ئاق كۆڭۈللۈك
ئاق كۆڭۈللۈك كۆڭلى قارىلىقنىڭ ئەكسى بولۇپ، ئاق كۆڭۈل بولۇش ئەمەلىيەتتە تەس ئىش ئەمەس. تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇپ، ئۆزىڭىزگە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ:
. باشقىلارنىڭ ئۆي تېمى ئۆرۈلۈپ كەتكىلى ئاز قالغان بولسا، ئەگەر ئۇنى يۆلەپ قويۇشقا رايىڭىز بارمىسا، ئۇنداقتا ئۇنى ئىتتىرمىگىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك.
. باشقىلار ئۇماچ ئىچىۋاتقاندا، سىز گۆش يەۋاتقان بولسىڭىز، ئەگەر گۆشنى ئۆتۈنۈشكە رايىڭىز بارمىسا، ئۇنداقتا ئاغزىڭىزنى چاكىلداتمىغىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك.
. بۇلاڭچىنى كۆرۈپ قالسىڭىز، ئەگەر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقالمىسىڭىز ئۇنداقتا پەم بىلەن غا تېلىفۇن ئۇرغىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك.
. سىز پۇلدار ئادەم، ئەگەر نامراتلارغا ياردەم قىلىشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتىنى كۆپرەك سېتىۋالغىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك.
. باشقىلارنىڭ ھەسرەتلىك يىغلاۋاتقىنىنى كۆرسىڭىز، ئەگەر تەسەللى بېرىشنى خالىمىسڭىز، ئۇنداقتا گۈلقەقەلىرىڭىز ئىچىلىپ كەتمىسىمۇ بۇمۇ بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك.
. ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز، شاگىرتلىرىڭىز ياراملىق تەربىيىلىنىپ چىچەكلەپ مىۋە بەرمىگەن تەقدىرىمۇ، ئۇلارنى نابۇت قىلىۋەتمىگىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك.
. ئوقەتچى بولسىڭىز، جىڭىڭىز توغرا بولمىغان تەقدىرىمۇ، مېلىڭىزغا ساختىلىق ئارلاشتۇرمىغىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك.
. خىزمەتچى بولسڭىز، ئەگەر ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولمىسىڭىزمۇ، ئۇنداقتا، ئالغان مائاشىڭىزغا لايىق ئىش قىلغىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك.
. ئەمەلدار بولسىڭىز، ئەگەر نەتىجىڭىز كۆرۈنەرلىك بولىسىمۇ، ئۇنداقتا قانۇننى كۆزگە ئىلماي خىيانەتچىلىككە بېرىلمىگىنڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك.
. خوجايىن بولسىڭىز، ئەگەر خادىملىرىڭىزنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرمىگەن تەقدىرىمۇ، ئۇنداقتا، ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەرگىنڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك.
. باي بولسىڭىز، ئەگەر ئىنساپلىق بولمىسىڭىزمۇ، ئۇنداقتا، بايلىقىڭىزغا تايىنىپ ئاجىزلارنى بوزەك قىلمىغىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك.
. رېژىسور بولسىڭىز، ئەگەر نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىسىڭىزمۇ، ئۇنداقتا، مەنىۋى ئەخلەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارمىغىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك.
. سەنئەتكار بولسىڭىز، ئەگەر داڭدار چولپان بولمىسىڭىزمۇ، ئۇنداقتا، كۆرۈرمەرنلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرمىغىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك.
. دوختۇر بولسىڭىز، ئاغرىققا شىپالىق ئاتا قىلالمىسىڭىزمۇ، ئۇنداقتا، ۋىجداننى ئۇنتۇپ قىزىل بۇلاق ئېلىشنى تەمە قىلمىسىڭىز ئۇمۇ بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك.
. ئەر بولسىڭىز، ئەگەر بالا-چاقىلىرىڭىزغا ياخشى پاناھ بۇلالمىسىڭىزمۇ، ئۇنداقتا، سىرتتا چاتاق چىقارمىغىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك.
. ئايال بولسىڭىز، تىجەشلىك، ۋاپار بولمىسىڭىزمۇ، ئۇنداقتا ئېرىڭىزگە خىيانەت قىلمىغىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |