ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئانىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئوغلىغا قىلغان ئاخىرقى سۆزى


ئانىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئوغلىغا قىلغان ئاخىرقى سۆزى


 

  بۇ خېلى يىللار بۇرۇنقى ئىش ئىدى . بۈگۈن بۇ ئىشىنى يەنە ئەسلەپ قالدىم . ئازغۇنلارغا ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن ماقالە قىلىپ يازدىم .
 بىر جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىدىغان بولغاچقا ، ئىجرا قىلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن رەھبەرلىك بىر قانچەيلەننى جىنايەتچىنى ئايرىپ كۆزىتىشكە ئورۇنلاشتۇردى . جىنايەتچى كۆزىتىش كامىرىغا ئېلىپ چىقىلغاندىن كېيىن كۆرۈشۈشكە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى كىردى . مەن ئاتىغا قارىدىم ، ئاتىنىڭ كۆزىدىن ياش تۆكۈلەتتى ... ئانىغا قارىدىم ، ئانىنىڭ چىرايىدا نە قايغۇرۇش ، نە ئېچىنىش ئالامەتلىرى يوق ئىدى . مەن بۇ ئانىنىڭ باغرى تاشمىدۇ ياكى بالىغا ئۆگەيمىدۇ ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم ، ئانا بالىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئولتۇردى ھەم ئانىلىق مېھرى بىلەن :
  _ بالام پۇشايمان قىلىۋاتامسەن ؟ ئادەم دېگەن شۇنداق نەرسە ، بەزىدە ھاياتى بىلەن ئوينىشىدۇ ، ھاياتنى قەدىرلىمەيدۇ ، پەقەت ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلگەندىلا ، ھاياتلىقنىڭ نەقەدەر قىممەتلىكىنى ھېس قىلىدۇ ، ئۇ چاغدا ئاللىقاچان كېچىككەن بولىدۇ . بىردەمدىن كېيىن بىز مەڭگۈلۈك ئايرىلىمىز . مەن سېنىڭ ياش تۇرۇپلا بۇ دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىڭغا ئېچىنىمەن . سەن قەتلە قىلغان كىشىمۇ ياش ئىدى ، شۇ چاغدا ئۇنىڭغىمۇ ئېچىنغان ئىدىم . بىلەمسەن ؟ شۇ قىلمىشىڭ ئۈچۈن ھازىرغىچە سەندىن نەپرەتلىنىۋاتىمەن ، سەن بىزنىڭ ئەجرىمىزنى ، مېھىر - مۇھەببىتىمىزنى دەپسەندە قىلىپلا قالماستىن ، ئاشۇ بىگۇناھنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئەجرى ، مېھرى - مۇھەببىتىنىمۇ دەپسەندە قىلدىڭ . شۇڭا جازالىنىشىڭ ھەقلىق . مەن سېنى تۇغدۇم ، ئىللىق مېھرىم ، ئاپئاق سۈتۈمدە بېقىپ چوڭ قىلدىم ، لېكىن سەن ...
  بولدى يىغلىما ياشاش ئارزۇيۇڭ بولسىمۇ ، ئەمدى ياشىيالمايسەن ، چۈنكى سەن ياشاش پۇرسىتىنى ئۆز قولۇڭ بىلەن ۋەيران قىلدىڭ . بۇنداق جازالانغانلىقىڭ ئۈچۈن قانۇندىن ئاغرىنما ، ئۆزۈڭگە نەپرەتلەن ، چىن ئىخلاسىڭ بىلەن جازانى قوبۇل قىل ، ساڭا بۇنىڭدىن باشقا يول يوق . بەلكى « ئانا ، ئاق سۈتۈڭنى ئاقلىيالمىدىم ، ساڭا چىدىغۇسىز ئازاپ ئېلىپ كەلدىم ، مېنى كەچۈرەرسەنمۇ ؟ ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا رازىلىق بېرەرسەنمۇ ؟ » دېيىشىڭ مۇمكىن . سەن پاك ، سەبى ۋاقتىڭدا مېنى ئەمدىڭ ، ئاپئاق سۈتۈم پاك تېنىڭگە سىڭگەن ، شۇڭا بەرگەن سۈتۈمگە رازى . بىراق جىنايىتىڭنى قانۇن كەچۈرەلمىگەندەك ، مەنمۇ كەچۈرەلمەيمەن . سەن قەلبىمىزدە ئۆچمەس داغ قالدۇردۇڭ . داداڭ ئىككىمىزنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىمىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلدىڭ ... كۆز دېگەن قەلبنىڭ ئەينىكى ، قانغۇچە قارىۋال ... - دېدى .
  مەن نۇرغۇن ئانىلارنى كۆرگەن ، ئەمما بۇنداق مەردانە ، قەيسەر ، سالماق ، ھاياتلىقتىكى ئەڭ ئېغىر ئەڭ قورقۇنچلۇق مىنۇتلاردىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان ، بىھۇدە ئازابلانمايدىغان ئانىنى تۇنجى كۆرۈشۈم ئىدى . پەرزەنتىگە كۆيمەيدىغان ئانا يوق . بۇ ئانىمۇ شۇنداق ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئىچ - باغرىنىڭ قانچىلىك كۆيۈۋاتقانلىقىنى شۇ ئانا ئۆزى بىلىدۇ ، ئەلۋەتتە .


 

« شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى » دىن ئېلىندى.

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203