ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ھاراقكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئېلانى


ھاراقكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئېلانى


 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھۆرمەتلىك مېھمانلار ھازىر سىلەرگە ھاراقكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالاھىدە ئېلانىنى ئاڭلىتىمىز :
 جاھانغا داڭلىق زابۇيلار ھەسسىدارلىق شىركىتى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان « شىركەيىپ » ماركىلىق ئالىي ھاراقنى ئىچسىڭىز سىزنى دوزاخقا بېلەتسىز باشلاپ بارىدۇ . دۇنياغا داڭلىق ئېچىتقۇ مۇتەخەسىسى شەيتان ئەپەندى باشچىلىقىدا زابۇيلار ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ ئۈلپەتلەر سېخىدا ئىشەك سۈيدۈكى خام ئەشيا قىلىنىپ ئىشلەنگەن . بۇ ئالىي ھاراقتىن گىرام ئىچسىڭىز ياتلارنى ئۆزلەشتۈرىدۇ ، گىرام ئىچسىڭىز گاچىلارنى سۆزلىتىدۇ، گىرام ئىچسىڭىز دۈشمەنلەرنى ياراشتۇرىدۇ ، گىرام ئىچسىڭىز يېقىن دوستلارنى تالاشتۇرىدۇ . بىر جىڭ ئىچسىڭىز ئەتىسى سولاشتۇرىدۇ. بىكارغا ئىچسىڭىز ئىچىلىۋېرىدۇ ، پۇلغا ئىچسىڭىز ئېچىشتۇرىدۇ ، ئىچمىگەندە يىتىمنىمۇ سوقمايسىز ، ئىچىۋالسىڭىز پادىشاھتىنمۇ قورقمايسىز .
 بۇ ھاراقنىڭ يەنە مۇنداق ئالاھىدىلىكلىرىمۇ بار :
 شوپۇرلار ئىچىۋالسا يولدىكى قۇرۇت قۇڭغۇزلارغىمۇ سىگنال بېرىپ ماڭىدۇ ، دوختۇرلار ئىچىۋالسا ئوكۇلنى ئوقيا قىلىپ ئاتىدۇ ، باشلىقلار ئىچىۋالسا پۇقراغا ھۆركىرەيدۇ، پۇقرالار ئىچىۋالسا خوتۇنىغا ھۆركىرەيدۇ . ياغاچچىلار ئىچىۋالسا ئىشتانغا دەزمال سالدىم دەپ رەندە سالىدۇ ، موزدۇزلار ئىچىۋالسا كالاچقا نال قاقىدۇ ، سەيپۇڭلار ئىچىۋالسا ساق ئىشتاننىمۇ ياماپ قويىدۇ .
 يېتىلىۋاتقان ياش ھاراقكەش تولغىما ئۇسۇل چولپىنى مەيقۇلنىڭ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىجراسىدىكى سىرلىق تۇمان دىگەن ناخشىسىدىن ئىلھام ئېلىپ ئۆزگەرتىۋالغان مۇنۇ ناخشىنى كەڭ زابۇيلارنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جالاقلاپ تۇرماقتا :


 

چىقتىم ئۆيدىن كەچتە خوتۇن كوتۇلدىماستا ،
كەيىپداشنىڭ بوتكىسىغا شۇڭغۇدۇم ئاستا .
ئاتا ئانام بىساتىنى ئوغۇرلاپ ساتتىم ،
مېھرى ئىللىق شۇ بوتكىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم ،


 

چىرماپ ئالدى ۋۇجۇدۇمنى تاماكا تۇمانلار ،
چېچىلىپ چۈشتى چالا يىيىلگەن گازىر خاسىڭلار ،
ئاھ ئوڭشالسام يېتىپتىمەن ئېرىق ئىچىدە ،
 گويا سازلىق پاقىسىدەك پاتقاق ئىچىدە ،


 

قېنىۋالاي دىدارىڭغا رومكام قېنىسەن ؟
ئەمدى خوتۇن تىللىسا قانداق قىلارمەن ؟
ۋاتىلدارمۇ خوتۇن يەنە ئانام قوشۇمچە ،
ئۆتەرمىكىن مەڭگۈ شۇنداق كوتۇلدىغىنچە .


 

 ب د ت ھاراقكەشلەر مەھكىمىسى تەرىپىدىن تېگى يوق رومكا دەپ شەرەپلىك نام بېرىلگەن قەھرىمانىمىز مەسقۇلنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئىككى كۇبلېت شېئىرى شىۋىتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن - ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ سالامەتلىككە جەڭ ئېلان قىلىش ھەرىكىتى دەپ ئېلان قىلىندى ۋە بۇ ئەسەرگە نوبېل تۈكۈرۈك مۇكاپاتى بېرىش قارار قىلىندى .


 

 پۈتۈن دۇنيا ئۇنتۇلار شۇئان ،
 مەي سۇنغاندا ساقىي خوش قىلىپ .
 قول ئۈزمەيمەن مەيدىن مەڭگۈگە ،
 ياندۇرساممۇ قاتتىق ھۆ قىلىپ .


 

 مېنى كۈتكىن چوقۇم قايتىمەن ،
 شىشىلەرنى قالدۇرۇپ قۇرۇق .
سەسكەنمەستىن يۆلەپ قويۇڭلار ،
 يېتىپ قالسام ئىچىدە قۇسۇق .


 

بارلىقىنى ھاراققا بېغىشلىغان قاۋاقخانا ئىشىكىنى بىر ئۆمۈر پەرۋانىدەك ئايلانغان بىر پېشقەدەم زابوي ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ھاياتىدىن مۇنداق خۇلاسە چىقاردى .


 

رومكىدا شەرت قىلىپ نەپسىمنى كۆپ قىينىدىڭ ھاراق ،
يانچۇقۇمنى قۇرۇقداپ موچەنگە خار قىلدىڭ ھاراق ،
ھەممىدىن كەچتىم كەيپىڭنى كۆردۈما....
ھالىم بۈگۈن  ياقا يىرتىق يۈز كۆز ئىششىق بىر لالما ئىت قىلدىڭ ھاراق ،
ئىچتىما تويماي سېنى ھەر كۈنى چۈشلىرىمنى ھەم يەنە ،
قىلدىڭ ئاخىر پۇتنى غىلدىڭ باشنى گىلدىڭ ھاراق .
توشقاننى يولۋاس قىلار كەيپىڭنىڭ زورلىقىدىن ،
كۈندۈزدىمۇ تارتىنماي يولغا سىيەر قىلدىڭ ھاراق ،
بىر ئۆمۈر ئىچىپتىمەن سەندىن تاپمىدىم ھىچ شىپا ،
توۋا ئىنساپ دىيانەتكە مەڭگۈلۈك قەرز قىلدىڭ ھاراق.


 

مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى بولغاچقا بۇ ھاراق ھەممىلا يەردە قىزغىن قارشى ئېلىنىپ كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن ئىشەك سۈيدۈكى دىگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى . شەيتاننىڭ شەپقىتىگە ئېرىشىپ دوزاقنىڭ كىرمەكچى بولسىڭىز « شىركەيىپ ماركىلىق » ئالىي ھاراقنى ئىچىڭ . بۇ ھاراق سىزنى دوزاققا باشلاپ بارىدىغان ئەڭ ياخشى يول باشلىغۇچىڭىز بولالايدۇ . شەھرىڭىزدىكى ماگىزىنلاردا ئوچۇق ئاشكارە سېتىلىدۇ .
  خەلقئارادىكى توپ تارقىتىش ئورنى : بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇندا كۆلچىگى
ئالاقىلاشقۇچى : شەيتان ........تېلېفۇن نومۇرى :ياۋ سەن با ئىزدىسىڭىز مەن با ، ئىچكەن ھارىقىڭىزنىڭ گىرام سانىغا گىرادۇس سانىنى كۆپەيتىڭ.


 

مەنبە:قومۇل گېزىتى
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203