ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
قاراڭ، قايسى خىل ئانا.....


قاراڭ، قايسى خىل ئانا.....


 

ئىسلام ئابدۇللا


 

  لەۋلىرىگە قىستۇرۇلغان تاماكىدىن چىققان ئاچچىق ئىسنى ئاسمانغا پۈۋلىگىنىچە ئولتۇرغان ئايالنىڭ قېشىدىكى تۆت ياشلىق سەبىي قىزچاق ئانىسىنىڭ قىلىقلىرىغا ئەجەپلىنىپ قاراپ ئولتۇراتتى.
  _ئاپا، يەۋاتقىنىڭىز نىمە؟ئوتى باركەنغۇ؟
  _  تاماكا،_پەرۋاسىز جاۋاپ بەردى ئانا.
  _ئۇنىڭدىن چىققىنى قانداق نەرسە؟
  _تاماكىنىڭ ئىسى.
  _ئاپا،ئىسنى يېسىڭىز ئىچىڭىز كۆيمەمدۇ؟
  _ياق كۆيمەيدۇ،دەرتنى ئالىدۇ.
  ھەي، مۇشۇمۇ  ئانا-ھەلەنەت...لەنەت....


 

  _ئاپا،ئاۋۇ ئويۇنچۇقنى ئالايلىچۇ؟
  _قىزىم،مەن سىزگە جىق ئويۇنچۇقلارنىڭ رەسىمى بار كىتاب ئېلىپ بېرەي بولامدۇ؟
 _كىتابنى نىمە قىلىمەن؟
  _ئوقۇيسىز.
  _ئوقۇپ نىمە قىلىمەن؟
  _ئوقۇپ بىلىم ئالىسىز.
  _بىلىم دېگەن نىمە؟
  _ئۇ ھاياتلىقنىڭ ئاچقۇچى.
  _ھە بىلدىم،كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئالىمەن.بىلىم ئېلىپ ھاياتنى ئاچىمەن شۇنداقمۇ؟
  _شۇنداق قىزىم.
    مانا بۇ تۆت ياشلىق قىزىنى يېتىلەپ كېتىۋاتقان يەنە بىر ئانا.
    نىمە دېگەن ئەقىللىق ئانا،پاساھەتلىك تەربىيە.ئاپىرىن......ئاپىرىن....


 

    ئارىدىن تالاي يىللار ئۆتتى.تاماكا ئىسىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان قىز بۈگۈنكى كۈندە تاماكىغا <<ئاق ئالۋاستى&t;&t;نى قوشۇپ سۈمۈرۈپ،ئۇمۇ يەتمىگەندەك گاھى چۈشكۈنلۈكنىڭ ۋاقىتلىق ھوزۇرىنى سۈرسە،گاھى ئىت كەبى خارۇ-زار بولۇپ يۈرەتتى.قولۇم-قوشنىلار ئۇنىڭدىن ۋابادىن قاچقاندەك قاچاتتى.ئانا بولسا زار-زار ياش تۆكۈپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قىزىغا يالۋۇراتتى.
  _جېنىم قىزىم، مۇشۇ كۈنلەردە نىمە ئىش قىلىپ يۈرىۋاتىسەن....
  _دەردىمنى چىقىرىۋاتىمەن،_ۋارقىرىدى قىز ئانىسىنىڭ گېپى تۈگىمەيلا.
  _دەرتلىرىڭنى ماڭا ئېيتقىن قىزىم،مەن سېنىڭ ئاپاڭغۇ؟دەرتلىرىڭگە دەرمان بولاي،ئۇ نىجىس ئىشلاردىن  ئۆزۈڭنى تارتقىن.
  _سەنمۇ دەردلىرىم دەپ مۇشۇ ئىشلارنى قىلغانغۇ؟ مەن دەردلىرىمنى تۆكەرگە ئادەم تاپالماي قالغاندا ،قايسى يولغا مېڭىشنى بىلەلمەي  تەمتىرەپ يۈرگەندە سەن نەدە ئىدىڭ؟ئارتۇق گەپ قىلماي ماڭا پۇل تېپىپ بەر.....
  _يۈرەكنى تىلغىغان بۇ گەپلەردىن بىچارە ئانا ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالدى.ھەي....
    ئۆرتىنىش،....ئۆرتىنىش....بۇلبۇللارمۇ ناۋا قىلماي خۇرسىنىشلار ئىچىدە ئېغىر تىنماقتا.


 

  _ئاپا،قانداقراق تۇردىڭىز؟بۈگۈن ئىشتىن كەچ يانغان،سىزدىن بەك ئەنسىرىدىم.كۆڭلىڭىز نىمە تارتىدۇ؟مەن ئېتىپ بېرەي.......
  _ۋاي جېنىم قىزىم،مەندىن ئەنسىرىمەي خاتىرجەم خىزمىتىڭىزنى قىلىڭ،سىز ياخشى كۆرىدىغان قاتلىما پۇشۇرۇپ قويدۇم.تېز يەۋېلىڭ.
  _ۋاي جېنىم ئاپا،تاماق ئەتمەي ياخشى ئارام ئالسىڭىز بولمامدۇ؟رەھمەت سىزگە،كېلىڭ بىللە يەيلى.
  _ماقۇل قىزىم،بىللە يەيلى.قىزىم،سىز ئوقۇتقۇچى،ۋەزىپىڭىز ئېغىر،قۇۋۋەتلىك يېمىسىڭىز بولمايدۇ،شۇڭا كۆپرەك يەڭ.
  _رەھمەت ئاپا.
  نىمىدېگەن گۈزەل ھايات،مەنىلىك تۇرمۇش......


 

مەنبە:<<شىنجاڭ ئاياللىرى&t;&t;ژۇرنىلى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203