ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
مۇھەببەت ۋە ئەر-ئايال

 
مۇھەببەت ۋە ئەر-ئايال


 

  بۇ دۇنيادا ئادەم بالىلىرىنى بىر-بىرىگە مەھكەم باغلاپ، پۈتۈن جامائەت تەشكىل قىلدۇرغان نەرسە ئېھتىياجدۇر. ھاياتتا بىر- بىرىگە مۇھتاج بولۇش ئادەم زاتىنىڭ مەدەنىيەت يارىتىشىغا سەۋەب بولغاندۇر. لېكىن ، ئەر بىلەن ئايالنى بىر- بىرىگە باغلاشقا قانداق نەرسە سەۋەپ بولىدۇ؟
 ئەر بىلەن ئايالنى بىر-بىرىگە باغلىغۇچى نەرسە مۇھەببەتتۇر. ئەگەر ئۆيلىنىش بىر كۆۋرۈككە ئوخشىتىلسا، مۇھەببەت كۆۋرۈكنى مۇستەھكەملىگۈچى مىخلارغا ، ئەگەر ئۆيلىنىش بىر بىنا قۇرۇلىشىغا ئوخشىتىلسا ، مۇھەببەت ئۇنى مۇستەھكەملىگۈچى ئاھاكقا ئوخشىتىلىدۇ. مۇھەببەت بولغان يەرگە پاراۋان تۇرمۇش ھەم مەدەنىيەت، بولمىغان يەرگە خارابلىق كېلۇر. پۈتۈن دۇنيانىڭ نىزامى مۇھەببەت بىلەن بىرگىدۇر، ئادەم بالىسىغا پەزىلەت كەلتۇرگۈچى، خۇلقىنى كۆركەم قىلىپ، ئەقىلنى تەربىيە قىلغۇچى نەرسىمۇ دەل مۇھەببەتتۇر، مۇھەببەت ئادەم بالسىنى ھەر تۈرلۈك زىلالەتلەردىن پاك قىلىدۇ.
  ئەڭ يېقىملىق ۋە زۆرۈر بولغان مۇھەببەت ئەر بىلەن ئايال ئارىسىدا بولغان مۇھەببەتتۇر. چۈنكى : بىر-بىرلىرىگە مۇھەببەتلىرى بولغان ئەر بىلەن ئايال دۇنيانىڭ راھەتلىرىدىلا ئەمەس ، ھەتتا مېھنەتلىرىدىمۇ ئۆمۈرلىرىنى سائادەتلىك ئۆتكۈزىدۇ. مۇھەببەت پاك ۋە ساپ بولۇش شەرتى بىلەن ئەر-ئايالنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ خۇلقىنى گۈزەللەشتۇرۇپ ، ئەقىللىرىنى تەربىيلەيدۇ، بىر-بىرىگە مۇھەببەتلىك بولغان ئەربىلەن ئايال ئائىلىسىنى ، ھەتتا خوشنىللىرىنىمۇ نارازى قىلمايدۇ. لېكىن مۇھەببەت ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئەر بىلەن ئايالنىڭ شەخسەن بىر مۇنچە ئۈلۈشلىرى بولۇشى كېرەك . ئەگەر بۇ ئىككى يۈرەك بىر-بىرىگە ئىنتىلىدىغان بولسا ، يوق مۇھەببەتنىمۇ ۋۇجۇتقا كەلتۈرگىلى بولىدۇ ، ئەسلىدىن بار بولسا مۇستەھكەملىنىدۇ.
  شۇنىڭ ئۈچۈن بىر- بىرىگە ئىنتىلمىگەن ھالدا « ئارىمىزدا مۇھەببەت يوق » دەپ شىكايەت قىلغۇچى ئەر بىلەن ھەقلىق ئەمەس . بۇنداق ھال يۈز بەرگەندە ھەر ئىككى تەرەپ ئەسلى سەۋەبنى بىلىپ، ئائىلىنى تىكلەشكە ئىنتىلىشلىرى لازىم .  سەۋەب ھەققىدە يېزىشتىن مەقسىتىمىز سۈپكۈشلىتىش ياكى تۇمار يېزىپ ئېلىپ يۈرۈش ئەمەس ، بۇنداق نەرسلەردىن ھېچقانداق پايدا يوقتۇر. بىزنىڭ مۇرادىمىز ئەخلاق ئالىملىرى تەرىپىدىن مۇھەببەتنىڭ سەۋەپلىرى دەپ كۆرسىتىلگەن نەسھەتلەرنى بەجا كەلتۇرۇش كېرەك دىمەكتۇر.
  ئەخلاق ئالىملىرىنىڭ نەسھەتلىرى مۇنداق :
  ئەر ئەگەردە ئايالنىڭ مۇھەبىتىنى ئارزۇ قىلسا ، ئۇنىڭ خۇلقنى تەربىيلىسۇن ،  چۈنكى : مېۋىلىك دەرەخلەرمۇ تەربىيگە مۇھتاج بولغىنىدەك، ئاياللارمۇ تەربىيگە مۇھتاجدۇر. ئايالمۇ بىر مېۋىلىك دەرەختۇر. ياخشى مېۋە بەرمىگەندە دەرەخنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىگسىگە تەنبىھ بەرگەن كەبى ئايالمۇ ناچار بالا تەربىيلىسە ، ئېرىگە تەنبىھ بېرىلىدۇ.
ئەر ئايالنىڭ تەبئىتىنى ياخشى بىلىپ شۇنىڭغا ئاساسەن ھەركەت قىلىشى كېرەك . ئاياللارنىڭ ئاچچىقى تېزرەك كېلىدۇ، ئىچىمۇ تارراق بولىدۇ. كۆپىنچە ئويۇننى چىن دەپ ھېسابلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ، كەمچىلكلىرىدىن كۆز يۇمۇشقا، ئۇلار بىلەن دە-تالاش قىلماسلىققا، ئاچچىق سۆز ئىشلەتمەسلىككە، تەبىئىئېغىر، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان بولۇشقا مايىل بولۇش ، ئورۇنسىز كۈنلەمچىلىك  قىلماسلىق ، ھەممىلا نەرسىنى سۈرۈشتۇرمەسلىك، ئەپۇچان بولۇش كېرەك ، چۈنكى بۇ نەرسلەر ئەرنىڭ ئايال ئالدىدىكى ھۆرمىتىنىيوقىتىدۇ ، ئارىغا سوغۇقچىلىق سالىدۇ، ئۆينىڭ تەرتىپ ئىنتىزامىنى بۇزىدۇ.
  ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى جەلىپ قىلغۇچى نەرسە ئۇلۇغۋارلىق بىلەن شەپقەتتۇر .ئەر ئىچىملىك ئىچمىسۇن ، قىمار ئوينىمىسۇن ، قورقۇنچاق ، يۈرەكسىز بولمىسۇن ، يوق ئىشلارنى بار قىلىپ خۇتۇن بالىلىرىنى تاشلاپ يۈرمىسۇن ، ئايالى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن مۇھەببەتكە بىلمىگەندەك مۇئامىلە قىلماي، ياخشى جاۋاب  قايتۇرسۇن.
  ئەر ئايالنى كىيىم-كېچەك ، يېمەك-ئىچمەك توغرىسىدا ئادەتتىن تاشقىرى نەرسلەرگە ، ئىسراپچىلقلارغا ئادەتلەندۇرمىسۇن ، ئاز خىراجەت  ۋە ئاز نەرسلەرگە ئۆگەتسۇن ، چۈنكى زىبۇ-زىننەت ، لەززەت ۋە ئىچىملىككە بېرىلگەن كىشى ھەمىشە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەبلەغ توپلاش نىيتىدە بولىدۇ. نەتىجىدە يامان يولغا كىرىپ قالىدۇ.
 ئايالنىڭ خۇلقى ھەر ۋاقىتتا ئەرنىڭ خۇلقىغا تەۋە بولغانلىقتىن ئايالنى تەربىيلەشكە كىرىشكەن ئەر ئەڭ ئاۋۋال ئۆز خۇلقنى تەربىيلىسۇن. ئايال ئەگەر ئېرىنىڭ مۇھەببىتىنى ئارزۇ قىلسا، ئۆزىنىڭ ئاللاھ ياراتقان مەۋجۇدات ئىچىدە ئەڭ گۈزىلى ئىكەنلىكىنى خاتىرلەپ ، ھەر ۋاقىت پاك بولۇشنى ئادەت قىلسۇن . چۈنكى، ناپاك ئايال مۇھەببەتكە سازاۋەر ئەمەس، پاكلىقىنى ئادەت قىلمىغان ئايال ئېرىگە گويا « مېنى سۆيمە ، چۈنكى مەن سۆيۈملۈك شاراپەتتىن مەھرۇممەن » دىگەندەكتۇر.
ئېرى يوق ۋاقىتتا ياكى باشقا جايغا بارغاندا ئاددى كىيملەر بىلەن بولۇپ، ئېرىنىڭ ھۇزۇرىدا گۈزەل كىيىملەر بىلەن زىننەتلىنىپ يۈرسۇن . ھۆسىن ۋە زىننەت ئەرلەرنىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ. ئەر بىلەن ئايال بۇلارغا رىئايە قىلسا، مۇھەببەتلىك بولىدۇ.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203