كومپيۇتېر ۋە ئەرلەر
كومپيوتېر ئادەم مېڭىسىگە تەقلىدى قىلىنغان ئۈسكۈنە بولغاچقا، نۇرغۇن مىجەزلىرى ئادەم مىجەزىگە ئوخشىشىپ قالىدۇ، بولۇپمۇ ئەرلەرگە
ۋىرۇس تىپىدىكى ئەرلەر:
سىز مەيلى ياخشى كۆرۈڭ-كۆرمەڭ، ھامان چاپلاشقىنى چاپلاشقان. ئۇنىڭدىن قۇتۇلماقچى بولسىڭىزمۇ نۇرغۇن نەرسىلىرىڭىزدىن ئامالسىز ۋاز كېچىسىز.
مۇلازىمەت بېكىتى تىپىدىكى ئەرلەر:
سىز ئۇنىڭغا موھتاج بولغاندا، ئۇ ھامان ئالدىراش بولىدۇ.
indos تىپىدىكى ئەرلەر:
ئۇنىڭ نۇرغۇن كەمچىلىكى بولسىمۇ،ئۇنىڭسىز ياشىيالمايسىز.
poerpointتىپىدىكى ئەرلەر:
ئەگەر بۇنداق ئەرنى تاپماقچى بولسىڭىز،چۈشىڭىزدىن ئويغانماڭ.
eelتىپىدىكى ئەرلەر:
گەرچە ئۆز خىزمىتىدە ئەلا بولسىمۇ،باشقا ساھەدە چوڭ رولى بولمايدۇ.
ordتىپىدىكى ئەرلەر:
ھەر قاچان سىزنى ھەيران قالدۇرالايدۇ.لېكىن ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ نامايەن قىلالايدىغان ئايال بولمايدۇ.
قاتتىق دىسكا تىپىدىكى ئەرلەر:
كۆرگەنلىكى قىزنىڭ ھەر قاندىقىنى ئېسىدە تۇتالايدۇ.
مائۇس تىپىدىكى ئەرلەر:
پەقەت تارتۇشقۇلاپ تۇرۇپلا ئىشقا سالغىنى بولىدۇ.
ئېلخەت تىپىدىكى ئەرلەر:
سىز ئاڭلىغان ئون ئېغىز گېپىنىڭ توققۇزى كۆپتۈرۈلگەن ئېلاندىن ئىبارەت.
ئائىلە كومپيۇتېرى تىپىدىكى ئەرلەر(تورغا چېتىلمىغان):
بۇنداق ئەرلەر ئۆيدىلا ئولتۇرىدۇ،ھەممە ئىشنى ئايالىنىڭ تاپشۇرغىنى بويىچە بېجىرىدۇ.لېكىن ئۇداۋاملىق ئۆيدىلا بولغاچقا يېڭىلىق بولمايدۇ دە سىزنى بىردەمدىلا زېرىكتۈرىدۇ.
ئائىلە كومپىيوتىرى تىپىدىكى ئەرلەر(تورغا چېتىلغان):
بۇنداق ئەرلەر پات-پات سىرىتقا چىقىدۇ،لېكىن ئۇ ئەرنى باشقۇرۇش ھۇقۇقى ئايالىدا بولىدۇ.ئايالى بار دىگەن يەرگە بارىدۇ،كەل دىگەن ۋاقىتتا كېلىدۇ.بۇ ئەرلەر ئائىلە كومپىيوتىرى تىپىدىكى ئەرلەر(تورغا چېتىلمىغان)غا قارىغاندا بىرقەدەر ئەركىنرەك بولىدۇ.
ۋاڭبا كومپىيوتىرى تىپىدىكى ئەرلەر:
بۇنداق ئەرلەر قىلىمەن دىگىنىنى قىلىدۇ.لېكىن ئۇ يەنىلا باشلىقىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ.
خاتىرە كومپىيوتىرى تىپىدىكى ئەرلەر:
بۇنداق ئەرلەرنى جاھان كېزىپ سودا قىلىدىغان سودىگەرلەر گە ئوخشاتساق بولىدۇ.
مەنبە : تەرمىلەر ژورنىلى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |