پادىشاھ نۇشىرۋان ئادىلنىڭ سوئاللىرى ۋە ۋەزىرنىڭ جاۋابى
بىر كۈنى نۇشىرۋان ئادىل ۋەزىرى بۇزۇر جۇمھىر بىلەن يالغۇز قالدى .
-سەن،-دېدى نۇشىرۋان ۋەزىرگە،-ئەقىل ۋە ھېكمەتتە زاماننىڭ داناسىسەن،شۇڭا مەن سەندىن ھاياتنىڭ سىرى ئۇستىدە ئەللىك سۇئال سورىماقچىمەن، تەخىر قىلماي جاۋاپ بەرگەيسەن.
_قۇللۇق،_ دېدى ۋەزىر،_ ئاللا پىكىرىمگە جاۋاپ سالماقنى نېسىپ قىلغاي
ئەلقىسسە ،نۇشىرۋان سوئالىنى باشلىدى ، بۇزۇر جۇمھىر جاۋاپ بەردى .
سۇئال : خۇدايتالادىن نېمە تىلىمەك كېرەك ؟
جاۋاپ :ياخشىلىق ۋە ئىككىلا دۇنيادا ئافىيەتمەند لىك .
سۇئال :سۈلۈك نېمىدۇر ؟
جاۋاپ :خۇدانىڭ ئەمىرنى تۇتماق ۋە بەندىلەرگە شەپقەت قىلماق .
سۇئال : ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزمەك كېرەك ؟
جاۋاپ :خوشاللىق ۋە كەم ئازارلىق بىلەن .
سۇئال :ئۆمۈرنى قايسى كەسىپكە سەرپ قىلماق ؟
جاۋاپ :تەھسىلى ئىلىمگە (ئىلىم ئالماققا ) .
سۇئال :ئىلىمنىڭ نەتىجىسى نېمىدۇر ؟
جاۋاپ :ئىلىم ئوقۇغۇچى كىچىك بولسا ، ئۇلۇغ بولغاي، كەمبەغەل بولسا ، باي بولغاي.
سۇئال :توغرا يول نىمە بىلەن مەلۇم بۇلۇر ؟
جاۋاپ :ئىلىم نۇرى بىلەن .
سۇئال :دۇنيا دەپ نېمىگە ئېيتىدۇ ؟
جاۋاپ :ئاخىرەتكە يارىمىغان ھەر قانداق نەرسىنى .
سۇئال :سۇلۇك يولىنىڭ روشەنلىكى نېمە بىلەن بۇلۇر ؟
جاۋاپ :نەپىسكە غالىپ كەلمەك بىلەن .
سۇئال :قانداق تەبىر بىلەن نەپىسكە غالىپ كەلگىلى بولىدۇ ؟
جاۋاپ : ئۇنىڭ تەتۈرىگە ماڭماق بىلەن .
سۇئال :ھەممىدىن بۇرۇن كىمگە ياخشىلىق قىلماق كېرەك ؟
جاۋاپ : ئاتا ۋە ئانىنىڭ ھەققىگە .
سۇئال :كىمگە يامانلىق قىلماق كېرەك ؟
جاۋاپ :ئۆز نەپسىگە .
سۇئال :خۇدانىڭ خوشلۇقى نېمە بىلەن ھاسىل بۇلۇر ؟
جاۋاپ :ئاتا ۋە ئانىغا خىزمەت قىلماق بىلەن .
سۇئال : قايسى ياخشىلىق خۇدانىڭ ئالدىدا مەقبۇلدۇر ؟
جاۋاپ :ئاتا-ئانا ، پەرزەنت ۋە قېرىنداشلىرىغا قىلغان ياخشىلىق .
سۇئال : قايسى يامانلىق خۇدانىڭ ئالدىدا مەزمۇمدۇر ؟
جاۋاپ :پەرزەنتلىرىگە دۇئايى بەد قىلماق ۋە ئاجىزلارغا زۇلۇم يەتكۈزمەك .
سۇئال :بەختىيار كىشىنى قانچە دەلىل بىلەن تونۇغىلى بولغاي ؟
جاۋاپ :ئۈچ دەلىل بىلەن : بىرىنچى ، ئىلىم تەلەپ قىلماق . ئىككىنچى، ساخاۋەتلىك بولماق . ئۈچىنچى،ئۇچۇق يۈزلۈك بولماق ۋە كۈلۈمسىرەپ تۇرماق .
سۇئال :ھەممە ئىشنىڭ ياخشىراقى نېمە ؟
جاۋاپ : ئالىملار ۋە دانىشمەنلەر بىلەن سۆھبەتتە بولماق ۋە ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىرىدىن بەھىر ئالماق .
سۇئال :ئارىپ كىشىنىڭ دەلىلى نېمىدۇر ؟
جاۋاپ :باشقىلارغا ئازار بەرمەك پىكىردە بولمىسا .
سۇئال :كەم ئازارلىق قانداق ھاسىل بۇلۇر ؟
جاۋاپ :ھەممە جانلىقلاردىن ئۆزىنى كەم ۋە ناچار بىلمەك بىلەن .
سۇئال :بۇ خىسلەت قانداق ھاسىل بۇلۇر ؟
جاۋاپ :ئالىم ۋە دانىشمەنلەر سۆھبىتىنىڭ بەركىتىدىن .
سۇئال :يوقسۇزلۇقتا نېمىنى ئىختىيار قىلماق كېرەك ؟
جاۋاپ :خۇدانىڭ رازىلىقىنى .
سۇئال :خۇدانىڭ ئىبادىتىگە كۆڭۈل نىمە بىلەن مايىل بۇلۇر ؟
جاۋاپ :ئۆلۈمنى يادلىماق بىلەن .
سۇئال :كۆڭۈل نېمە بىلەن قاراڭغۇ بۇلۇر ؟
جاۋاپ :دۇنيا مېلىنىڭ مۇھەببىتى بىلەن .
سۇئال :كۆڭۈل نېمە بىلەن روشەن بۇلۇر ؟
جاۋاپ :دۇنيا مېلىنى دوست تۇتماسلىق بىلەن .
سۇئال :دۇنيادا تۇرماقلىق نېمىگە ئوخشايدۇ ؟
جاۋاپ :بىر مۇساپىر بىر سارايغا چۈشۈپ ، كېچىنى ئۆتكۈزۈپ ،تاڭ ئاتقاندا كۆچكەنگە .
سۇئال :كىشىگە جاندىن ئېزىزراق نېمە بار ؟
جاۋاپ :دىندار كىشىگە ئىمان ، دىنسىز كىشىگە ئاقچا .
سۇئال :كىشىنىڭ ياخشىلىق ۋەيامانلىقىدىن قانداق خەۋەردار بولماق كېرەك ؟
جاۋاپ : مۇئامىلە بىلەن .
سۇئال :قايسى سۆز راست بولسىمۇ يالغان تۇيۇلىدۇ ؟
جاۋاپ : ياشلىقتىكى كۈچ -قۇدرەتنى قېرىغاندا سۆزلىمەك ۋە بايلىق راھەتنى كەمبەغەللىكتە ھېكايە قىلماق .
سۇئال :دوستنى قانداق چاغدا سىنىغىلى بۇلغاي ؟
جاۋاپ :ھاجەت چۈشكەن چاغدا .
سۇئال : يامان پەرزەنت نېمىگە ئوخشايدۇ ؟
جاۋاپ :گويا ئالتىنچى بارماققا ، ئۇنى كەسسە ئاغرىيدۇ ،كەسمىسە ئەيىپ .
سۇئال :ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك پەرق بار ؟
جاۋاپ :ئاسماندىن يەرگىچە ، ئاسماندىن ياغمىسا ، يەردىن كۆكەرمىگەي .
سۇئال :مۇساپىرلىق ياخشىمۇ ياكى مۇقىملىق .
جاۋاپ :مۇساپىرلىق ئېقىن سۇغا ئوخشىسا ،مۇقىملىق توختام سۇغا .
سۇئال :گۇناھنىڭ داۋاسى نېمىدۇر ؟
جاۋاپ :تۆھمەت قىلماق .
سۇئال :دۆلەتمەن كىشىگە قايسى ئەمەل ياخشى ؟
جاۋاپ :موھتاجلارغا نان بەرمەك ۋە مېھمانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلماق .
سۇئال :نېمىنى كۆپ يادلىماق كېرەك ؟
جاۋاپ :ئاللانىڭ نامى بىلەن ئۆلۈمنى .
سۇئال :رىزىق نېمىدۇر ؟
جاۋاپ :ساڭا يەتكەن ھەر قانداق نەرسە .
سۇئال :قانداق كىشنى نەگىلا بارسا كىشلەر دوست تۇتىدۇ ؟
جاۋاپ :ئەدەپلىك كىشىنى .
سۇئال :ئۇيقۇ ياخشىمۇ ياكى ئويغاقمۇ ؟
جاۋاپ :زالىمغا ئۇيقۇ ياخشى ، ئادىلغا ئويغاق .
سۇئال :ئۇ قانداق كىشىدۇركى يۈزلەپ ئەيىبى بولسىمۇ ،كىشىلەر ئۇنى ئەيىب قىلمىغاي ؟
جاۋاپ : سېخىي كىشى .
سۇئال :قانچە نەرسە قايغۇنى يوقاتقاي ؟
جاۋاپ :ئىككى نەرسە ،بىرى مۇۋاپىق رەپىق ،يەنە بىرى سادىق دوستنى كۆرمەكلىك .
سۇئال :ئاقىل كىشى كىمدۇر ؟
جاۋاپ :دۇنيانىڭ ئېگىز -پەسلىكىدىن كۆڭلىنى يېرىم قىلمايدىغان كىشى .
سۇئال :ئالىي ھىممەت كىشى كىمدۇر ؟
جاۋاپ :ئاخىرەت نېمىتىنى دۇنيا نېمىتىدىن ئايرىغان كىشى .
سۇئال :قايسى كېسەلدۇركى ، تىۋىپ ئۇنىڭ ئىلاجىنى قىلىشقا ئاجىز كەلگەي ؟
جاۋاپ :ئەخمەقلىق ۋە ئەبلەخلىق .
سۇئال :قايسى ئىشنى قىلماق بىلەن جاھان ئەھلىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ ؟
جاۋاپ :دوستلارغا مېھرىبان بولماق ۋە دۈشمەن بىلەن چىقىشماق بىلەن .
سۇ ئال :تىرىكلىكتىن ياخشىراق ، ئۆلۈمدىن يامانراق نېمىدۇر ؟
جاۋاپ :تىرىكلىكتىن ياخشىراق نەرسە _ياخشى نامدۇر ، ئۆلۈمدىن يامانراق نەرسە _ بەتنام (يامان نام ) دۇر.
سۇ ئال :ھەممە ئەمىرلەرنىڭ ئىچىدە قايسى بىرى ياخشى ؟
جاۋاپ :ئاللانىڭ رازىلىقى .
سۇ ئال :تەننىڭ ساقلىقى نېمە بىلەن بۇلۇر ؟
جاۋاپ :ھەقىقى ئىشتىھا قوزغالغاندا تاماق يىمەك ،ۋە ئىشتىھاسى بار تۇرۇپ تاماقتىن قول يىغماقلىق بىلەن .
سۇ ئال :دوست كىمدۇر ؟
جاۋاپ :ئەيبىڭنى يۇشۇرۇپ ئارتۇقچىلىقىڭنى ئاشكارىلىغان كىشى .
سۇ ئال :ئىنسان قايسى ئەمەلنى قىلماق بىلەن ھەممە كۆڭۈللەرگە ياققاي ؟
جاۋاپ :راست مۇئامىلە قىلماقلىق ۋە كۈلۈمسىرەپ تۇرماقلىق بىلەن .
سۇ ئال :دۇنيا نېمەتلىرىدىن قانچىسى ياخشىراقتۇر ؟
جاۋاپ :بىرى ياراملىق پەرزەنت ،ئىككىنچىسى ھالال كەسىپتىن تاپقان مال ، ئۈچۈنچىسى ياخشى قىلىق ۋە ساھىپ جاماللىق .
سۇ ئال :سادىق دوستنىڭ ئالامىتى نېمە ؟
جاۋاپ :دوستقا يار -يۆلەك بولماقلىق ۋە ئۆز دوستىنى يامانلىقتىن ياندۇرماقلىق ۋە توسماقلىق .
نۇشىرۋان ۋەزىرنىڭ جاۋابلىرىنى ئاڭلاپ ، ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقىدى ۋە ئىنتايىن كۆپ ئىنئام ئاتا قىلدى .
ئىزاھات
نۇشىرۋان ئادىل _مىلادىيە -يىلى قۇرۇلغان ئېران ساساننىيلار سۇلالىسىنىڭ-پادىشاھى نوشىرۋان بىننى قاباد. ئۇتارىختا ئۆزىنىڭ ئادالەت پەرۋەرلىكى بىلەن <<نوشىرۋان ئادىل &t;&t; دەپ نام ئالغان .
بۇزۇر جۇمھىرى نوشىرۋاننىڭ ۋەزىرى بۇلۇپ ، زامانىسىنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى ۋە دانىشمەن ئىدى ئۇ ھىندى تىلىدا يېزىلغان بىر مۇنچە كىتابلارنى پەھلىۋى تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ساسانىيلار مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان .
سىررى نىھان _ يۇشۇرۇن سىرلار.
ئاپىيەتمەندلىك_سالامەتلىك .
سۈلۈك _ئېقىم .
كەم ئازارلىق _باشقىلارغا ئازار بەرمەسلىك .
مەزمۇم _ خار،سۆكۈلگەن .
دۇئايى بەد _ يامان دۇئا ،قارغىماق .
ئارىپ _بىلگۈچى ،تۇنۇغۇچى .
رەپىق _يولداش .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |