىپ قىلىپ بىلىم ئاشرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ-دە ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ بەكلا ئارقىدا قالغانلىقىنى ھىس قىلىپ پۇشايمان قىلىدۇ، بىراق بۇ ۋاقىتتا تولىمۇ كىچىككەن بولىدۇ. شۇڭا ئاياللار مۇشۇ مەزگىلدىن باشلاپ ئائىلە ئىشلىرىنى مۇھاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ بىلىم ئاشرۇشقا، بىلىم يىڭلاشقا ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك. ۇنداق بولمىغاندا ھامان دەۋىر تەرپىدىن شانلىنىپ قىلىشى مۇمكىن.
. ئاياللار ياشتىن ھالقىغاندا ئىمكان بار مۇقىم بولغان، كۆڭۈلدىكىدەك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى كىرەك. چۈنكى بۇ مەزگىلدە ھە دەپ خالىغانچە كەسىپ تاللاپ ، كەسىپ ئالماشتۇرۇش بىر ئاز قىيىن بولىدۇ ھەم شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپتە ئۇتۇق قازنىش ئىمكانىيتى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ.
. ئاياللار ياشتىن ھالقىغاندىن كىيىن بانكىغا قۇيۇلغان مەبلىغى بولغاندىن سىرت مەبلەغ سىلىش، مالىيە باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئۇگۈنۈپ قۇيىشى كىرەك .
. ئاياللار ياشتىن ھالقىغاندا چوقۇم كۇمپىيۇتۇر بىلىملىرىنى ئۈگىنىپ، يىڭلاپ تۇرىشى كىرەك. چۇنكى بىز باشتىلا دىگەندەك ، بۇ ئۇچۇر دەۋرى.
. بىر پارچە گىرىمسىز رەسىمگە چۈشۈپ قويۇش كىرەك. چۇنكى ياش چۇڭايغانسىرى ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يوقاپ ، يىشىغا ماس كەلمىگەن كىيىملەرنى كىيىپ، قىنىق گىرىم قىلىپ باشقىلارغا ئانچە ياخشى تەسىر بەرمەيدۇ،شۇڭا ياش چۇڭايغانسىرى سۇس گىرىم قىلىپ، ھىلىقى گىرىمسىز رەسمىڭىزگە قاراپ ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئاشرۇپ تۇرىشىڭىز كىرەك .

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203