ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ پەرقى

 


 

ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ پەرقى


 


ئەرلەر ئاياللارنى تاشقى جەھەتتە بەكرەك كۈزەتكەچكە، ئاسانلا لاتاپەتنىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرايدۇ، ئاياللار ئەرلەرنى كۆڭلىدە بەكرەك ئويلىغاچقا، ئوڭايلا ھېسسىياتنىڭ ئازابلىشىغا ئۇچرايدۇ. زېرەكلىك ۋە لاتاپەتكە كەلگەندە، ئاياللار كۆپىنچە ئالدىنقىسىغا دىققەت قىلىدۇ. ئەرلەر كۆپىنچە كېيىنكىسىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇڭا، ئەرلەر ئاياللارنى تاللاشتا ھېسسىياتىغا تايىنىدۇ، ئاياللار ئەرلەرنى تاللاشتا ئەقلىگە تايىنىدۇ. ئەرلەر ئاياللارنىڭ كۆز ئالدىدىكى ھالىتىنى ئويلايدۇ. ئاياللار ئەرلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالىنى دەڭسەيدۇ.
ئەرلەرنىڭ قارىشىچە، دۇنيادا ئايال زاتى ناھايىتى كۆپ، سۆيۈشكە ئەرزىيدىغان ئايال بىرلا بولمايدۇ. ئاياللارنىڭ قارىشىدىمۇ دۇنيادا ئەر زاتى ناھايىتى كۆپ، ئەمما سۆيۈشكە ئەرزىيدىغان ئەر بىرلا بولىدۇ.
ئەرلەر ئاياللارنى قوغلاشقاندا، ئانچە چوڭقۇر ئويلىنىپ كەتمەيدۇ. ئاياللار ئەرلەرنى قوغلاشقاندا بولسا ھەمىشە چوڭقۇر غەمگە پېتىپ قالىدۇ. ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ بىر ئۆمۈر ئاڭلاپ زېرىكمەيدىغىنى ئەرلەرنىڭ «سىزنى سۆيىمەن» دېگەن گېپى، ئەرلەرگە نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ بىر ئۆمۈر ئويلاپ بولمايدىغىنى ئۆزىنىڭ قايسى ئايالنى سۆيىدىغانلىقى.
ئەرلەرنىڭ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ پىشقانلىقى ۋە سەمىمىيىتىدە. ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى بولسا ئۇلارنىڭ قىياپىتى ۋە ئىپادىسىدە.
ئەرلەرنىڭ ئويىدا ئەلەر ئاياللارغا سۆيگۈ بېغىشلىغانلىقى ئۈچۈنلا دۇنيا گۈزەللىككە تولغان. ئاياللارنىڭ ئويىدا ئاياللار دۇنياغا گۈزەللىك ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈنلا بارلىق گۈزەللىك ئاپىرىدە بولغان.
بەزى ئەرلەرنىڭ قارىشىچە، ئاياللار يېشىدا نازاكەتلىك، يېشىدا قابىل، يېشىدا دانا، يېشىدا مۇلايىم بولىدۇ. بەزى ئاياللارنىڭ قارىشىچە، ئەرلەر يېشىدا جەلپكار، يېشىدا مەدەتكار، يېشىدا ھۆرمەتلىك، يېشىدا قەدىرلىك بولىدۇ.
ئەرلەر دائىم ئەر بولماق تەس، ياخشى ئەر بولۇش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى تىنىم تاپماي تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇلار خۇددى پۈكۈلگەن ياغا ۋە قايتماس ئوققا ئوخشايدۇ، دەيدۇ. ئاياللار بولسا ئايال بولماق تەس، قابىل ئايال بولۇش ئۈچۈن ئارازچىلىقلارغا چىداشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆيىگىلا بېكىنىپ قېلىشى نەزىرىنىڭ تارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەرلەر ۋە ئاياللار دائىم ئورۇن ئالماشتۇرۇپ بېقىشنى ئويلايدۇ، ئەمما شۇنى ئويلىنىپ بېقىش زۆرۈركى، ئەگەر راستىنلا ئورۇن ئالماشسا، ئۇ چاغدا قانداق بولىدۇ، بۇنىڭغا جاۋاب بەرمەك تەس.

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203