ئاتا ۋە ئانىلارنىڭ ئەدەپ_ئەخلاقى
ئاتىلارنىڭ ئەدەپ_ئەخلاقى
.پەرزەنتلىرىڭىزنى ئەڭ ياش ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيىلەڭ، ئۇلارنىڭ پاك قەلبىگە گۈزەل خۇلىق ئۇرۇقلىرىنى چېچىڭ، ئادەمگەرچىلىك ۋە مېھرىبانلىقنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈڭ. لازىم تېپىلسا بىر ئاز قاتتىق بولۇڭ.
. بالىلىرىڭىزنى ئۇرۇپ، بىھۇدە سۆزلەرنى قىلىپ دىلىنى رەنجىتمەڭ،ئۇلارنىڭ يېنىدا باشقىلارنى ھاقارەتلەيدىغان سۆزلەرنى قىلماڭ، ئەگەر بالىلىرىڭىزنىڭ بىرەر كىشى توغۇرلۇق ھاقارەت سۆزلىرىنى ئاڭلىسىڭىز، ۋاقتىدا تەنقىد بېرىڭ، بۇنداق سۆزلەرنى قىلىشنى چەكلەڭ، كىشىنى سۆكۈشنى ئۈگەنمىسۇن.
. بۇ دۇنيادا كىشىلەرنىڭ قەدىر _قىممىتىنىڭ پەقەت ئۆز غەيرەت_شىجائىتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى، ھەر كىم ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىشى كېرەكلىكىنى بالىلىرىڭىزغا بىلدۈرۈڭ. ھۇرۇنلۇق، باشقا كىشلەرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشنىڭ ناچار ئىللەت ئىكەنلىكىنى ئۇلارمۇ بىلسۇن.
. پايدىلىق مەقسەتلەرگە يېتىشتە بالىلىرىڭىزغا ياردەم بىرىڭ. زۆرۈر تېپىلسا، بۇ يولدا پۇلنى قىزغانماڭ.
. بالىلىرىڭىز ئۈچۈن مال_دۇنيا يىغىپ ئاسراپ يۈرمەستىن، بۇ نەرسىلەرنىڭ بالىلىرىڭىزنى تەربىيىلەشكە سەرپ قىلىڭ. پۈتمەس_تۈگمەس مىراسنىڭ گۈزەل تەربىيە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىڭ
. بالىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاش كۆرۈڭ. سوۋغات بەرگىنىڭىزدە ھەممىسىگە ئوخشاش بىرىڭ. بىرەرىگە يوشۇرۇنچە بېرىپ<مانى ئال، ئۇكىلىرىڭ كۆرمىسۇن&t; دېمەڭ، چۈنكى بۇنداق قىلىش بالىنى جەبرى، زۇلۇم، ئالداش، خىيانەت قىلىشقا ئۈگىتىدۇ. بالىنىڭ كۆڭلىگە بېخىللىق، ئۆز پايدىسىنىلا كۆزلەشتەك بۇزۇقلۇق ئۇرۇقىنى چاچىدۇ.
. بالىلىرىڭىز چوڭراق بولغاندا ئۆز ئىشلىرىڭىزنى، ھۈنەرلىرىڭىزنى ئۈگىتىڭ. كۈندىلىك تۇرمۇش قائىدىلىرىنى بىلدۈرۈڭ. ئۇلارمۇ جەمئىيەتنىڭ پايدىلىق ئەزاسى بولۇپ يېتىشسۇن. ۋاقتى كەلگەندە ئوغۇللىرىڭىزنى تەربىيە كۆرگەن ئائىلىنىڭ قىزلىرىغا ئۆيلەندۈرۈڭ.
. قىزلىرىڭىزنىمۇ ھەم شۇنداق تەربىيىلەڭ. ۋاقتى كەلگەندە، ياش جەھەتتىن ئۆزلىرىگە تەڭداش، تەربىيە كۆرگەن، ئەدەپلىك ئادەملەرگە بېرىڭ. ھەشەمەتلىك توي ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىڭ. ئوغۇل قىزلىرىڭىزغا بەرگەن گۈزەل تەربىيەلىرىڭىز، ھەشەمەتلىك توي، قالدۇرغان مىراسلاردىن مىڭ ئەۋزەلدۇر.
ئاياللارنىڭ ئەدەپ_ئەخلاقى
. بالىلىرىڭىزنى دىققەت_ئېتىبار بىلەن تەربىيىلەڭ،ياخشى پەزىلەت، گۈزەل ئەدەپ_ئەخلاقنى ئۈگىتىڭ، مىجەز_خاراكتېرنى گۈزەللەشتۈرۈڭ، باشتىن_ئاخىرى ئەقىل_ئىدراك بىلەن تەربىيىلەڭ
. بالىلىرىڭىز كۆپ بولسا سۆيۈنۈڭ، ئۇلارنىڭ يىغلىغانلىقى، شوخلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاچچىقلانماڭ، ئوچۇق چىراي بىلەن ئەركىلىتىپ نەسىھەت قىلىڭ.
. ئۇلارنى ئىسسىق سۇ بىلەن پات_پات يۇيۇپ تۇرۇڭ، ئاندىن ياخشىلاپ سۈرتۈڭ، ئۇلارنى قات-قات نەرسىلەر بىلەن ئورىماڭ، بەدىنىنى قىسىپ تۇرىدىغان تار، كىيىملەرنى كىيگۈزمەڭ، بۇنداق كىيىملەر بالىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
. بالىلار، تازا، پاك ھاۋاغا مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ياتىدىغان ئۆي خۇش ھاۋالىق بولىشىنى ئەستىن چىقارماڭ، زۆرۈر تېپىلمىغاندا ئۈستىگە قىلىن نەرسىلەرنى ياپماڭ.
. ئالتە ئايغىچە سۈتتىن باشقا ئۇزۇق بەرمەڭ، چىشى چىقىشتىن ئاۋال گۆش يىگۈزمەڭ، ھەرگىز تاماقنى ئۆزىڭىز چايناپ بەرمەڭ
. بالىنى ئېمىتىۋاتقان ۋاقىتتا سىزنىڭ سۈتىڭىزنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن، پىياز، سامساق قاتارلىق نەرسىلەرنى يىيىشتىن ساقلىنىڭ، بولۇپمۇ ئىسپىرتلىق نەرسىلەردىن قەتئىي ھەزەر ئەيلەڭ، بالىڭىزنىڭ ئەقلى سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
.بالىلارنى ھەددىدىن زىيادە ئەركە قىلىپ ئۆستۈرمەڭ. ھەممە نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئىختىيارغا تاشلاپ قويماڭ، گەپ ياندۇرۇشقا ئۈگەتمەڭ، سىز ياخشى بولسىڭىز ئۇلارمۇ سىزگە قارشىلىق قىلمايدۇ.
. يۈرەكلىك، قورقماس بولۇپ ئۆسۈشى ئۈچۈن ئۇلارنى قورقۇنچاق قىلىپ يېتىشتۈرمەڭ، بىمەنە گەپلەرنى قىلىپ قورقۇتماڭ.
« دانىشمەنلەر ئەدەپ-ئەخلاقى توغرىسىدا » ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |