بەخت ھەققىدە
بەلكىم بۇ دۇنيادا ئاڭلىماققا نامى ئۇلۇغ نەرسىلەرنى ئىزدەپ تاپماق ئەڭ تەس بولسا كېرەك.
شۇنىڭغا ئوخشاش ((بەخت)) دېگەن سۆزمۇ ھازىر كىشلەر مېڭىسىدە كۈلكە بىلەنلا چەكلىنىدىغان ئۇقۇمغا ئايلىنىپ قالغىلىۋاتىدۇ. شۇنداق، ھاياتنىڭ ئەگرى - توقاي يوللىرىدا ئۆز بەختىنى تاپالماي روھى سەرگەردانلىققا پاتقانلارمۇ، ئۆز بەختىدىن سۆيۈنۈپ، تۇرمۇشقا كۈلۈپ قاراۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.
ئاقىللار بەكمۇ توغرا ئېيتىپتىكەن: ((دېڭىزنىڭ مەڭگۈ تىنچ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئادەم مەڭگۈ دېڭىزچى بولالمايدۇ)). توغرا، ئۆز تۇرمۇشىنىڭمۇ مەڭگۈ كۈلكە ئىچىدە ئۆتۈشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئادەم مەڭگۈ تۇرمۇشنىڭ چىن مەنىسىنى، ھەقىقىي مەنادىكى بەختىنى تاپالمايدۇ ھەم تاپقاندىمۇ ھېس قىلالمايدۇ.
((بەخت)) زادى نېمە؟ مەلۇم بىر يازغۇچى ((بەخت دېمەك ئۆز ئارزۇيىغا يېتىش)) دەپ ئېيتقان. يەنە بىرى ئۆز شېئىرىدا بەختنى ((لەززەت)) دەپ ئېيتقان. مېنىڭچىمۇ ((بەخت)) راستىنلا ئۆز ئارزۇسىغا يېتىش ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىنسانلار ۋۇجۇدىدىكى بىر خىل روھى قانائەت، ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ نوقۇل ((كۈلكە)) دېگەنلىك ئەمەس.
بەخت - ئىنىتلىش، بەخت - كۈلكە، بەخىت - قانائەتلىنىش. ئۇ ئىنسانىڭ قەلىبىدىكى بىر خىل گۈزەل ھېس - تۇيغۇ. ((بەخت)) شۇنداق نەرسىكى، سىز ئۇنى ئاددىي كۆزىڭىز بىلەن كۆرەلمەيسىز، قولىڭىز بىلەن تۇتالمايسىز. ئۇنى بىلىش ئۈچۈن ئەقىل بىلەن تويۇنغان كۆز، چەكسىز ئۈمىدۋارلىققا تولغان ئىرادە كېرەك.
((بەخت)) غەمىسىز بالىلارنىڭ قۇمدىن قەلئە ياساپ ئويناۋاتقاندىكى شادىيانە كۈلكىسى، ((بەخت)) ئىمتىھاندا يۇقىرى نۇمۇر ئالغان ئوقۇغۇچىنىڭ تەبەسسۇمى، ئۇ چۆل - باياۋاندا قالغان يولۇچىنىڭ نەزىرىدىكى بىر تامچە سۇ ۋە ياكى پىژغىرىم ئاپتاپتىكى بىر تۈپ دەرەخ سايىسى. ئۇ يەنە ئازابلانغىنىڭىزدا باشقىلارنىڭ سىزگە چىن دىلىدىن چىقىرىپ بەرگەن تەسەللىسى بولىشى مۇمكىن. مەيلى سىز ئۇنى قايسى كۆرۈنۈشتە قوبۇل قىلماڭ، ئۇ قەلىبىڭىزگە يېتىپ بارغاندا يەنە بىر خىل لەززەتكە ئايلىنىىپ كېتىدۇ.
دوستۇم، بەختىنى قارغۇلارچە قوغلاۋەرمەڭ، بەلىكىم ئۇ سىزنىڭ يېنىڭىزدا سىزنىڭ ھېس قىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقاندۇ. ئۇنى ھالال ئەمگىكىڭىزدىن، مېھنەت تەرىڭىزدىن، ئىنسانلىق تۇيغۇلىرىغا باي قەلىبىڭىزدىن ئىزدەڭ.