ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ياق ، بۇ تېكىستلەرنى شائىرلار يازغان ئەمەس

 


 

ياق ، بۇ تېكىستلەرنى شائىرلار يازغان ئەمەس


 

مۇھەممەدجان راشىدىن


 


«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ بۇ يىل - ئاينىڭ - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان شەمشىدىن خەپتىمنىڭ «بۇ قانداق ناخشا» دېگەن كىچىككىنە بىر پارچە ماقالىسى، ھەقىقەتەنمۇ، ئىچ - باغرى پاك، ھايا - نومۇسلۇق كىشىلەرنىڭ ساداسىنى ئاڭلاتتى. ئىزدىن چىققانلارنى سوراققا تارتتى. مەنمۇ، مۇشۇنداق تېتىقسىز ناخشىلارنى ئاڭلىغاندا ئۆزىنى باسالماي قايناپ يۈرگەنلەرنىڭ بىرى ئىدىم.
ماقالىدە ناخشا قىلىپ ئېيتىلىۋاتقان مۇنداق ئىككى پارچە تېكىست مىسال كەلتۈرۈلگەن.


 

ئاتنىڭ ياخشىسى تورۇق،
قىزنىڭ ياخشىسى ئورۇق.
ۋىجدانى يوق ئەر كىشىگە
ئاشنانىڭ نېمە ئىشى؟
مەلىمىزنىڭ قىزلىرى
ئۆزگىلەردىن كۈنلەيدۇ.
دوقى، دوقاڭ،
دوق، دوق


 

ئەگەر، ئادەتتە ناخشا تېكىستىنىڭ ھەر بىر كۇبلېتىنى مۇناسىپ تىل، ئورۇنلۇق پىكىر، ساغلام مەزمۇنغا ئىگە تۆت مىسرادىن تۈزۈلىدۇ، دەپ تونۇيدىغان بولساق، خۇددى ئاپتور ماقالىسىدە ئېيتقاندەك يۇقىرىقى ئىككى پارچىنى قانداقمۇ ناخشا تېكىستى دېگىلى بولسۇن؟ ئالدىنقى پارچىنىڭ ئاخىرقى ئىككى مىسراسىدىكى لاۋزا گەپلەردىن «ئاشنا ئويناش ۋىجدانلىق كىشىلەرنىڭلا ئىشى» دېگەنلىك چىقىپ تۇرمامدۇ؟ بۇ، نومۇسىزلىق ۋە شەرمەندىلىككە تاج كەيدۈرگەنلىك ئەمەسمۇ؟
ئىككىنچى پارچىدىكى «دوقى - دوقاڭ، دوقى -دوق» دېگەنلەرنى نېمە دەپ چۈشىنىش كېرەك؟ بىزنىڭ قايسى ناخشىمىزدا ئاشۇنداق نەقرات بولغان؟ بۇ ھەقىقەتەن ئاغزىمغا كەلدى، دەپ دەۋەرگەنلىك ئەمەسمۇ؟
ئاپتور ماقالىسىدە مۇشۇنداق پۈچەك نەرسىلەرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ بازارغا سېلىنىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، «... بۇ ناخشا شائىرنىڭ مەھسۇلىمۇ ياكى غەزەلچىنىڭمۇ دېگەنلەرنى خىيال قىلدىم ... ئەخلاق تەربىيىسى كۈچەيتىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر دەۋردە مۇشۇنداق تېكىستنىڭ يېزىلىشى، يېزىلغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ئاھاڭغا سېلىنىشى، ناخشىچىلىرىمىزنىڭ ئۇنى ئېيتىشى تولىمۇ بىمەنىلىك» دەيدۇ. مېنىڭچە، ئاپتورنىڭ مۇھاكىمىسى ناھايىتى ئورۇنلۇق، ئۇنىڭ گۇمان - شۇبھىلىرىنىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋەتكىلى بولىدۇكى، بايىقى ۋە شۇلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە خېلى كۆپ شەكلى غەيرى، مەزمۇنى بىمەنە، باش - ئاخىرى باغلاشمىغان، تىلى پۈچەك ئاتالمىش تېكىستلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى شائىرلار يازغان ئەمەس. قەلەم تۇتۇپ، تۆت مىسرانى تىزىپ چىققانلىكى ئادەمنى شائىر دېگىلى بولمايدۇ. ھازىر شىنجاڭدا شېئىرلىرى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىۋاتقان دىن ئارتۇق شائىر، شائىرەلەر بار. ئۇلار خېلى پىشىپ قالغان قەلەمكەشلەر، كاتتا شائىرلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ھەرگىز ھېلىقىدەك ساۋاتسىز، قارا قوساقلاردىن ئەمەس، ئۇلار بەلگىلىك قەلەم ئىقتىدارىغىلا ئەمەس، بەلكى يەنە مۇناسىپ ئەخلاق - پەزىلەتكىمۇ ئىگە. ھازىر بەزى «ئەخلەت ناخشىلار» دىكى ئاللىقانداق بولمىغۇر تېكىستلەرنى شائىرلار ئەمەس، شائىرلار بىلەن قايناتسا قېنى قوشۇلمايدىغان ئارقا كوچا ۋە خىلۋەتتىكى «ئىجادكارلار» يېزىپ چىقىۋاتىدۇ. ئۇلار كەسپىي ئەخلاقى ناچار ئۈن - سىن سودىگەرلىرى بىلەن بىرلىشىۋېلىپ، پۇل ئىشقىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۆزىگە ئوخشاشلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىۋاتىدۇ، ئەنئەنىۋىي ناخشا تېكىستلىرىمىزنىمۇ ئاشۇرلار بۇزۇۋاتىدۇ. ئالدىنقى پارچىنىڭ بۇزۇلۇشى شۇنداقلاردىن بولغان.
ئەسلىدە ئۇ خەلق ھەزىلكەش قوشاقچىلىرىنىڭ ئۆزىدىكى بىچارىلىققا قىلغان سەمىمىي، قىزىق ھەجىۋىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تولۇق تېكىستى:


 

ئاتنىڭ ياخشىسى تورۇق،
قىزنىڭ ياخشىسى ئورۇق.
يىگىتلىك قىلاي دېسەم،
پۈتۈمدا يوغان چورۇق، -


 

ئىدى. ئەمما ناخشىدا ئۇلار تېكىستنىڭ ئاخىرقى ئىككى مىسراسىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ شەھۋانىي نەپسىگە خاس خاھىشنى سىڭدۈرگەن.
غەلىتە، چاكىنا، خاتا تېكىستلەر يۇقىرىقىلارلا ئەمەس، يېقىندا مەن مەلۇم بىر ئۈن - سىن پلاستىنكىسىدىن بىر ناخشىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىكى:


 

باي بولۇشنى ئويلىساڭ،
ئىش قاينىغان يەرگە بار.
بىكار ناننى ئىزدېسەڭ،
مەھبۇس دېگەن يەرگە بار. -


 

دېگەن بىر كۇبلېتقا ھەيران قالدىم. قاراڭ، ئۇلار «مەھبۇس» دېگەن ئاتالغۇنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمىگەن. مەن مۇشۇنچىلىك چۈشەنچىنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرالمايدىغان كىشىلەر ئۈن - سىن كەسپى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان بولسا، ئۇلار نۆۋەتتە يەنە نېمە ئىشلارنى قىلىۋېتەر؟ دەپ ئويلاپ قالدىم. كاللام، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئورۇنلىرى نېمە قىلىدىغاندۇ؟ ناخشا ئېيتقانلار راست ئادەممۇ، ماشىنا ئادەممۇ؟ دېگەن سوئاللارنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالدى. شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئۇ تېكىستنىمۇ شائىرلار ئەمەس، ھېلىقىدەك چالا موللىلار يازغان.
مەن شەمشىدىن خەپتىنىڭ ئىنكاسىنى ناھايىتى ئورۇنلۇق دەپ قارايمەن شۇنداقلا، ئۈن - سىن تىجارىتىگە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بىزنىڭ ساغلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىمىزدا سەگەك ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


 

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203