شەھەرلىك ---سەھرالىق
مەن شەھەرلىك --دۇختۇرخانىدا تۇغۇلدۇم.
مەن سەھرالىق -- ئۆيدىكى كاڭدا تۇغۇلدۇم.
مەن شەھەرلىك --تۇغۇلۇپلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرەپلىك بىر پۇقراسى بولدۇم .
مەن سەھرالىق --مەن بۇ گۈندىن باشلاپ جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ شەرەپلىك باج تاپشۇرغۇچىسى بولدۇم .
مەن شەھەرلىك -- دۆلەت ۋە ئاتا-ئانامنىڭ ئىدارىسى تەمىنلىگەن ھەر خىل تەمىناتلاردىن بەھىرلەنمەكتىمەن .
مەن سەھرالىق --دۆلەت ۋە كەنىتنىڭ ھەرخىل كىشى بېشىغا ئالىدىغان ھەرخىل باجلىرىنى تاپشۇرماقتىمەن .
مەن شەھەرلىك-- مەن نىمىدىگەن بەخىتلىك--ھە ؟
مەن سەھرالىق --مەن نىمىدىگەن شەرەپلىك پۇقرا
مەن شەھەرلىك --كۈنىمىز ھەر ھالدا ياخشى ،ئاتا-ئانامنىڭ مائاشى خىراجىتىمىزدىن سىرت يەنە بانكىغا قويۇشقا ئاشىدۇ .
مەن سەھرالىق-- تېرىغان ئاشلىقىمىز ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاشقىنى يىل ئۆرۈلگىچە يىيىشىمىزگە ئارانلا يېتىدۇ .
مەن شەھەرلىك --مەن بالىلىقىمدا ھەر خىل ئويۇنچۇقلارنى ئويناپ چوڭ بولدۇم.
مەن سەھرالىق-- بالىلىقىمدا لايدىن ھەر خىل قورچاق،ئويۇنچۇقلارنى ياساپ ئوينايتتىم.
مەن شەھەرلىك--مەن يەسلىدە ئوقۇيدىغان بولدۇم .
مەن سەھرالىق -- چوڭلارنىڭ كەينىدە يۈرۈپ باشاق تېرىشقا باشلىدىم .
مەن شەھەرلىك--باشلانغۇچ مەكتەپكە چىقتىم .
مەن سەھرالىق-- مەنمۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولدۇم.
مەن شەھەرلىك--مەكتىپىمىز نىمىدىگەن چىرايلىق .ۋەتىنىمىز سېلىپ بەرگەن ئوقۇتۇش بىنالىرى نىمىدىگەن ئېگىز ~~
مەن سەھرالىق--بۈگۈن تۇنجى قېتىم مەكتەپكە باردىم .مەكتىپىمىز نىمىدىگەن كونا ؟ ساپلا فىئوداللىق جەمئىيەتتىن قالغان بۇتخانىلاردىن ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن.
مەن شەھەرلىك--ئاپام ماڭا دائىم خەجلەيدىغانغا پارچە پۇل بېرىدۇ .
مەن سەھرالىق-- ئاپام دائىم مېنى < كەمپۇت يەيمەن &t; دەپ جېدەل قىلىسەن دەپ ئۇرىدۇ .
مەن شەھەرلىك --بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈردۈم ،خىزمەت تاپماق نىمىدىگەن تەس ،يا ھۆكۈمەت خىزمەتكە بۆلمىگەن .
مەن سەھرالىق --مەنمۇ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈردۈم .ھۆكۈمەت نىمىشكە خىزمەتكە بۆلمەيدىغاندۇ ؟
مەن شەھەرلىك--ئاتا-ئانام مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ مېنى بىر ئىدارىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى .شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ چاكىرى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىدىم .
مەن سەھرالىق --يەنىلا خىزمەت يوق . بۇمۇ بولغىنى ،دۆلەتنىڭ خوجايىنى بولۇپ يۈرىۋەرمەمدىمەن .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |