سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان يىگىت
سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان يىگىت، سىزنى ھەقىقى سۆيىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ باشقىلارغا نەزەر سالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان يىگىت، دائىم سىزنى خاپا قىلىپ قويىدۇ، لىكىن ئۆزىنىڭ نېمنى خاتا قىلىپ قويغانلىقنى بىلمەيدۇ.
سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان يىگىىت، سىزنى ئالدىڭىزدا ناھايىتى ئاز ماختايدۇ، لىكىن ئۇنىڭ يۈرۈكىدە سىز ئەڭ ياخشى.
سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان يىگىت، سىز ئۇنىڭ ئۇچۇرىغا جاۋاپ قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغان ۋاقتىڭىزدا سىزگە قاتتىق ئاچچقلايدۇ.
سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان يىگىت، پەقەت سىزنىڭلا ئالدىڭىزدا ياش تۆكۈدۇ، سىز ئۇ ياشلارنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭىزدا سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان بىر يۈرەكنىمۇ ھېس قىلالايسىز.
سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان يىگىت ، سىز مەلۇم چاغلاردا دېققەتسىزلىكتىن دەپ قويغان ھەربىر سۆزىڭىزنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ، ھەم مەلۇم پەيىت مەلۇم چاغدا ئۇلارنى قايتا تەكرارلايدۇ.
سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان يىگىت، ئاسانلىقچە سىزگە مەلۇم ئىشتا ۋەدە بەرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ سىزنىڭ قەلبىڭىزدە گېپىدە تۇرىدىغان ھەقىقى يىگىت ئوبرازىنى تىكلەشنى ھەم سىزگە ئەڭ بىخەتەر ئەڭ ئىشەنچىلىك بەخىت ئاتا قىلىشنى ئويلايدۇ.
سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان يىگىت، سىزگە ئاسانلىقچە <سىزنى سۆيىمەن&t; دىمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرى بۇ سۆزنى دەپ بولدى، پەقەت ئالاھىدە پەيىتلەردە ھەم سىز خاتا چۈشۈنۈپ قالغان ۋاقىتلاردا شۇنداق دەيدۇ.
سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان يىگىت، سىز ئاچچقلانغان چېچىلغان ۋاقىتلاردا ئۈن -تىنسىز ئولتۇرۇپ ئاچچىغىڭىزنىڭ يېنىشىنى كۈتىدۇ، ھەم ئاچچىقىڭىز يانغاندا ئاستا ھالدا:< ئەتە دەرىسكە چىقامسىز ؟ بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ&t; دەيدۇ.
سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان يىگىت، سىزنىڭ رەسىمىڭىزنى پۇل قاپچۇقىغا سېلىۋالىدۇ، ھەم ھەردائىم ئۇنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈيدۇ.
سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان يىگىت ، تاماق يەيدىغان پۇلىنى تېجەپ يىراقتىكى سىزگە تېلفۇن قىلىدۇ.
سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان يىگىت ، ئۇ ئەڭ ياردەمگە مۇھتاج بولغان ۋاقىتتا سىزنى ئويلايدۇ، لىكىن سىزنىڭ ياردەم قىلىشىڭىزنى ئەمەس ، بەلكى سىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئەنسىرمەسلىكىڭىزنى ئۈمۈد قىلىدۇ.
سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان يىگىت، ئۇنىڭ ئېغىزى تاتلىق ئەمەس، لىكىن ئۇنىڭ سۆيۈشى ئۇنىڭ بارلىق قىزغىنلىقىنى، مېھرىنى يەتكۈزىدۇ.
سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان يىگىت، دائىم سىزنى ناخشا ئېيتىپ بېرىڭ دەپ تۇرۋالىدۇ، لىكىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆردىغىنى بولسا سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تالاش تارتىش قىلغان ۋاقتىتىكى ئوماق مىجەزىڭىز.
سىزنى ھەقىقى سۈيىدىغان يىگىت سىز باشقا بىرىنى تاللىغاندىمۇ سىزگە بەخىت تىلەيدۇ ھەم سىزنىڭ بەختىڭىزنى ئۈزىنى خۇشاللىقى دەپ بىلىدۇ ،ئەلۋەتتە ئۇ قاتتىق ئازاپلىنىدۇ ئەمما ئۇ بۇ ئازاپ بەدىلىگە سىزنىڭ خۇشال بۇلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىدۇ
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |