ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
قىسقا يوپكا ۋەقەسى


قىسقا يوپكا ۋەقەسى


 

ئەنگلىيە
لوندوندىكى تايمۇس دەرياسى بويىدىكى چېركاۋ مەيدانىدا ، بىر ئەنگلىيىلىك ئەر ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر ئەنگلىيىلىك بويتاق ئايالنىڭ قىسقا يوپكىسىنى يىرتىپ قويىدىكەن. ئەنگلىيىلىك ئەر ئېغىز ئاچقۇچە ، ھېلىقى ئەنگلىيىلىك بويتاق ئايال قولىدىكى گېزىت بىلەن ئىتتىك يىرتىلغان يېرىنى يېپىۋېلىپ قىزارغان ھالدا: " ئەپەندىم ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويالامسىز؟ ئۆيۈم مۇشۇ ئەتراپتا ..." دەيدىكەن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەنگلىيىلىك ئەر دەرھال چاپىنىنى سېلىپ ئايالغا يېپىپ قويۇپ ، تاكسى چاقىرىپ ئايالنى ئۆيىگە بىخەتەر ئاپىرىپ قويىدىكەن.


 

ئامېرىكا
نيۇ يورۇكتىكى ئادەملەر توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان دەۋر مەيدانىدا، بىر ئامېرىكىلىق ئەر ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر ئامېرىكىلىق بويتاق ئايالنىڭ قىسقا يوپكىسىنى يىرتىپ قويىدىكەن. ئامېرىكىلىق ئەر ئېغىز ئاچقىچە ، ھېلىقى ئامېرىكىلىق بويتاق ئايال دەرھال يانچۇقىدىن بىر پارچە ئىسىم كارتۇچكىسىنى چىقىرىپ " بۇ ئادۋوكاتىمنىڭ تېلېفونى،ئۇ سىزنى تېپىپ بۈگۈنكى ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ، ئىدىيىدە تەييارلىق قىلىپ قويارسىز، خوش سوتتا كۆرىشەيلى" دەپ، ئامېرىكىلىق ئەرنىڭ ئىسمى ۋە تېلېفونىنى يېزىۋېلىپ كېتىپ قالىدىكەن.


 

ياپونىيە
توكيودىكى ئادەملەر توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان گىنزا مەيدانىدا بىر ياپونىيەلىك ئەر ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر ياپونىيەلىك بويتاق ئايالنىڭ قىسقا يوپكىسىنى يىرتىپ قويىدىكەن. ياپونىيەلىك ئەر ئېغىز ئاچقۇچە، ھېلىقى ياپونىيەلىك بويتاق ئايال گرادۇسلۇق تەزىمدىن بىرنى قىلىپ:"ناھايىتى ئەپسۇس سىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەردىم، ھەممىسى مۇشۇ سۈپەتسىز يوپكىنىڭ كاساپىتى....." دىگەچ يىرتىلىپ كەتكەن يوپكىسىنى ئىلغۇچتا ئىلىۋېلىپ كېتىپ قالىدىكەن.


 

فرانسىيە
پارىژدىكى دۇنياغا مەشھۇر زەپەر دەرۋازىسى مەيدانىدا، بىر فرانسىيىلىك ئەر ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر فرانسىيىلىك بويتاق ئايالنىڭ قىسقا يوپكىسىنى يىرتىپ قويىدىكەن. فرانسىيىلىك ئەر ئېغىز ئاچقۇچە، ھېلىقى فرانسىيىلىك بويتاق ئايال قاقاقلاپ كۈلگەچ ئىنچىكە قوللىرىنى ئەرنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ تۇرۇپ : "ئەگەر مالال كۆرمىسىڭىز ماڭا بىر تال ئەتىر گۈل سوۋغا قىلىپ، مېنىڭدىن ئەپۇ سورىسىڭىز قانداق؟" دەيدىكەن بۇ گەپنى ئاڭلىغان فرانسىيىلىك ئەر دەرھال گۈل دۇككىنىدىن بىر تال ئەتىرگۈلنى ئېلىپ چىقىپ، ئايالنى قەھۋەخانىغا بېرىپ بىر قەدەھ ئىچىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلىدىكەن. ئاندىن داۋاملىق تۈردە قىسقا يوپكا توغرىسىدا پىكىرلىشىدىكەن.


 

جۇڭگو
 بېيجىڭدىكى ئادەم دېڭىزىدەك تيەنئەنمىن مەيدانىدا ، بىر ئەر ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر بويتاق ئايالنىڭ قىسقا يوپكىسىنى يىرتىپ قويىدىكەن. ئەر ئېغىز ئاچقۇچە، ھېلىقى بويتاق ئايال ئەرنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالىدىكەن - دە ، ئەرنىڭ ياقىسىغا چىڭ ئېسىلىپ تۇرۇپ : ھۇ لۈكچەك ماڭا نىيىتىڭنى بۇزغىدەك بولدۇڭمۇ ، يۈرە غا بارىمىز " دەيدىكەن.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203