ئەرلەرنىڭ كەچۈرۋېتىشكە بولىدىغان سەككىز مەخپىيىتى
. ياسىنىشىڭىزدىن قۇسۇر تاپىدۇ .
بەزى ئەرلەر ئادەتتە ئايالىغا زىبۇ - زىننەت ۋە كىيىم كېچەكنى ئانچە ئېلىپ بەرمەيدۇ - يۇ ، سىرتلارغا چىققاندا ، سورۇنلارغا بارغاندا ئايالىنىڭ كىيىنىشىدىن قۇسۇر تاپىدۇ . بۇ خىلدىكى ئەرلەر ئادەتتە بەك تارتىنچاق كېلىدۇ ، چۈنكى ئۇ تەنقىد كۆتۈرەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئايالىنىڭ ياسىنىشى سەۋەبىدىن دوسلىرىنىڭ ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ مەسخىرسىگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ ، ئايالىغا بۇ جەھەتتە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ . بۇ خىل ئەۋلادىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئايالىغا بولغان غەمخورلۇقىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇكى ھەرگىزمۇ ئۇنى ئەيىپلەپ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ .
. تۇغۇلغانكۈنىڭىزنى قەستەن ئۇنتۇپ قالىدۇ .
ئەرلەرنىڭ بۇنداق بىپەرۋالىقى ئەلبەتتە ئاياللارنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ . ھەر ھالدا ئۇ توي خاتىرە كۈنىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ ، ئەگەرھەر ئىككىسىنى ئۇنتۇپ قالسا ، ئۇ ئەلبەتتە تەنقىدلىنىشكە ھەقلىق . لېكىن سىز بۇنچىلىك ئىشلار ئۈچۈن غەۋغا كۆتۈرۈپ يۈرمەي ئۇنى مۇۋاپىق رەۋىشتە ئەسكەرتىپ قويسىڭىزلا ، ئۇنىڭ نەزىرىدىكى سىمايىڭىز تېخىمۇ تەمكىنلىشىپ بارىدۇ .
. ئايالچولپانلارغا چوقۇنىدۇ .
چىرايلىق ئاياللارغا ئىنتىلىش - بارلىق ئەرلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىگى ، تېلۋىزىيە رىياسەتچىلىرى ، ئايال چولپانلارغا ئىنتىلىشمۇ بىردەمچىلىكلا خالاس . شۇڭا ئۇنىڭغا پەرۋا قىلىپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئەگەر يولدىشىڭىز ئاشۇ گۈزەللەرنى دەپ سىزدىن چانمىسىلا بۇ ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ يۈرىشىڭىزنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق .
. پاكىز كۆڭلەكنى تاپالمايدۇ .
سىز سىرتلارغا كاماندىروپكىغا ياكى ئىش بېجىرىشكە بېرىپ قايتىپ كەلگەن چېغىڭىزدا ، ئېرىڭىزنىڭ كۆينەكلىرىنى كىيگىلى بولىدىغان مەينەت كۆڭلەك ۋە كىيگىلى بولمايدىغان مەينەت كۆڭلەك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىۋەتكەنلىكىنى كۆرىسىز . بۇنى كۆرۈپ ئەلۋەتتە قۇيقا چاچلىرىڭىز تىك تۇرۇپ كېتىدۇ، ئەگەر ئېرىڭىزنىڭ كىيىم رەتلەشكە زادى ئېپى يوق بولسا ، ئۇنىڭ قولىدىكى ئىشنى سىز ئېلىپ ئۇنى باشقا ئىشلارغا بۇيرۇڭ . مۇشۇنداق قىلىپ كۆڭلىڭىزنى تىنجىتمىسىڭىز ئېنىقلا يۈتكەن ئاچچىقىڭىز ئۆزىڭىزگە بولىدۇ ، ئېرىڭىزنىڭ ئۆزگىرىپ تۇمۇشتا تەرتىپلىك بولۇپ كېتىشى ناتايىن .
. ئازراقخۇپىيانە پۇل ساقلايدۇ .
نۇرغۇن ئەرلەر ( بەلكىم ئۇمۇمىيۈزلۈك ئەرلەر ) مېھماندارچىلىق ياكى دوسلىرى ئارا مۇئامىلىدە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ھەر قېتىملىق مۇكاپات پۇلىدىن ئازراقتىن قىسۋالىدۇ ۋە بۇ پۇللارنى خۇپىيانە ساقلايدۇ . خۇپىيانە پۇلنىڭ سوممىسى ئائىلەڭلارنىڭ ئىقتىسادىغا چوڭ تەسىر يەتكۈزگۈدەك دەرىجىدە كۆپ بولمىسىلا ئۇ يەنىلا تۇرىۋەرگەي ، ئارتۇقچە سۈرۈشتۈرۈپ ئېرىڭىزنى ئوسال قىلىشىڭىز سىزنىڭكى ئاجىزلىقىڭىز . بەلكىم بۇ خۇپىيانە پۇللار ھالقىلىق پەيتكە كەلگەندە ئىككىڭلارغا ئورتاق ئەسقېتىپ قېلىشى مۈمكىن .
. ئائىلىسىدىكىلەرگەدەپ قويماي كىچىكىپقالىدۇ.
سۆيگۈ قۇياشىنى پەرۋازىغا قويۇپ بېرىش ، ئەلۋەتتە ئىشەنچتىن دېرەك بىرىدۇ . يولدىشىڭىز يىلدا بىر قانچە قېتىم سىزنى خەۋەرلەرندۈرۈپمۇ قويمايلا كېچىسى بەك كەچ قالسا ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىپ كەتمەڭ ، ھەددىدىن زىيادە كۆزىگە كىرۋالسىڭىز ئۇ تېخىمۇ بۇيۇنتاۋلىق قىلىدۇ ، ئەگەر كەچ قايتىشى سەل ئېشىپ كەتكۈدەك بولسا خەۋەرلەرندۈرۈپ قويۇش ھەققىدە ئەسكەرتىش بېرىپ قويسىڭىزلا كۇپايە .
. ئەر تۇنۇشلىرىڭىزنى رەتكە تىزىپ باقىدۇ .
بەزى ۋاقىتلاردا ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىچى تار كىلىدۇ ، شۇڭا گاھىدا سىزنىڭ ئەر تۇنۇشلىرىڭىزنى ، ئەر خىزمەتداشلىرىڭىزنى رەتكە تىزىپ سىزگە سوغۇق كۈلۈپ قويىدۇ ، سىز بۇ ئەھۋاللارغا قىلچە پەرۋا قىلماڭ ھەم ئۇنىڭ بۇ خىل كۈندەشلىكىنى كۆڭلىڭىزگە ئېلىپمۇ كەتمەڭ . چۈنكى دۇنيادا جۈپتىنى كۈنلىمەيدىغان ھېچبىر ئىنسان بولمىسا كېرەك .
. سوۋغات ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ .
بەزى ئەرلەر سىرتلارغا چىقىپ ، خېلى ئۇزۇن ئۆتكەندىن كىيىن قايتىپ كىلىدىغان ۋاقتىدا ، ھەتتا ئۇنىڭ يولىغا قاراپ كۆزلىرى تۆت بولغان باللىرىغىمۇ سوۋغات ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ، سىز ئۇنىڭ بۇ خىل بىپەرۋالىقى ۋە كۆڭۈل ئاياشنى بىلمەسلىكىدىن ئاچچىقلايسىز . لېكىن سىز بۇنىڭغا قارىتا ھەرگىزمۇ چالۋاقاپ كەتمەي ئۇنى بىر نۆۋەت كەچۈرۋېتىڭ ھەم ئۇنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا تالاغا چىقىپ قىزىغا سوۋغات ئەكىرىپ كەچىلىكنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش پۇرسىتى بېرىڭ . كېلەر قېتىم ئېسىگە سېلىپ قويسىڭىزلا ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |