ئاياللار ئۆتەلمەيدىغان سىناق
بۇرۇن بىر ماگىزىن ئېچىلغان ئىكەن . ئاياللار بۇ ماگىزىندىن ئۆزلىرىگە ئەر تاللىۋالسا بولىدىكەن . كىرىش ئېغىزىغا بۇ ماگىزىننىڭ تۆۋەندىكىدەك قائىدە- تۈزۈملىرى يېزىلغان ئىكەن .
« سىز پەقەت بىر قېتىملا بۇ ماگىزىنغا كىرسىڭىز بولىدۇ. بۇ ماگىزىن قەۋەت ، قەۋەت سانى ئاشسا ئەرلەرنىڭ سۇپىتىمۇ يوقۇرلايدۇ. سىز ئۆزىڭىز خالىغان قەۋەتتىن ئەر تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ.
يوقۇرىغا چىققاندىن كىيىن تۆۋەنگە چۈشۈشكە بولمايدۇ.»
بىر ئايال بۇ ماگىزىنغا كىرىپ ئۆزىگە ھەمرا تاپماقچى بوپتۇ.
- قەۋەتتىكى ئەرلە ر: خىزمىتى بار ئەرلەر.
ئۇ ئايال دەرھال - قەۋەتكە مېڭىپتۇ.
- قەۋەتتىكى ئەرلەر : خىزمىتى بار ھەمدە بالىنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر.
ئۇ ئايال دەرھال - قەۋەتكە مېڭىپتۇ.
- قەۋەتتىكى ئەرلەر : خىزمىتى بار، بالىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىنتايىن كىلىشكەن .
بۇ ئايال كۆڭلىدە ئەمدى ياخشى بولدى دەپ خوش بولۇپتۇ-يۇ، بىراق يەنىلا - قەۋەتكە مېڭىپتۇ.
- قەۋەتتىكى ئەرلە ر : خىزمىتى بار، بالىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، كېلىشكەن، ئائىلىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.
ئۇ ئايال ئەمدى كۆڭلۈمدىكىنى تاپتىم دەپ ئويلاپتۇ، بىراق تۇرۇپ كېتىپ يەنىلا - قەۋەتكە چىقىپ باققۇسى كەپتۇ.
- قەۋەتتىكى ئەرلەر : خىزمىتى بار، بالىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، كېلىشكەن، ئائىلىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئىنتايىن رومانتىك.
ئۇ ئايال ئەمدى مۇشۇ قەۋەتتىن لايىق تاپاي دەپ ئويلاپتۇ-يۇ، يەنە - قەۋەتكە چىققۇسى كىلىپ مېڭىپتۇ.
- قەۋەتكە چىققاندىن كىيىن : < سىز - بولۇپ بۇ يەرگە چىققان ئايال، بۇ قەۋەتتە ئەرلەر يوق &t; دىگەن تاختاينى كۆرۈپتۇ.
بۇ قەۋەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى : ئاياللارنىڭ رازى بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |