سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان قىز
سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان قىز، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ناھايىتى ياۋايى، ئەمما سىزگە ناھايىتى مۇلايىم، كۆپ كۆز ياش تۆكىدۇ.
سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان قىز، دائىم سىزنى تاماكا چىكىشتىن توسىدۇ، گەرچە سىزنىڭ تاماكىنى تاشلىيالمايدىغانلىقىڭىزنى بىلسىمۇ، يەنىلا سەۋىرسىزلىك بىلەن سىزگە ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.
سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان قىز، ھەرۋاقىت سىزنىڭ نىمە ئىش قىلۋاتقانلىقىڭىزنى ئويلايدۇ. سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان قىز، ئۆيگە كەچ قالغانلىقىڭىز تۇپەيلى سىزدىن ئەنسىرەيدۇ، توختىماي سىزگە ئۇچۇر يوللايدۇ، تىلفۇن قىلىدۇ. تاكى تىلفۇننىڭ توكى تۈگىگىچە........
سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان قىز، سىزنىڭ پۇلىڭىزنى باشقۇرمايدۇ، ئەمما سىز ئۆزىڭىز خالاپ ھەممە پۇلنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىسىز.
سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان قىز، سىزنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا باشقا قىزلارنى چىرايلىق دەپ ماختىشىڭىزنى خالىمايدۇ. گەرچە ئۇ كۆڭلىدە ئۇ قىزنىڭ چىرايلىق ئىكەنلكىنى ئىتراپ قىلسىمۇ، ئەمما سىزنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا ماختىشىڭىزغا يول قويمايدۇ.
سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان قىز، سىزگە ئەڭ ياخشى يىمەكلىكلەرنى بىرىدۇ، چۇنكى ئۇ ئەڭ ياخشى نەرسىلەردىن سىز بىلەن تەڭ بەھىر ئىلىشنى خالايدۇ.
سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان قىز، سىز ئۇنىڭغا ئاچچىقلىغان ۋاقىتتا سۈكۈتتە تۇرىدۇ، قىزىرىپ، ئىغىزلىرىنى دومسايتىپ، سىزنىڭ كىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياسىشىڭىزنى كۈتىدۇ.
سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان قىز، بەزىدە سىزنىڭ ئالدىڭىزدا غەزەر ئۇقمايدىغان، ئەركە، نايناق بولىۋالىدۇ.
سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان قىز، سىزنىڭ دوسلىرىڭىز ئالدىدىكى يۈز ئابروۇيىڭىزغا ئالاھىدە ئىتبار بىرىدۇ.
سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان قىز، سىزگە ئاچچىقلىمايدۇ، ھەمىشە يالغاندىن ئاچچىقلىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. ئىككى ئىغىز ياخشى گەپ قىلىپ قويسىڭىزلا خۇشال بولۇپ كىتىدۇ.
سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان قىز، سىز ئۇنىڭ بىلەن باشقا ئوغۇللار توغرىسىدىكى گەپلەرنى ئىيىتقاندا كۆز ياشلىرىنى يامغۇردەك تۆكىدۇ.
سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان قىز، سىز بىلەن ئۆتكەن ھەر بىر ئەھمىيەتلىك كۈننى ئىسىدە چىڭ ساقلايدۇ، ھەمدە سىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.
سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان قىز، سىز بىلەن ئورتاق بىر ئارزۇدا بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ سىز بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولۇش.
سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان قىز، سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ئارىلىشۋالمايدۇ، ئۇ مەڭگۈ سىزنىڭ ئارقىڭىزدىكى ئايال بولۇشنى خالايدۇ.
سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان قىز، ھەممە ئىشلىرىدا سىزنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بىردىنبىر ئەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
مەنبە: مەجنۇنيار تور خاتىرىسى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |