مۇھەببەت ئۇ ...
چارلىز مىليونېر كارخانىچى ۋىكتور ئەپەندىمنىڭ قىزى مارىيەنى ئەمرىگە ئالدى.نەچچە يىلدىن كېيىن ۋېكتور ئەپەندىم قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتتى.چارلىزمۇ مۇرادىغا يېتىپ، ئون نەچچە مىليوننىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدى،بىراق ئۇ مارىيەنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرمىگەچكە، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئۇراتتى،تىللايىتتى،لېكىن مارىيە چارلىزدىن ئاغرىنمايىتتى، چۈنكى ئۇ چارلىزنى ياخشى كۆرەتتى.
بىرقانچە يىللاردىن كېيىن چارلىزنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى تۈپەيلى شىركەت ۋەيران بولدى. ئۇ ئازابلاندى ۋە دوستلىرىغا،يېقىنلىرىغا ئېيتتى،بىراق ھېچكىم ئۇنىڭ دەردىگە يەتمىدى.دەل مۇشۇ ۋاقىتتا مارىيە ئۇنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلىرىنى تىڭشىدى،ئۇ يىغلىغاندا تەڭ يىغلىدى.چارلىز ھەيران قالدى،ئۇ مارىيەنى خارلىغان تۇرسا،مارىيە نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ؟چارلىز مارىيەدىن سورىدى،مارىيە جاۋاپ ئورنىدا بىر ۋاراق قەغەزگە مۇنداق يازدى: << مۇھەببەت _ئۇ تەسەللى &t;&t;. چارلىز قاتتىق تەسىرلەندى،ئۇ ئالدىدا تۇرغان بۇ سۆيۈملۈك ئايالىنىڭ نەقەدەر كۆيۈمچان ئىكەنلىكىنى بالدۇر ھېس قىلمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى. شۇڭا ئۇمۇ بىر ۋاراق قەغەزگە: << مۇھەببەت _ ئۇ چۈشىنىش &t;&t; دېگەن خەتنى يازدى.
چارلىز بارلىق بېساتىنى سېتىپ پايچېك سېتىۋالدى. ئۇ بۇ ئىشنى مارىيەگە مەسلىھەت سالمىغان ئىدى. كېيىن مارىيە ئۇقۇپ قالدى، بىراق چارلىزنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇنىڭغا تاپا-تەنە قىلمىدى،پەقەت چارلىزغا: << مۇھەببەت _ ئۇ قوللاش &t;&t; دىدى.
كېيىن چارلىز باشقا بىر باينىڭ قىزى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشتى ۋە مارىيە گە ئاجرىشىش تەلىپىنى قويدى،مارىيە تارتىشىپ ئولتۇرماي ماقۇل بولدى.ئۇ چارلىزنى چۈشىنەتتى،ئاجىرىشىدىغان چاغدا مارىيە كۆرۈنمىدى،پەقەت ئاجرىشىش ئىسپاتى ئۈستىگە ئۇنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان،ئاستىدىكى قۇرغا مۇنداق يېزىلغان ئىدى: << مۇھەببەت _ ئۇ كەچۈرۈش &t;&t;.
ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ چارلىز ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى،كېيىنكى خوتۇنى ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى. چارلىز كېسەل كارۋىتىدا كۈندىن-كۈنگە ئورۇقلاپ كېتىپ باراتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭغا يىلىك جىددىي لازىم ئىدى،بىراق مۇۋاپىق يىلىك تېپىلمىدى. توغرىسى ماس كېلىدىغان يىلىك بولسىمۇ،ھېچكىم ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنى خالىمايتتى. دەل مۇشۇ چاغدا نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئايال چارلىزغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يىلىك تەقدىم قىلماقچى بولدى. يىلىك ئوڭۇشلۇق كۆچۈرۈلدى، بىراق ھېلىقى يىلىك بەرگەن ئايال جان ئۈزدى. چارلىز ئۆزىگە ياردەم قىلغان بۇ ساخاۋەتچىنىڭ كىملىكىنى بىلەلمىدى،سېسترا قىز ئۇ ئايالنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھاۋالىسىنى چارلىزغا ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ كىملىكىنى ئۇقتى ۋە بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ ئايالنىڭ ئاخىرقى ھاۋالىسى: << مۇھەببەت _ ئۇ ساداقەت &t;&t; دېگەن سۆز ئىدى.
بىر قانچە يىلدىن كېيىن چارلىزمۇ ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ جەسىتى مارىيەنىڭ قەبرىسى يېنىغا قويۇلدى. قەبرە ئاددىي،ھەشەمەتسىز ئىدى،لېكىن قەبرە تېشىغا يېزىلغان: << مۇھەببەت _ ئۇ قەرز &t;&t; دېگەن خەت ھەممىنىڭ كۆزىگە ئالاھىدە چېلىقاتتى...
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |