ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
تەپەككۈر دۇردانىلىرى

 


تەپەككۈر دۇردانىلىرى



.دانادىن ھىېكمەت،ناداندىن ئىبرەت،قەھرىماندىن جاسارەت قالىدۇ.


.چۆجە ئانىسى يەردە ماڭغانلىقى ئۈچۈن ئۇچالمايدۇ.


.مېھنەت قىلساڭ پۇل تاپىسەن،


پىكىر قىلساڭ يول تاپىسەن.


.تارىختىن ساۋاق شۇكى ،ھەققىقەت ئۈچۈن سۆزلىگەن تىل تىخىمۇ ئۇزىرىشىمۇ،تۈۋىدىن كېسىلىشىمۇ مۇمكىن.


.تۇغۇلغان يەردە تۇغۇڭنى تىكلە.


.دۇنيادا ئېچىلمايدىغان سىر يوق،پەقەت ئېچىلمىغان سىرلا بار.


.كۆزدەك بىر-بىرىگە يات بولماي،لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.


.تەبىي پەنلەر ئىقتىسادقا ،ئىجدىمائىي پەنلەر ئىنقىلابقا تۇتىشىدۇ.


.تامنى يىقىتقان چۈمۈلە بىلەن زەي،


ئادەمنى يىقىتقان ئىشرەت بىلەن مەي.


.سىزنىڭ قىلغان ئىشىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېلان تاختىسى.


.ناخشى-ئۇسۇلچى مىللەت سەرساندۇر،ئۇلارنىڭ ئۈلگىسى سىگاندۇر.


.قاتتىق يىغلىغانلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق ئازاپلانغانلار ئەمەس.


.دەۋر شۇنداق ۋارقىرايدۇ:


‹‹ بىلىم ئال،ئىجات قىل،بولمىسا يوقال›› .


.بەخت ئۇنى خالىغانلاردا ئەمەس،بەخت ئۆزىنى ئاتىغانلاردا.


.تەدبىر-تەقدىر بەرگەن قىلىچ.

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203