ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
چاڭقىغان دىللارغا بىر تامچە


چاڭقىغان دىللارغا بىر تامچە


 

* ئاقىۋىتىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن خاتالىق پاجىئە، بىلمەي قېلىپ ئۆتكۈزگەن خاتالىق تەجرىبە.


 

* <ئازمايدىغان ئادەم يوق&t; دېيىش ئارقىلىق ئۆزىگە تەسەللىي بېرىش، ئەمەلىيەتتە داۋاملىق خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قالدۇرۇلغان يوچۇقتۇر.
 
* تارىختىن بېرى بىرگە چېقىمچىنىڭ، بىرگە ئويۇنچىنىڭ سەلتەنەت تەختىگە چىققىنىنى كىم كۆرۈپتۇ؟


 

* دۈشمەننىڭ رەزىل -  ھىيلىگەرلىكىدىن ئاغرىنماي، ئۆزىنىڭ ساددا، دۆتلىكىدىن ئاغرىنىش كېرەك.


 

* ئەخمەق قىزلار كىچىككىنە ئىشنى داۋراڭ سېلىپ نۇرغۇن نەرسىدىن مەھرۇم قالىدۇ.


 

* مەغلۇپ بولغاندا ئاسمانغا قاراپ ئاھ ئۇرغىچە، مەغلۇپ بولۇش سەۋەبىڭنى تېپىپ چىققىن، بولمىسا قۇشلار يۈزۈڭگە چىچىپ قويىدۇ.


 

* چاق ئېغىر يۈك كۆتۈرگەچكە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، شارغا لىق يەل بېرىلگەچكە ھەريان لەيلەپ جىم تۇرالمايدۇ.


 

* بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغىنى پەقەت سائەت سىتىرىلكىسىنى قولىمىز بىلەن بۇراپ كەينىگە ياندۇرۇشلا خالاس.


 

 (دىلرەبا)
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203