ئېرىشىش ۋە ۋاز كېچىش
ھېسسىي دۇنيا
ئاپتورى: مۇتەللىپ ئوسمان
بىز بىر ئۆمۈر يەتكىدەك ئالقىشلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، كۆز ئالدىمىزدىكى كىچىككىنە شۆھرەت، راھەت - پاراغەتتىن ۋاز كېچىشكە جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك. بىر دەستە خۇشپۇراق تاغ گۈلىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىزدە ئاشۇ قايناق، ھاياتىي كۈچكە تولغان شەھەر تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ، يېزا تۇپرىقىغا قەدەم باسالىغىدەك جاسارەت بولۇش كېرەك. بىز ھېچنېمىنى قولدىن بېرىشنى خالىمايدىكەنمىز، ئوخشاشلا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. بەزىدە بىر قېتىملىق زۆرۈر ئېرىشىش بىر قېتىملىق مۇھىم ۋاز كېچىشنىڭ بەدىلىگە كېلىشى مۇمكىن. ئەنە قاراڭ، ياشلىق باھارىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئوقۇش ۋە ئىزدىنىشكە ئاتىغان ئاشۇ ئۇلۇغ كىشىلىرىمىز ياشلىقىدىكى نۇرغۇن ۋاز كېچىشلەر بەدىلىگە كىشلىك تۇرمۇشنىڭ بىر ئۆمۈر كۆزنى چاقناتقىدەك باھار بەسلىگە ئېرىشتى. شۇنداق، ئېرىشىش بىلەن ۋاز كېچىشنىڭ ئارىلىقى بەزىدە بەكمۇ يېقىن، بەزىدە بەكمۇ يىراق. ئېھتىمال، بۈگۈنكى ۋاز كېچىش ئەتىكى ئېرىشىشنىڭ نۇقتىسى بولۇشى مۇمكىن. پارلاق ئىستىقبالنىڭ ھەقىقىي كۆرسەتكۈچىمۇ ئەنە شۇ ئېرىشىش ۋە ۋاز كېچىشتىن ئىبارەت مۇئەييەن جەرياننى ئۆزىنىڭ تولۇقلىمىسى قىلىدۇ. دادىل كىشىلەر ئۈچۈن ئېرىشىشمۇ ۋاز كېچىشمۇ ئوخشاشلا كىشلىك تۇرمۇشنىڭ يارقىن نامايەندىسى. بىر قېتىملىق تاسادىبىي ۋاز كېچىش بىر قېتىملىق ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىشىمىزنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بىر قېتىملىق تاسادىبىي ئېرىشىش بىر ئۆمۈر قەدىرلەشكە تېگىشلىك بەختنىڭ رىسالىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇنداق، بىز ھەرقانداق چاغدا ئېرىشىشنى قانچىلىك ئارزۇ قىلساق، ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك ئىشلاردا يەنە شۇنداق دادىل بولۇشىمىز لازىم.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |