ئوغۇللار ئەڭ بىزار ئۈچ ئېغىز گەپ
. ئىختىيارىڭىز
يىگىت : بۈگۈن كەچتە نىمە تاماق يىسەك بولار؟
قىز : ئىختىيارىڭىز.
يىگىت : ئۇنداقتا بىز لازىدا قورۇغان توخۇ قورۇمىسى يەيلى.
قىز : بولمايدۇ، ئۇنى يىسە يۈزىگە يەللىك نەرسە چىقىپ كېتىدىكەن.
يىگىت : ئۇنداقتا قورداق يەيلى.
قىز : بولمايدۇ، تېخى تۈنۈگۈن قورداق يىگەن تۇرساق؟ بۈگۈن يەنە يەمدۇق؟
يىگىت : ئۇنداقتا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى يەپ كېلەيلى.
قىز : بولمايدۇ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئادەمنىڭ ئىچىنى سۈرىۋېتىدۇ.
يىگىت : ئۇنداقتا سىز دەڭە، نىمە يەيمىز؟
قىز : ئىختىيارىڭىز.
. نىمە بولسا بولىۋېرىدۇ
يىگىت : ئۇنداقتا ھازىر بىز نىمە ئىش قىلساق بولار؟
قىز : نىمە بولسا بولىۋېرىدۇ.
يىگىت : كىنو كۆرۈپ كېلەيلى بولمىسا، بىللە كىنو كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ.
قىز : كۆرگىدەك نىمىسى با، ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ.
يىگىت : ئۇنداقتا بىز گولف توپ ئويناپ كېلەيلى.
قىز : مۇشۇ ئىسسىقتا گولف توپ ئوينامدۇق، ھېرىپ كەتمەمدۇ ئادەم؟
يىگىت : ئۇنداقتا كافىيخانىدىن بىرەرنى تېپىپ ، كافىي ئىچىپ كېلەيلى، قانداق؟
قىز : كافىي ئىچسە ئۇيقىغا زىيانلىق، ئىشقىلىپ مەن بارمايمەن.
يىگىت : ئۇنداقتا سىز دەڭە، نىمە ئىش قىلىمىز؟
قىز : نىمە بولسا بولىۋېرىدۇ.
. ئۆزىڭىز بىر نىمە دەڭ
يىگىت : ئەمىسە بىز ئۆيگە قايتساق بولغۇدەك.
قىز : ئۆزىڭىز بىر نىمە دەڭ.
يىگىت : ئاپتوبۇس ئولتۇرايلى، مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي.
قىز : كوچا ئاپتوبۇسى ھەم مەينەت، ھەم قالايمىقانچىلىق ، بولدىلا...
يىگىت : ئۇنداقتا تاكسى توسايلى.
قىز : يېقىنلا يولغا تاكسى توسامدۇق؟
يىگىت : ئەمىسە پىيادە قايتايلى، ئايلانغاچ بىردەمدە بارىمىز.
قىز : ئاچ قورساق قانداق يول ماڭغىلى بولىدۇ؟
يىگىت : ئەمىسە سىز زادى قانداق قىلماقچى؟
قىز : ئۆزىڭىز بىرنىمە دەڭ.
يىگىت : ئەمىسە ئاۋال تاماق يەيلى.
قىز : ئىختىيارىڭىز.
يىگىت : نىمە يەيسىز؟
قىز : نىمە بولسا بولىۋېرىدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |