ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
پۇل دېگەن نىمە؟


پۇل دېگەن نىمە؟


 

قەدىمدىن ھازىرغىچە ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ پۇلنى كۆرۈپ خۇش بولمايدىغىنى يوق، بولۇپمۇ ئىقتىساد  ئۇچقاندەك راۋاجلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، پۇلنىڭ رولى تېخىمۇ كۆرىنەرلىك بولماقتا. بىراق، سىز  پۇلنىڭ رولىنى ھەقىقەتەن ئۇمۇميۈزلۈك چۈشنەمسىز؟


 

پۇل (( قوش تىللىق خەنجەر )) بولۇپ، ئۇ نىكاھنى سېتىۋالالايدۇ، ئەمما مۇھەببەتنى سېتىۋالالمايدۇ. دورىنى  سېتىۋالالايدۇ، ئەمما سالامەتلىكنى سېتىۋالالمايدۇ. ئۈنچە - مەرۋايىتنى سېتىۋالالايدۇ، ئەمما، گۈزەللىكنى  سېتىۋالالمايدۇ. كىتاب - ماتېرىيالنى سېتىۋالالايدۇ، ئەمما ئەقىل - پاراسەتنى سېتىۋالالمايدۇ. خوشامەتنى  سېتىۋالالايدۇ، ئەمما ھۆرمەتنى سېتىۋالالمايدۇ. ھوقۇقنى سېتىۋالالايدۇ، ئەمما ئىناۋەتنى سېتىۋالالمايدۇ. بويسۇنۇشنى سېتىۋالالايدۇ، ئەمما ساداقەتنى سېتىۋالالمايدۇ. تەننى سېتىۋالالايدۇ، ئەمما روھنى  سېتىۋالالمايدۇ. شايكىلارنى سېتىۋالالايدۇ، ئەمما قەلىبداشلارنى سېتىۋالالمايدۇ. مال - دۇنيانى سېتىۋالالايدۇ، بەخىتنى  سېتىۋالالمايدۇ. ساختا كۆڭۈلنى سېتىۋالالايدۇ، ئەمما ھەقىقى كۆڭۈلنى سېتىۋالالمايدۇ. ماختاشنى  سېتىۋالالايدۇ، يۈرەك سۆزنى سېتىۋالالمايدۇ. پۇلنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىكى شۇنى چۈشەندۈرىدىكى، پۇل  سېنى باي قىلالايدۇ ھەم قۇرۇق قولمۇ قىلىپ قويالايدۇ. ئۇ سېنى مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ، شۇنداقلا  مەغلۇپمۇ  قىلالايدۇ.
پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئىشلەتكەن ئورنى ۋە كىيىنكى نەتىجىسىمۇ ھەرگىز  ئوخشاشمايدۇ. پىشانەڭدىكى تەردىن كەلگەن پۇل سېنى بەخىتلىك قىلىدۇ. مۇكاپات بېرىلگەن پۇل  سېنى تېخىمۇ قېتىرقېنىپ ئىشلەيدىغان قىلىدۇ. ئوغرىلىغان پۇل سېنى دەككە - دۈككىگە سالىدۇ. پارا  ئالغان پۇل سېنى تويماس قىلىپ قويىدۇ. خىيانەت قىلغان پۇل قەلبىڭنى سېسىتىدۇ. ئالداپ ئالغان پۇل  كۆڭلۈڭنىڭ ئارامىنى بۇزىدۇ. بۇلىغان پۇل سېنى جىنايەتكار قىلىپ قويىدۇ. شەھۋانە پۇل سېنى نۇمۇسسىز  قىلىپ قويىدۇ. ۋارىسلىق قىلغان پۇل سېنى قەدرىگە يەتمەس قىلىپ قويىدۇ.... ۋەھاكازالار.


 

ئەمەلىي تۇرمۇشتا پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس، بىراق پۇل بولمىسا ھەرگىز بولمايدۇ. ئەمەلىي تۇرمۇش  بىزنى ھەم پۇل تېپىش ئىقتىدارى بولۇشقا، ھەم پۇل خەجلەش سەنئىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئۈندەيدۇ. ھەرقانداق كىشىدە پۇل بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ھەممىدىن مۇھىمى، پۇلنى توغرا تۇنۇش، پۇلنى مۇۋاپىق  ئورۇنغا قويۇشتۇر.


 

ئەگەر تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن سىرت تېجىگەن پۇلۇڭنى قىيىنچىلىققا يولۇققان يېتىم - يىسىرلارغا ياردەم  بېرىش، ئىنسانلارغا بەخىت - سائادەت يارىتىش ئىشلىرىغا ئىشلەتسەڭ، بۇ خىل پۇل سېنى خۇرسەن  قىلىپ، كۆڭلۈڭنى شادلىققا تولدۇرىدۇ. پۇل تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجى، بىراق، پۇل ئالدىدا ئاچكۆزلۈك  قىلىش جىمى رەزىللىكنىڭ يىلتىزىدۇر. ساۋابلىق ئىش قىلىش، مال - دۇنيا توپلاشتىن ئەۋزەل. پۇل، مال - دۇنيا تېنىمىزنىڭ سىرتىدىكى نەرسە بولۇپ، ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەر بىر شەخىسنىڭ  ئىچكى دۇنياسى، شۇنداقلا پەزىلىتىگە باغلىق.


 

مەنبە : شىنجاڭ  ياشلىرى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203