ئۈچ بالا
مۇنداق ئۈچ بالا بولغان.
بىرى تۆت ياشقا كىرگەندە تېلى چىققان،يەتتە ياشقا كىرگەندە خەت يېزىشنى بىلگەن.ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا :«ئىنكاسى ئاستا،پىكىرى قالايمىقان،كاللىسىنى خام-خىيال چىرمىۋالغان»دەپ باھابەرگەن ، ئۇ ھەم ئىلگىرى مەكتەپتىنمۇ قوغلانغان.
يەنە بىربالىنىڭ ئاتىسى ئۇنى دۆت دەپ ئاغرىنغان،سەنئەت ئېنىستىتۇتىغا ئۈچ قېتىم ئىمتىھان بېرىپمۇ ئۆتەلمىگەن،ئۇنىڭ تاغىسى ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا:«دۆت بالىنى ئوقۇتقان بىكار»دېگەن.
ئۈچىنچى بالىنىڭ ئاتىسى دائىم ئۇنى :«سەن بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتماي،كۇن بويى ئوۋ ئوۋلاپ،چاشقان تۇتۇپ يۈرىسەن،كېيىن قانداق قىلارسەن»دەپ ئەيىبلىگەن.ئوقوتقۇچىسى ۋە ئۇستازلىرى،ئۇنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە،بىرنەرسە يۇقمايدۇ،دەپ قارىغان.
بۇ ئۈچ بالا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئېينىشتېيىن ، رودان ۋە دارۋىنلاردۇر.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |