ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
تەپەككۇردىن تامچىلار

 


 

تەپەككۇردىن تامچىلار


 


*باشقىلار كۆزنى ئىككىنچى ئېغىز دەيدۇ. مېنىڭچە، كۆز ئېغىزمۇ ئىپادە قىلالمىغان يۈرەكنى كۆرسەتكۈچى ئەينەكتۇر.


 

* ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا مۇھەببەتنى باشتىن كەچۈرۈپ باققانلار تولىمۇ كۆپ، ئەمما مۇھەببەتتىن ھەقىقىي بەھىر ئېلىپ باققانلار تولىمۇ ئاز.


 

* تىرىشىش چوقۇم غەلبىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەمما ۋاز كېچىش چوقۇم مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ.


 

* دۇنيادا پەقەت ئىككى خىل مۇناسىۋەت مەۋجۇت:بىرى، قانداشلىق. يەنە بىرى، نانداشلىق.


 

* كۆللەرنىڭ تىنىپ قېلىشى دېڭىزلارنىڭ مۇسىبىتىدىن بېشارەتتۇر.


 

* بەخت- ئېرىشەلمىگەنلىكىڭدە ئەمەس، ھېس قىلالماسلىقىڭدا.


 

* بىلىم ئېگەللەش ئىجتىھات تەلەپ قىلسا، بىلىمنى قىممەتكە ئېگە قىلىش پەم-پاراسەت تەلەپ قىلىدۇ.


 

* خەلىقنىڭ ئاڭ-ساپاسى ئۆسكەنسېرى باشقۇرغۇچىغا ھاجىتى چۈشمەيدىغان بولىدۇ. شۇڭا مۇستەبىتلەر خەلىقنىڭ ئاڭ-ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن قورقىدۇ.


 

*ئەجىرسىز كەلگەن ئامەت- بىلىنمەي كەلگەن ئاپەت.


 

* مەنسەپتىن چۈشكەن كۈنۈڭ-خەلىقتىن ھەقىقىي باھايىڭنى ئاڭلايدىغان كۈنۇڭدۇر.


 

*ئەجەپ بىر مەرەز كېسەلگە گىرىپتار بوپقاپتىمەن، دەپ قاقشىماي، ئىلگىرى نېمە گۇناھ ۋە كۇپۇرلۇقلارنى ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزنى ئويلىسىڭىزلا،‹‹ياراتقان ئىگىسى تەڭشەيدۇ›› دېگەننىڭ مەنىسىنى بىلىسىز.


 

* ئۈمىد ۋە كۈتۈشنىڭ ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، كىشىلەر ئىشەنچتىن ئايرىلىپ قالىدۇ.


 

* ئۆزى چۈشەنمىگەن شەيئىلەر ھەققىدە سۆزلەش شۇ كىشىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى ئاشكارىلاپ قويسا، ئۆزى بىلمىگەن كەسىپتە ئىگىلىك تىكلەش كىشىنى ۋەيران قىلىدۇ.


 

*ماددىيەتنى دەپ مەنىۋىيەتتىن ۋاز كەچكەن كىشىنىڭ تەقدىرى،بىر خۇرجۇن ئالتۇن بىلەن چۆلدە قالغان كىشىنىڭ تەقدىرىگە ئوخشايدۇ.


 

* تەرەققىيات تاز باشلارنى تۈگەتكىنى بىلەن، پاينەكۋاشلارنى كۆپەيتىۋەتتى.


 

* ھازىر قەلبى گۈزەللەرنى تېپىش سىر، تېشى گۈزەللەر ماڭدامدا بىر.


 

* تىغ ‹قورال› دا ئۆلمىگەن نۇمۇستا ئۆلەر.


 

* بىمەنە ماختاشلارغا بىرسى، چىرىكلەشكەن-بىيۇكرات مەنسەپدارلار، يەنە بىرسى، نېرۋىسى چاتاقلار ئاسان ئىشىنىدۇ.


 

* كومپيۇتېر، بىر ئادەم ئەقلىنىڭ كۆپ ئادەم ئەقلىگە قوماندانلىق قىلىشىدۇر.


 

* تۇرمۇشتا ھەشەمەتچىلىك قىلىش بايلىقىنى كۆز- كۆز قىلىش بولسا، قەبرىلەرنى ھەشەمەتلىك ياساش-ئۆلۈكنى كۆز-كۆز قىلىشتۇر.


 

* ھىيلىگەر ساھىبجامال-قېپى چىرايلىق ساختا مەھسۇلات.


 

* شەرم-ھايالىق قىز- پاك ئايالدىن قالغان ئىز.

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203