ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
بىر يىگىتنىڭ ئۆزى توغرىسىدىكى بايانى


بىر يىگىتنىڭ ئۆزى توغرىسىدىكى بايانى


 

ئون ياشتىن بۇرۇنقىنى دىمەيلا قوياي، ئۇ ۋاقىتلاردىكى ئىشلار پەقەت كەپسىزلىك ۋە ئىش ئۇقماسلىقتىنلا ئىبارەت.
ئون ئۈچ، ئون تۆت ياش ۋاقىتلىرىمدا قىزلارغا قارىتا قىزىقىش پەيدا بولۇشقا باشلىدى، ئەمما قىزلاردىن يىراق تۇراتتىم. ئۆزۈمدە قىزلاردىن بىزار بولۇش ھېسسىياتى بار ئىدى. قىزلارغا يېقىنلاشسام جىنىسداشلىرىمنىڭ مازاق قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم.
ئون بەش ياش ۋاقتىمدا باشقىلارنىڭ پالانچى يىگىت بەك سۇيۇقكەن، قىز دوستىنى تاشلىۋىتىپتىكەن، قىز دوستى ئۆلىۋاپتۇ دىگەنلىرىنى ئاڭلىسام، ئۇ يىگىتنى ناھايىتى قەبىھ ئىكەن دەپ ئويلايتتىم، ھەمدە چوڭ بولغاندا چوقۇم بىر مەجنۇن يىگىت بولۇپ، بىر ئۆمۈر بىرلا قىزنى سۆيۈپ ئۆتىمەن دىگەننى كۆڭلۈمگە پۈكەتتىم.
ئون ئالتە ياش ۋاقتىمدا بىر قىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم، ئەمما ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپلا تۇراتتىم. يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۈستى-بېشىم مەينەت ھالدا كۆمۈر ئۇۋاقلىرى تۆكۈلگەن مەيداندا پۇتبول تىپەتتىم. ئۇ قىزنىڭ دەرۋازىدىن چىقىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرسەم ئىككىنچى قەۋەتتىكى دەرىزىنىڭ يېنىغا چىقىپ يوشۇرۇنچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇراتتىم. كۆڭلۈمدە ئۇنى چوقۇم بىر پەرىشتە دەپ پەرەز قىلاتتىم.
ئون يەتتە ياش ۋاقتىمدا بىر قىز مىنى ياقتۇرۇپ قاپتۇ، ئەمما مەن ئۇ قىزدىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم. كۆڭلۈمدە ياخشى كۆرگەن قىزدىن باشقا قىزلارغا قاراشمۇ ئۇنىڭغا قىلىنغان ساداقەتسىزلىك دەپ ئويلايتتىم.
ئون سەككىز ياش ۋاقتىمدا بىر V كۆرۈپ، تەسىرلەنگىنىمدىن يىغلاپ تاشلىغىلى تاس قالغان ئىدىم. كۆڭلۈمدە ئەگەر مەن ياخشى كۆرگەن قىز كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسا مەنمۇ ئەر باش قەھرىمانغا ئوخشاش ئىككىلەنمەي، كۆزۈمنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىپ ئۇنىڭغا يۇرۇقلۇق ئاتا قىلاتتىم دىگەنلەرنى ئويلىدىم.
ئون توققۇز ياش ۋاقىتىدا ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتىم. پويىزغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە ماڭغۇچە، ئۆزەمنىڭ يۇشۇرۇن ياخشى كۆرگەن قىز بىلەن بارغانسېرى يىراقلىشىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئەمما كۆڭلۈمدە بولسا مەن ھەرگىز ئۇنى ئۇنتۇپ قالمايمەن. بىر كۈنى مۇۋاپىقىيەت قازانسام چوقۇم كېلىپ ئۇنى ئىزدەيمەن دىگەنلەرنى ئويلىدىم.
يىگىرمە ياش ۋاقتىمدا بىرسىنىڭ سېرىق يۇمۇرىنى ئاڭلاپ، بۇ كىشىنى ناھايىتى نومۇسسىز ئىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم.
يىگىرمە بىر ياش ۋاقتىمدا ئۇنىڭ خېتىدىن ئۇنىڭ باشقا ئوغۇل بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى بىلىپ، بىر ئاخشام ئوغۇرلۇقچە يىغلىدىم.
يىگىرمە ئىككى ياش ۋاقتىمدا بىر قىزغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلدىم. قىز: <سىز ياخشى يىگىت، ئەمما مەن تېخى كىچىك&t; دەپ جاۋاب بەردى. مەن ئۆزۈمنى راستىنلا ياخشى يىگىت دەپ ئويلىدىم. <مەن سىزنى ساقلايمەن&t; دىدىم ئۇنىڭغا. كۆڭلۈمدە بولسا مەن باشقا سۇيۇق يىگىتلەرگە ئوخشىمايمەن. ئۇنى تۆت-بەش يىل بولسىمۇ چوقۇم ساقلايمەن دەپ ئويلىدىم.
يىگىرمە ئۈچ ياش ۋاقتىمدا ئۆزىنى تېخى كىچىك دىگەن قىز باشقا بىر چىرايلىق يىگىت بىلەن مۇھەببەتلەشتى. بۇنى بىلىپ ناھايىتى ئىچىم سىقىلدى. ئەسلى قىزلار مۇشۇنداق تىز چوڭ بولىدىكەندە.........
يىگىرمە تۆت ياش ۋاقتىمدا يەنە بىر قىزغا تەلەپ قويدۇم. <سىز بىر ياخشى يىگىت، ئەمما سىز ماڭا ماس كەلمەيسىز.&t; دىدى قىز. ئىچىم سىقىلدى، مەن بىر ياخشى يىگىت تۇرۇپ قانداقسىگە ئۇنىڭغا ماس كەلمەيمەن.
يىگىرمە بەش ياش ۋاقتىمدا يەنە بىر قىزنى قوغلاشتىم. ئۇ مىنىڭ مۇھەببىتىمنى قوبۇل قىلدى. مەن بەخىتلىك كەلگۈسىمىز ئۈچۈن كۆرۈش قىلىشقا باشلىدىم. مەن كۆڭلۈمدە بىر مەزگىللىك خۇشاللىق ۋاقىتلىق بولىدۇ، پەقەت مەن توختىماي تىرىشساملا ئىككىمىز كەلگۈسىدە خۇشال، بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز دەپ ئويلايتتىم. ئەمما يىرىم يىلدىن كىيىن  قىز ماڭا ئايرىلىش تەكلىۋىنى قويدى. سەۋەبى پەقەت يەنە بىر يىگىت ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالىدىغان گەپلەرنى قىلىشنى بىلەتتى. < سىز بىر ياخشى يىگىت، مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن&t; دىدى ئۇ قىز. مەن مەسىلىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم. مەسىلە دەل مىنىڭ ياخشى يىگىت بولغانلىقىمدا ئىدى.
يىگىرمە ئالتە ياش ۋاقتىمدا چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىشقا باشلىدىم، توردا دوستلاشتىم. مودا كىيىملەرنى كىيىىپ يۈردۈم. ئاستا-ئاستا قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئالدىغان گەپلەرنى ئۆگەندىم.  ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قىز دوستۇم بار بولدى. گەرچە ئۇ ماڭا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلسىمۇ، ئۆزۈمگە ئېنىق ئىدى، مەن ئۇنى قىلچىمۇ ياخشى كۆرمەيتتىم.
يىگىرمە يەتتە ياش ۋاقتىمدا ئۇ قىز بىلەن ئايرىلىپ كەتتىم. <سىز بىر ياخشى قىز، مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن&t; دىدىم ئۇنىڭغا.
يىگىرمە سەككىز ياش ۋاقتىمدا بىر كېچىلىك مۇھەببەتنىڭ تەمىنى تېتىدىم. ھەمدە باشقىلار قىلالىغاننى مەنمۇ قىلالايدىغانلىقىمنى بايقىدىم.
يىگىرمە توققۇز ياش ۋاقتىمدا سېرىق يۇمۇرلارنى ئېيتىشنى ئۆگەندىم. ھەمدە يېنىمدىكى قىزنىڭ يۈزلىرىنىڭ قىزىرىشىدىن ھوزۇر ئالىدىغان بولدۇم.
ئوتتۇز ياش ۋاقتىمدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، گەرچە مەن قىزلارنى كەلتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ يېتىشىپ چىققان بولساممۇ، ئەمما مەندە قىزلارنى چىن دىلدىن سۆيەلەيدىغان يۈرەك قالمىغان ئىدى.
قىزلارغا شۇنى دەپ قوياي؛
ئەسلىدە ھەرقانداق بىر يىگىت،  پۈتۈن مۇھەببىتىنى بىرلا قىزغا بېغىشلاشنى ئويلايدۇ.
ئەسلىدە ھەرقانداق بىر يىگىتنىڭ ئېتىبار بېرىدىغىنى قىزلارنىڭ كۆكسى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ چىرايى.
ئەسلىدە ھەرقانداق بىر يىگىت بۇرۇندىنلا سېرىق يۇمۇر سۆزلەشنى بىلمەيدۇ.
ئەسلىدە ھەرقانداق بىر يىگىت مەڭگۈلۈك سۆيگۈگە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203