ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئايال بىلەن كىتاب كەم بولسا بولمايدۇ


ئايال بىلەن كىتاب كەم بولسا بولمايدۇ


 

ئەرلەرنىڭ ساغلام بولۇشتىكى بىردىنبىر چىقىش يولى ئايال بىلەن كىتاب.
كىتاب دېگەن نىمە؟
 كىتاب بىلىمنىڭ بۇلىقى، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ قىبلىنامىسى، كونكرېت ئېيىتقاندا، كىتاب ئادەمگە دۇنيانى چۈشەندۈرىدۇ. توغرا پىكىر يولىغا ئىگە قىلىدۇ. توغرا پىكىر يولىدىن توغرا چىقىش يولى پەيدا قىلىدۇ. چىقىش يولى بار ئادەمنىڭ ئىستىقبالىمۇ بار بولىدۇ. بىر كىتاب بىر ئادەمنىڭ ھايات قىسمىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.
  كىتابتا مۇنداق بىر تەجرىبە سۆزلەنگەن: ئىككى ئىت بار بولۇپ، بۇنىڭ بىرى باغلاپ قويۇلۇپتۇ. ھىچقانداق ئىىش قىلمىغاندا بۇ ئىت يەنىلا ياخشى ئىكەن. ئەمما، بىر پارچە كالا گۆشىنى كۆرگەندە يەي دېسە باغلاقلىق بولغاچقا، گۆشنى يىيەلمەي كۆزىنى پاقىرىتىپ ئولتۇرۇشقىلا مەجبۇر بولىدىكەن-دە، ئىچى تىتىلداپ، جىلى بولۇپ، غزەپ بىلەن قاراپ كېتىدىكەن، شۇڭا يۈرەك سېلىشى تېزلىشىپ، قان بېسىمى ئورلەپ كېتىدىكەن. ئەمەلىيەتتە ئاچچىقلىنىشنىڭ زىيىنى يەنىلا چەكلىك بولۇپ، ئەڭ قورقۇنچلۇقى ھەسەتخورلۇق. بۇ چاغدا، يەنە بىر باغلانمىغان ئىتنى ئېلىپ كەلسە، ئۇ ئىت گۆشنى ناھايىتى بىخارامان ھالدا ھوزۇرلىنىپ يەپ كېتىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن گوش يىيەلمىگەن ھېلىقى ئىتنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ: «مەن شۇنچە كۈچەپمۇ يىيەلمىگەن گۆشنى سەن ئەجەب شۇنچە ئاسان يەۋالدىڭا» دەپ ئويلايدىكەن.بۇنىڭ بىلەن ئاچچىق ئۈستىگە قوشۇلغان ھەسەتخورلۇق ئىتنىڭ قان بېسىمىنى تېخىمۇ يوقۇرلىتىپ، يۈرەك سېلىشىنى تېخىمۇ تىزلىتىپ قويىدىكەن، يەنە كېلىپ يۈرەك سوقۇشى رىتىمسىزلىشىپ ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىكەن.
  كىتاب بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدىكى، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ تاتلىقىمۇ، ئاچچىقىمۇ بار بولۇپ، ھەممە ئىش ئوڭۈشلۇق بولىۋېرىدىغان ئادەم بولمايدۇ، ئەمما كۆڭۈلنى ئۇچۇق - يورۇق تۇتۇپ، ھەسەتخورلۇق قىلمىساق، ئۆچ ئېلىش كويىدا بولمىساقلا، مۇشەققەتنى خوشاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
  روسىيىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى چىخوپ ناھايىتى ياخشى ئېيتقان:«يانچۇقىڭىزدىكى سەرەڭگە ئوت ئېلىپ كەتكەن بولسا، يانچۇقىڭىزنىڭ ئوق -دورا ئامبىرى بولۇپ قالمىغىنىغا خوش بولسىڭىز بولىدۇ. تۈن نىسپى بىلەن بىرەر نامرات تۇغقىنىڭىز سىزنى ئىزدەپ كېلىپ قالسا، كەلگەن ئادەمنىڭ ساقچى بولماي قالغىنىغا خوش بولسىڭىز بولىدۇ، بىرەر تال چىشىڭىز ئاغرىۋاتقان بولسا، بارلىق چىشلىرىڭىزنىڭ ئاغرىپ كەتمىگىنىدىن خوش بولسىڭىز بولىدۇ. دوستۇم، مېنىڭ نەسىھىتىم بويىچە ئويلاپ كۆرۈڭ، ئۇ چاغدا تۇرمۇشىڭىز چەكسىز خوشاللىققا تولغان بولىدۇ» شۇڭا، دائىم مىننەتدارلىق ھېسسىياتىدا ، مېھرىبانلىق ھىسسىياتىدا بولۇش لازىم، سىزدە مانا مۇشۇنداق روھى ھالەت بولسىلا، مۇۋەققىيەت ھامان سىزنىڭ بولىدۇ.
  بىر ئوبدان كىتاب بىر تال ئاچقۇچقا ئوخشاش سىزنىڭ قىسمەت - تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، سىزنى شان - شەرەپكە يېتەكلەيدۇ. شۇڭا، كىتاب ئەڭ ياخشى دوست.
  يەنە بىر ئايال، خەنزۇچە خەتنىڭ قۇرۇلمىسى تولىمۇ قىزىقارلىق بولۇپ، «ياخشى» دېگەن خەت «ئايال» دېگەن خەتكە«ئەر»(ئوغۇل)دېگەن خەتنى قوشۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، يەنى بىر ئايال بىلەن بىر ئەر بىر يەرگە كەلسە، ئىشلار ناھايىتى ئوڭۈشلۇق بولىدۇ. كىشىلەر ھەمىشە ئەرلەر بىلەن ئاياللار بىللە ئىشلىسە، ھارغىنلىق بىلىنمەيدۇ دېيىشىدۇ. ئائىلە تەن ساقلىقنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى، قەلب ساغلاملىقى، بىسخىك ساغلاملىق، فىزىئولوگىيىلىك ساغلاملىقنىڭ مۇھىم كاپالىتى. كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان، ئاچچىقلىنىدىغان ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە، ئائىلىدە سىزنىڭ كوتۈلداشلىرىڭىزنى ئاڭلايدىغان، سىزگە تەسەللى بېرىدىغان، رىغبەتلەندۇرىدىغان ئادەم بولسا، ئۇ سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزنىڭ پەسكويغا چۇشۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
  ئائىلىسى بار ئادەملەرنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ، ئىناق ئائىلىلەردە كېسەل تېخىمۇ ئاز بولىدۇ. ئائىلىنىڭ ساغلاملىققا پايدىلىق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بەختلىك بولۇشقا ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە ياردەم بېرىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. تايلاندنىڭ بىر مەلىكىسى ئاياللار مەسىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس بولۇپ، ئۇنىڭ : ئەرلەرنىڭ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن ھىچنىمە كېرەك ئەمەس، ئۇنىڭغا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان بىر خوتۇن بولسىلا كۇپايە بولىدۇ، دېگەن بىر جۈملە ناھايىتى ئىسىل سۆزى بار. زىيادە ياخشى كۆرۈش بەخت ھىساپلانمايدۇ، زىيادە ياخشى كۆرمەسلىكمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.
  بىر ئادەم بەختلىك بولماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئىللىق ئائىلىسى بار بولۇشى لازىم. بۇنداق قىلغاندا، ئىككى ئادەم پىسىخىك، فىزىئولوگىيىلىك، قەلب جەھەتتە بىر - بىرىگە ھەمنەپەس، قەلبداش بولۇپ ، بىر- بىرىنىڭ ھال مۇڭىغا يېتىدۇ. ئىللىق ۋە گۈزەل ئائىلە، ياخشى ئايال پەرۋاردىگار ئەرلەرگە بەرگەن ئەڭ ئېسىل سوۋغا. بۇنداق ئائىلىگە قايتقان ئەر قۇملۇققا ئەمەس، بەلكى بوستانلىق ۋادىغا قايتقاندەك بولىدۇ. ئائىلە ئەرلەرنىڭ تەبىئىي گۈزەللەشتۈرۈش مەلھىمى، ساغلاملىقنى ئاسراش بويۇمى ۋە كېسەلنى ھەيدەيدىغان دورىسى.
  ئادەملەرنى ياش ئۆمۈر كۆرىدۇ دېسەك، ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، تۇنجى ياش بىرنىچى ئۆتكەل، يىل ئىچىدە ياشتىن ياشقىچە بولغان ۋاقىت ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولۇپ، بۇ يىل ئىنتايىن ياخشى ئۆتىدىغان بولسا، ئادەم ئاخىرغىچە ئامان -ئېسەن ياشىيالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ، ياشلىق ئەرلەرنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى ئايال ۋە كىتاب.


 

مەنبە: ھاياتلىق ژورنىلى
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203