ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
بىر ئايالنىڭ يۈرەك سۆزى


بىر ئايالنىڭ يۈرەك سۆزى


 

    . قەدىرلىكىم ، سىز تىرىشىپ پۇل تېپىڭ . پولىمىز ئازلىقىدىن بىز كۈنبويى ئۇنىڭ غېمىدە قايغۇرىدىغان ، كوپلىكىدىن باشقا ئاياللار تەڭ خەجلىشىپ بېرىدىغان دەرىجىدە بولۇپ قالمىسۇن .
    . ماڭا غەمخورلۇق قىلىڭ ، پىكىرىمگە ھۆرمەت قىلىڭ، مۇۋاپىق ئەركىنلىك بېرىڭ.
    . ئائىلەمدىكىلەرگە خۇددى ئۆز ئۆيىڭىزدىكىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ.
    . مەن سىزنىڭ كۈنىگە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ، يەنى ئەتتىگەن ئويغانغاندا ، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندا، كەچتە يېتىش ئالدىدا ماڭا: « سىزنى ياخشى كۆرىمەن » دېيىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
    . مېنىڭ مېجەزىم يوق چاغلاردا سىز دوختۇر بولۇپ پىشانەمنى تۇتۇپ، تىمپېراتورامنى ئۆلچەڭ، ماڭا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈڭ، پەقەت بولالمىغىنىمدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئەرلىك مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئۆتەڭ.
    . تۇغۇلغان كۈنلىرىمدە ، ئاياللار بايراملىرىدا ئىدارەمگە سوۋغا ئەۋەتىپ، بارلىق كىشىلەرگە سىزنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدۇرۇڭ.
    . بەزىدە كەيپىم ياخشى بولماي چېچىلىپ قالغىنىمدا مېنى باغرىڭىزغا بېسىپ ئاستا سۆيۈپ قويۇڭ.
    . مېنى ھەرگىز ئاغزىڭىزنى بۇزۇپ تىللىماڭ ، چۈنكى سىز ماڭا : « سىز مېنىڭ ئەڭ كۆيۈنىدىغان ئادىمىم » دېگەنىدىڭىز .
    . ۋاقتىڭىز يەتكەندە ماڭا بىرەر ۋاخ مەززىلىك غىزا تەييارلاپ قويۇڭ .
   . ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندە ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۆيگە قايتىڭ . خىزمەت مۇھىم ، مەن سىزنىڭ خىزمەتكە ئۆزىڭىزنى بېغىشلىشىڭىزغا قارشى ئەمەس ، ئەمما ئىشتىن چۈشكەندە ئائىلىڭىزنىمۇ ئويلاڭ .
   . كاماندىروپكىغا چىققىنىڭىزدا ، چاقىرغۇ ، يانفونلىرىڭىزنىڭ توكى قالمايدىغان ئەھۋالنىڭ سادىر بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن . بۇنداق چاغدا دائىم تېلېفون بېرىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مېنىڭدىن ئەھۋال سوراپ تۇرۇڭ.
   . ھەپتە ئاخىرى مەن بىلەن بىرلىكتە ئۆي ئىشلىرىنى قىلسىڭىز قانداق ؟ مەن سىزنىڭ مەن بىلەن مۇڭداشقاچ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن .
   . ماڭا مۇناسىۋەتلىك بەش چوڭ خاتىرە كۈننى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ ، يەنى : تۇغۇلغان كۈنۈمنى ، ئىككىمىز تۈنجى كۆرۈشكەن خاتىرە كۈننى ، توي قىلغان خاتىرە كۈننى ، ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمى ۋە « - مارت » ئاياللار بايرىمى قاتارلىقلارنى .
   . بەش چوڭ ئىشنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ ، ئۇلار : خانىمىڭىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان يېمەكلىك ، خانىمىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رەڭ ، خانىمىڭىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان گۈل ، خانىمىڭىز ئەڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدىغان ئەتىر ، خانىمىڭىز ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشا .
   . ھەر كۈنى ئاخشىمى مېنى سۆيگۈ پاراڭلىرى بىلەن ئۇخلىتىپ قويۇڭ .
   . كوچىلاردا چىرايلىق قىزلارغا ئۇچرىشىپ قالسىڭىز قاراپ قويسىڭىز بولىدۇ ، چۈنكى گۈزەللەرگە قاراش سۈننەت ، ئەمما ۋاقتى بەش سېكونتتىن ئېشىپ كەتمىسۇن ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ گۈزەللىكتە ماڭا يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتسىڭىز بولىدۇ .
  . مېنىڭ خېلى كۆپ ئارتۇقچىلىقلىرىم ۋە كەمچىلىكلىرىم بار ، بەزىدە بۇلارنى ئۆزۈممۇ ئېنىق بىلەلمەيمەن ، شۇڭا ئۇنى ماڭا دائىم ئۈنلۈك ئاۋازدا دەپ تۇرۇڭ .
  . بازارغا چىققاندا كىيىم - كېچەك ، زىبۇ زىننەت پۇكەيلىرىنى ئايلىنىشىمدىن بىزارلىق ھېس قىلماڭ ، چۈنكى سىزنىڭمۇ ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى ياكى تەنتەربىيە بۇيۇملىرى پۇكەيلىرىدە ئۇزاق ۋاقىت ھايال بولۇپ قالىدىغان چاغلىرىڭىز بولىدۇ .
  . مېنىڭ كۈندىلىك خاتىرەمنى ۋە مۇھەببەت مەكتۇپلىرىمنى ئوغرىلىقچە كۆرمەڭ . بۇلار سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز . بۇنىڭ ئۈچۈن بىئارام بولۇپمۇ يۈرمەڭ ، بۇ شۈبھىسىزكى ، ئۆزىڭىزنى ئازاپ دېڭىزىغا تاشلىغانلىقىڭىز خالاس.
  . مېنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈشۈمگە قارشى تۇرماڭ ، كۆز يېشى قىلسام مازاق قىلماڭ . چۈنكى سىز ياخشى كۆرىدىغان پۇتبول كوماندىسى ئۇتتۇرۇۋېتىپ سىزنىڭ كۆزلىرىڭىز قىزىرىپ كەتكەندە مەنمۇ مەسخىرە قىلمىغان ئىدىم .
  . ئۆزىڭىزچە نۇرغۇن قىزلارنىڭ ماڭا كۆڭلى بار ئىدى ، دەپ مېنىڭ ئالدىمدا كۆز - كۆز قىلماڭ . سىز ئۇدۇلىمىزدىكى يېڭى كۆچۈپ كەلگەن چىرايلىق قىزنى دائىم بالكونغا چىقىپ ماڭا قارايدۇ، دەپ چاقچاق قىلغانتىڭىز، كېيىن بىلسەم ، ئۇ قىزنىڭ كۆزى ئالغاي ئىكەن . بۇ ساۋاقنى يادىڭىزدا چىڭ ساقلاڭ .
  . خاتا ئىش قىلىپ قويسام كۆڭلۇم بەك يېرىم بولىدۇ . شۇنداق ۋاقىتلاردا سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن مېنىڭ خاتالىقىمنى تۈزۈتىشىمگە ياردەم قىلىڭ . سىزنىڭ دەريادەك كەڭ كۆڭلى - كۆكسىڭىز مەڭگۈ مېنىڭ پاناھلىنىدىغان ئارامگاھىمدۇر .
 ئاخىرىدا شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي:
   خانىمىڭىزنىڭ ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشى ھەرگىزمۇ يېتەرسىزلىك ئەمەس ، بەلكى گۈل گۈلىگە كەلگەنلىكتۇر؛
   خانىمىڭىزنىڭ قوپال گەپلىرى ئۇنىڭ تەربىيە كۆرمىگەنلىكى ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ تۈزلۈكى ھەم ئوماقلىقىدۇر؛
   خانىمىڭىزنىڭ يولسىزلىقى ئۇنىڭ زەھەر خەندىلىك بىلەن نەشتەر سانجىغىنى ئەمەس ، بەلكى ئەركىلەپ نازلانغىنىدۇر؛
   خانىمىڭىزنىڭ ئىقتىسادنى چىڭ تۇتقىنى ئۇنىڭ پىخسىق ، كۆزى كىچىكلىكى ئەمەس ، بەلكى ئائىلە ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشقا ماھىرلىقىدۇر.


 

مەنبە :  شىنجاڭ ئاياللار ژۇرنىلى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203