ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ھەممىگە قادىر نەرسە


ھەممىگە قادىر نەرسە


 

  مۇھەببەت ئۆز ئاشىقىدىن ئايرىلىپ قېلىپ كۆڭلى يېرىم بولۇپ ، قەلبى ئازاب بىلەن تولغاچقا ، ئۆلۈپ كەتسەملا بارلىق ئازابتىن قۇتۇلىمەنغۇ ، دەپ ئويلاپ ئۆلۈمنىڭ ئىشىكىنى قېقىش ئۇچۇن قولىنى كۆتۈرۈپ بولۇپ توختاپ قاپتۇ.
 -ئەجىبا مەن شۇنچە ئىرادىسىزمۇ ، قىلغان بارلىق ئەقىدىللىرىم شۇنچە ئاسان ۋەيران بولارمۇ، مەن ئۆلۈپ بەرسەم ، ئۆزۈمنىڭ تېخىمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلاپ بەرگەن بولمامدىمەن؟ ياق ، مەن ياشىشىم كېرەك ، تېخىمۇ ياخشى ، تېخىمۇ مەغرۇر ياشىشىم كېرەك
 شۇ تۈپەيلى مۇھەببەت ئۆلۈمنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن قايتىپ كەپتۇ. ئەمما يەنىلا قايغۇدىن قۇتۇلالماپتۇ . ئۇ « بەلكىم خوشاللىق ماڭا ياردەم قىلىپ بۇ دەرتلىرىمنى ئۇنتۇلدۇرار » دەپ ئويلاپ خوشاللىقنىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ . بۇ چاغدا خوشاللىق بىر قانچە دوستى بىلەن ناھايىتى يايراپ ئويناۋاتقانىكەن . ئۇ مۇھەببەتنىڭ مىسكىن چىرايىنى كۆرۈپ دەرھال ئىككى قولىدىن تۇتۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىغا قوشۇۋاپتۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنى خوشال قىلماقچى بوپتۇ.مۇھەببەت خوشاللىق بىلەن شۇنچە ئوينىغان بولسىمۇ ئازابى قىلچە يەڭگىللىمەپتۇ . ئۆتكەن كۇنلەرنى پەقەتلا ئىسىدىن چىقىرالماپتۇ . « مەن بۇلارغا بەرىبىر قوشۇلالمىغىدەكمەن ، ياخشىسى ئۇلارغا دەخلى قىلماي ئۆز يولۇمغا ماڭاي » دەپ ئويلاپتۇ ۋە خوشاللىقنىڭ يېنىدىن كىتىپتۇ.
 « بايلىق ھەممىگە قادىر ئىدى ، ئۇنىڭ ماڭا ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس » دەپ ئويلاپتۇ مۇھەببەت ۋە بايلىقنىڭ يېنىغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ . بۇ چاغدا بايلىق ناھايىتى چوڭ بىر سودىغا تۇتۇش قىلىۋاتقانىكەن . شۇڭا : «مەن ھازىر بەك ئالدىراش ، غەزىنەمگە قاراپ باق ، سەن ئىزدىگەن نەرسە بارمىكىن ، بار بولسا ئېلىپ كېتىۋەر» دەپتۇ . مۇھەببەت بايلىقنىڭ غەزىنىسىنى ئاختۇرۇپتۇ ، ئەمما ئىزدىگەن نەرسىسىنىتاپالماپتۇ . « قارىغاندا بۇمۇ ماڭا ياردەم قىلالمىغۇدەك » دەپ ئويلاپتۇ ۋە بۇ يەردىنمۇ كىتىپتۇ.
  ئۇ قوشنىسى ھەسرەتنىڭ ئىشىكىنى ئاستا چىكىپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىر پەس پاراڭلىشا - پاراڭلاشمايلا كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بوپتۇ : « ئەگەر ھەسرەت بىلەن داۋاملىق بىرگە تۇرسام يەنە ئۆلۈمنىڭ يېنىغا بارسام بولغۇدەك» دەپ ئويلاپتۇ ، شۇڭا ھەسرەت بىلەنمۇ خوشلىشىپ ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ.
« بەلكىم نەپرەت ماڭا ياردەم قىلالىشى مۈمكىن » دەپ ئويلىغان مۇھەببەت نەپرەتنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ .  بۇ چاغدا نەپرەت دۇنياغا بىر خىل مەنسىتمەسلىك نەزەرى بىلەن تىكىلىپ تۇرغانىكەن . ئۇ مۇھەببەتنىڭ مەقسىتىنى ئۇققاندىن كىيىن : « بوپتۇ ، مەن سىنىڭ ئازاپتىن قۇتۇلۇشۇڭغا ياردەم قىلاي . بىراق سەن قەلبىڭنى پۇتۇنلەي ماڭا خاس مەزمۇنلار بىلەن تولدۇرشۇڭ كېرەك » دەپتۇ . مۇھەببەت نەپرەتنىڭ ئۆزىگە ماس دەپ قارىغان بارلىق مەزمۇنلىرىنى قەلبىگە سىغدۇرماقچى بوپتۇ . ئەمما مۇھەببەت يەنىلا مۇھەببەت پېتى تۇرىۋېرىپتۇ . « كەچۈرگىن ، مۇھەببەتنىڭ نەپرەتكە ئورۇن بوشاتمىقى ناھايىتى تەس ئىكەن ، مەن باشقا جايدىن دوست ئىزدەپ باقاي » دەپتۇ ئۇ نەپرەتكە .
ئۇ شۇ چاغدا پاراسەتنى ئېسىگە ئاپتۇ . « بەلكىم شۇ ماڭا يول كۆرسىتەلىشى مۈمكىن » دەپ ئويلاپتۇ ئۇ ۋە پاراسەتنىڭ يېنىغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ.
 - كەچۇر ، دەپتۇ ئۇ مۇھەببەتكە ئېھتىرام بىلەن ، - مەن بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ناھايىتى ئۆتكۇر ، بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ ئاددىيمەن ، بەزىدە خاتالىشىپمۇ قالىمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ساڭا توغرا يول كۆرسەتسەممۇ سەن ھېسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ خاتا يولغا مېڭىپ قالىسەن ياكى ھېسياتىڭغا بوي سۇنىسەن ، ھەتتا خاتا قىلغىنىڭنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە خاتالىقىڭدىن ۋاز كېچەلمەيسەن .  شۇڭا بۇ ئىشتا ساڭا ياردەم قىلالمايمەن ، - دەپتۇ.
 مۇھەببەت يەنە روھسىز ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ ، قارىسا تۆردە تەسەللى ئولتۇرغۇدەك .
 -ئامانمۇ سەن دوستۇم ، سېنىڭ بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغىنىڭنى ئاڭلاپ دەردىڭگە دەرمان بولاي دەپ كەلدىم ، دەپتۇ تەسەللى .
 - بولدى ، ئاۋارە بولما . ئەمدى دۇنيادا ھېچكىم ماڭا ياردەم قىلالمايدۇ . مەندەك  بەخىتسىزنى قۇتقۇزۇش ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ ، دەپتۇ مۇھەببەت .
 - نىمانچە ئاھ ئۇرىسەن ؟ دەپتۇ تەسەللى ،  - دۇنيادا يالغۇز سەنلا بەخىتسىزمىدىڭ .سەندىنمۇ ئۆتە بەخىتسىزلەر كۆپقۇ ؟  ئەگەر تۇرمۇشتا بەخىتسىزلىككە ئۇچرىساڭ بىرلا نەرسىگە تىكىلىۋالما . بەلكى سىنى ئۈمىدلەندۈرگىدەك ئىككىنچى ، ئۈچىنىچى نەرسە بولۇشى مۈمكىن . شۇنداق قىلالىساڭ مەغلۇپ بولساڭمۇ چۈشكۈنلىشىپ كەتمەيسەن . يىقىلىپ چۈشكەندە  :« مەن بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ يىقىلىپ چۈشكەن ، بۇنىڭدىن كېيىن يىقىلساممۇ يەنە ئۆرە تۇرالايمەن » دىيەلىشىڭ كېرەك  .سانسىز قېتىملىق يىقىلىشلار ،سانسىز قېتىملىق ئۆرە تۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ . مانا شۇنى ئۇنۇتما ، بىلگىنكى ، نەدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساڭ مەن شۇ يەردە سەن بىلەن بىرگە .
  شۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت ۋە تەسەللي بىر-بىرىگە ھەمراھ بۇلۇپ بىر قانچە يىلنى بىللە ئۆتكۇزۇپتۇ . ئاخىرىدا مۇھەببەت ئۆزئازابىنى ئۇنۇتقاندەك بوپتۇ . بۇ چاغدا تەسەللىمۇ ئۇنى ئانچە يوقلىماس بوپتۇ.
 - ساڭا كۆپ رەھمەت ، دەپتۇ مۇھەببەت بىر كۇنى ئۇچىرشىپ قالغان تەسەللىگە ، مىنىڭ ئازابىمنى ھەرھالدا ئۇنتۇلدۇردۇڭ.
 - ماڭا رەھمەت ئېيتما ، بەلكى ۋاقىتقا رەھمەت ئېيت . پەقەت ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق  بېرەلىگەن  ئادەملا ھەقىقي ئادەمدۇر. ھەرقانداق نەرسىنى ۋاقىت ئۇنتۇلدۇرىدۇ ۋە ۋاقىت تىرىلدۈرىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئۆلۈم ، خوشاللىق ، بايلىق ، ھەسرەت ، نەپرەت ، پاراسەت قاتارلىقلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ . ئادەملەر بۇ جەرياننى تاماملىماي تۇرۇپ كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئېرىشەلمەيدۇ . پەقەت ۋاقىتلا ھەممىگە قادىر ، دەپتۇ تەسەللى .


 

   يىقىلغان يەردە ئورنىدىن تۇرۇش  ھەممىمىز بىلىدىغان ھەقىقەت . ھاياتىمىزدا قانچە قېتىملاپ يىقىلىمىز بۇنىسى بىزگە نامەلۇم ، لېكىن شۇنىسى بىزگە مەلۇمكى يىقىلىپ ئۆلۈپ قالمىساقلا بىزگە يەنە ئورنىمىزدىن تۇرۇشقا پۇرسەت بار .
 ھاياتىمىزدا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ، كۆڭۈل ئاغرىقلىرىغا ، ئايرىلىش ئازاپلىرىغا ئۇچرايمىز ، ئەلۋەتتە بۇلارنى ئۇنتاي دەپلا ئۇنۇتقىلى بولمايدۇ . مۇھىمى شۇكى ئەرزىيدىغان ئەرزىمەيدىغانلىقىغا قاراش كېرەك
.
 


 

  سوقرات شاگىرتى بىلەن سەپەرگە چىقىپتۇ . ئۇنىڭ شاگىرتى يوغان بىر خالتىغا ئۆزى ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزلىق ، ئازاپلارنىڭ ھەممىسى يۈدۈپ مېڭىۋىرىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىلدىن كىيىن سوقراتنىڭ شاگىرتى بۇ خالتىنى كۆتۈرەلمەي قاپتۇ . سوقرات ھەيران بولۇپ :
 - خالتاڭدا زادى نىمە بار ؟ نىمىشىقا ئەمدى كۆتۈرەلمەس بولۇپ قالدىڭ ؟- دەپ سوراپتۇ .شاگىرتى جاۋابەن :
 - ئۇستاز ، بۇ خالتامدا مەن ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزلىقلار بىلەن ئازاپلار بار ئىدى . ئەمدىلىكتە بۇلارنى كۆتۈرەلمەيۋاتىمەن،- دەپتۇ . سوقرات ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن « ئۆزۈمڭگە يۈك بولغان ، كۆتۈرىشىڭگە ئەرزىمەيدىغان ئازاپلىرىڭنى تاشلىۋەت دەپتۇ»  . شۇنىڭ بىلەن شاگىرتى ئۇنىڭ دىگىنىدەك قىلىپتۇ . خالتىمۇ يېنىكلەپتۇ . شاگىرتى خوشال ھالدا سەپىرىنى داۋام قىپتۇ.


 

 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203